باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىم نۇتۇقى

غايە ۋە مەن

ئايىمگۈل غېنى

      غايە، سەن كۆكتە چاقنىغان يۇلتۇز، سېنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشىلەر ساڭا يېتىش ئۈچۈن توختىماي يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، تاكى ساڭا يەتكۈچە...

      غايە، سەن مەڭگۈ يالقۇنجاپ كۆيىدىغان نۇرلۇق شام، سەن قاراڭغۇدا ئېزىپ قالغان كىشىلەرگە داغدام يولنى كۆرسىتىپ بېرىسەن، ئۇلار ئاخىرقى نىشاننى تاپقۇچە...

      غايە، سەن كىشىلىك ھاياتتىكى ماياك، سېنى ياندۇرۇشنى بۈيۈك ئارمان قىلغانلار ئۈچۈن ھەرۋاقىت يېنىپ تۇرىسەن، تاكى ئۇلار سېنىڭ سېھرىي كۈچۈڭنى تونۇپ يەتكۈچە...

      غايە، سەن سۈبھىدە كۆتۈرۈلگەن قۇياش، ھاياتنى قىزغىن سۆيگەنلەرنىڭ يولىنى يورۇتىسەن، تاكى ئۇلار مەنزىلىگە يەتكۈچە...

      غايە، سەن سانسىز يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇرغان ئاسماندا كۈلۈپ تۇرغان تولۇن ئاي، سەن توختىماي جىلۋە قىلىپ يىتۈك ئارمانلارغا ئاتلانغان كىشىلەرنى ئۆزۈڭگە مەپتۇن قىلىسەن، تاكى ئۇلار سېنىڭ ۋىسالىڭغا يەتكۈچە...

      غايە، سەن ماڭا پارلاق كېلەچەكنى كۆرسەتتىڭ، ماڭا تاغ – داۋانلاردىن ئاشىدىغان قەيسەرلىك، جاسارەت ئاتا قىلدىڭ، قانداق ياشاشنى ئۆگەتتىڭ، ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇتتۇڭ.

      غايە، سەن مېنىڭ ھاياتىم، روھىي ئوزۇقۇم، مەن سېنى مەڭگۈ قوغلىشىمەن، سېنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچە...

      (ئاپتور ئاقتۇ ناھىيەسى جامالتېرەك ئوتتۇرا مەكتىپى 8 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

      يېتەكچى: ئىسمايىل قەلەم

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر