باش بەت | پەن– تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

چوڭ مېڭىگە ئۆزەك ئورنىتىش

      ساۋاقداشلار كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا دائىم چوڭ مېڭىسىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ كومپيۇتېردەك بولۇپ قالمىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ.

      ئامېرىكىلىق ئالىم بوگ ھازىر مۇشۇ تېمىنى تەتقىق قىلماقتا. ئۇ چاشقاننى كۆزىتىپ تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ تىلىنى چۈشەنگەن. ئۇ لايىھىلەپ چىققان كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان، يەنە ئۆزەكنى مەخسۇس مۇشۇ سىستېمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن لايىھىلەپ چىققان. يېقىندا ئۇ چاشقاننىڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئۆزەكنى كۆرگەزمە قىلغان. ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە تىرىك چاشقان ئۈستىدە بۇ خىل ئۆزەكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بولسا ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىگە كومپيۇتېرغا ئوخشاش ئۆزەك ئورنىتىش ئىكەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر