باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

سىگنال بېرىدىغان چىش چوتكىسى

      ھەممە ئادەمنىڭ چىشىنى قۇرت يەيدۇ، ئەمما ھېچكىم دەرھال بايقىيالمايدۇ. بىر قېتىم چوكا مۇز يەۋاتسام تۇيۇقسىز چىشىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن دوختۇر چىشىمنى قۇرت يېگەنلىكتىن چىش نېرىپىنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى، سوغۇق ياكى ئىسسىق نەرسىلەرنى يېگەندە مۇشۇنداق ئاغرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ ئىشتىن كېيىن قۇرت يېگەن چىشقا سەل قارىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، چىشنىڭ قۇرت يېگەنلىكىنى دەل ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ سىگنال بېرىدىغان چىش چوتكىسى كەشىپ قىلىشنى ئويلىدىم.

      سىگنال بېرىدىغان چىش چوتكىسىنىڭ سىرتقى شەكلى ئادەتتىكى چىش چوتكىلىرىغا ئوخشايدۇ. ئەمما، تۇتقۇچىغا مىكرو كومپيۇتېر سىستېمىسى، ئۈستىگە كۆرسەتكۈچ ئېكران ئورنىتىلغان. ئۇ چىشنى چوتكىلاپلا قالماي يەنە سېزىم تارقىتالايدۇ. بۇنداق چىش چوتكىسىدا چىشىڭىزنى چوتكىلىسىڭىز ئۇ ‹‹دىت – دىت›› ئاۋاز چىقىرىپ قەيەرنى پاكىز چوتكىلىمىغانلىقىڭىزنى ۋە قايسى چىشىڭىزنى قۇرت يېگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتىشىڭىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

 

      قۇتلۇق قۇدرەت (پىراكتىكانت) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر