باش بەت | پەن– تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

نۇسخىلىغىلى بولمايدىغان قەغەز

      گېردىيو كانادادىكى بىر شىركەتنىڭ ئاددىي خىزمەتچىسى ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئىشخانىسىدا دىققەتسىزلىكتىن بىر بوتۇلكىنى ئۆرۈۋېتىپ، بوتۇلكىدىكى سۇيۇقلۇق ئەمدىلا نۇسخىلاي دەپ تۇرغان مۇھىم ھۆججەتكە تۆكۈلۈپ كەتكەن. سىنچىلاپ قارىسا ئويلىمىغان يەردىن ھۆججەتنىڭ سۇيۇقلۇق تۆكۈلگەن يېرىدىكى خەت ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنگەن. ئەپسۇس، نۇسخىلىغاندىن كېيىنكى ھۆججەتنىڭ سۇيۇقلۇق تۆكۈلگەن يېرىدە چېكىت – چېكىت قارا داغدىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمىگەن.

      نۇسخىلانغان نورمال ھۆججەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن گېردىيو ناھايىتى كۆپ باش قاتۇرۇپمۇ ھېچقانداق ئامال تاپالمىغان. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا باشقىچە ئوي كەلگەن. نۇسخىلاش ماشىنىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان كىشىلەر دائىم ھۆججەتلىرىنىڭ ئوغرىلىقچە نۇسخىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ كېلىۋاتاتتى، بۇ سۇيۇقلۇق ئاساسىدا ھۆججەتلەرنى ئوغرىلىقچە نۇسخىلاشتىن ساقلايدىغان ئالاھىدە نەرسە ياسىغىلى بولامدۇ؟

      ئۇ تەتقىقاتنى باشلىغان. بىر مەھەل تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئۇ ئاخىر نۇسخىلىغىلى بولمايدىغان توق قىزىل رەڭلىك قەغەز ياساپ بازارغا سالغان. بۇ خىل قەغەز نۇسخىلاش ماشىنىسى ئىچىدىكى چىراغ نۇرىنى سۈمۈرۈۋالغاچقا نۇسخىلانغان ھۆججەت ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىغان، قاپقارا چىققان. بۇ خىل قەغەزگە ھۆججەتنى نۇسخىلىغىلى بولمىغىنى بىلەن خەت يازغىلى ۋە باسقىلى بولىدۇ. بۇ خىل قەغەز كەشىپ قىلىنىپلا بازار تېپىپ بىر يىلدا 26 مىليارد 500 مىليون ۋاراق سېتىلىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر