باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

ئاجايىپ كەشپىياتلار

ئىقتىدارلىق ئەخلەت ساندۇقى

      نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىراشچىلىقتا ئەخلەتنى ئەخلەت ساندۇقىغا چۆرۈۋېتىپلا كېتىدۇ. ئەخلەتلەر ساندۇق ئەتراپىغا چېچىلىپ مەينەتلىشىپ كېتىدۇ. ئىقتىدارلىق ئەخلەت ساندۇقى سىگنال بېرىپ كىشىلەرنىڭ بۇ خىل بىپەرۋالىقىنى دەل ۋاقتىدا تۈزىتىدۇ.

 

ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش پورتمالى

      ئوغرى پورتمالىڭىزنى ئۆتكۈر تىغ بىلەن كېسىۋاتقاندا ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش پورتمالى دەرھال كۈچلۈك ئېلېكتىر دولقۇنى تارقىتىدۇ، پۇت – قولىدا جان قالمىغان ئوغرى قولىنى تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

 

      پۇل پەرقلەندۈرەلەيدىغان يانفون

     يانفون بارغانسېرى ئومۇملاشتى، پۇلنىڭ ساختا ياكى ساختا ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئۈسكۈنە ئورنىتىلغان يانفوننىڭ ئالدىغا پۇلنى ئەكەلسىڭىزلا پۇلنىڭ ساختا ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيسىز.

 

سۈزۈك ئايروپىلان

      يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سۈزۈك ماتېرىيالدا ياسالغان ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلار ئۆزىنى خۇددى كۆكتە ئۇچۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.

 

ماشىنا ياپقۇچ

      ماشىنىلارنىڭ كەينى تەرەپ ئاستىغا بىر ياپقۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ ئۇنى تارتسىڭىزلا ئېچىلىپ ماشىنا ناھايىتى ھىم يېپىلىدۇ، ئاپتاپ، يامغۇرلارنىڭ ماشىنىڭىزنى كونىرىتىۋېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

زەنجىرلىك دوسكا

      زەنجىرلىك دوسكىنى خالىغانچە ھەرىكەتلەندۈرۈپ پاكىز تەرىپىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان ئۆچۈرگۈچ خەتلەرنى پاكىز ئۆچۈرۈپ تۇرىدۇ، بور توزىمايدۇ، ناھايىتى پاكىز.

 

قاتلىنىدىغان قاچا

      قاتلىنىدىغان، ئالتە تەرەپلىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قاچىنى تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى قاچىلاردىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن، بىر قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان قاچىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ كۆپ ئېنېرگىيەنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

 

دىدار تېلېۋىزورى

      تېلېۋىزور بىلەن كومپيۇتېر ئېكرانىنى چاتسا چوڭلار خالىغان چاغدا تېلېۋىزورنى ئېچىپ يىراقتىكى بالىلىرى بىلەن دىدارلىشالايدۇ.

 

چوڭلار يانفونى

      چوڭلار يانفونى يانفون ئىشلەتكۈچىنىڭ قان بېسىمى ۋە يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچەپ خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلسە دەل ۋاقتىدا ئىگىسىگە مەلۇم قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىكىتىلگەن دوختۇرخانىلارغا يوللايدۇ.

 

بىخەتەر ئىقتىدارلىق چاق

      بۇ چاق كۆپ قاتلاملىق ئىندۇكسىيە ماتېرىيالىدىن ياسالغان بولۇپ چاق ئېتىلغان، مىخ سانجىلغان ياكى كونىراپ كەتكەن بولسا دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ ماشىنا ئېكرانىدا كۆرسىتىدۇ.

 

ئاۋازلىق پەلەي

      گاس – گاچىلارنىڭ تىلى تەرجىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يۈرۈش پىروگراممىنى ئاۋازلىق پەلەيگە ئورۇنلاشتۇرغاندا ئارىمىزدىكى ئالاقىنى قولايلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

 

جىددىي قۇتقۇزۇش بوتۇلكىسى

      تاسادىپىي يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئاپەتلەردە تازىلانغان بىر بوتۇلكا سۇ ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزالايدۇ. بۇ بوتۇلكىغا دورا قاچىلانغان بولۇپ مەينەت سۇنى ئىچىملىك سۇغا ئايلاندۇرالايدۇ.

 

كېچىدە يورۇيدىغان ساپما كەش

      كېچىدە ئورنىمىزدىن تۇرغاندا چىراغ يېقىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، كېچىدە يورۇيدىغان ساپما كەشنى دەرھال تاپالايسىز، تېخى ئۇ سىزگە يەنە قايسى پۇتىڭىزنىڭ ئىكەنلىكىنىمۇ پەرقلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

 

قولايلىق يىپ

      تاللا بازىرىدىن نەرسە – كېرەك سېتىۋالغاندا تەييار چۆپتىن بىر يەشىك سۈتكىچە بولغان نەرسىلەرنى بىر تال ئىنچىكە ھەم پۇختا يىپ بىلەن باغلىۋالساق سۇلياۋ خالتا ئىشلەتمىسەكمۇ بولىدۇ، كۆتۈرۈپ مېڭىش ناھايىتى قولاي.

 

بىخەتەر گاز ئوچاق

      تاماق ئەتكەندە قازانغا ئوت كېتىدىغان ئىشلار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. بىخەتەر گاز ئوچاق ئىشلەتكەندە قازاننىڭ تېمپېراتۇرىسى بىخەتەرلىك سىگنالى بېرىش باسقۇچىغا يەتكەندە گاز تۇرۇبىسى ئاپتوماتىك ئېتىلىپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

       قۇتلۇق قۇدرەت (پىراكتىكانت) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر