باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىم نۇتۇقى

يەر شارىنىڭ سىرىنى ئاچايلى

      ساۋاقداشلار، قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ ئېگىز يەر بىلەن دېڭىز ئاستىدىكى ئەڭ چوڭقۇر يەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ يەر شارىدىكى ئۈچ چوڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ھەممىمىز بىرلىكتە يەر شارىنىڭ سىرىنى ئاچايلى!

      بىز يەر شارىنى ئىنسانلارنىڭ ئانىسىغا ئوخشىتىمىز. مىليون يىللاردىن بېرى يەر شارى ئىنسانلارنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ ئىنتايىن جەلىپكار پېلانىتا. يەر شارىنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بار. مەسىلەن، يەر شارىنىڭمۇ ‹‹بۆرىكى››، ‹‹ئۆپكىسى››، ‹‹قېنى›› بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قانداق رولى بار؟

      سازلىق، ئورمانلىق ۋە دېڭىز – ئوكيان يەر شارىنىڭ ئۈچ چوڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى. سازلىق يەر شارىنىڭ ‹‹بۆرىكى›› بولۇپ سۇ بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ ئۆزئارا تەسىر قىلىشىدىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك سىستېما، نەملىكتە ياشايدىغان جانلىق ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ياشاش ماكانى. بۈك – باراقسان ئورمانلىق يەر شارىنىڭ ‹‹ئۆپكىسى››، ئورمانلىقتىكى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق كاربون (IV) ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ كۆپ مىقداردا ئوكسىگېن چىقىرىدۇ ھەمدە ئاتموسفېرادىكى كاربون (IV) ئوكسىد بىلەن ئوكسىگېننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ سانسىزلىغان جانلىق ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى پەرۋىش قىلىدۇ. پايانسىز دېڭىز – ئوكيان يەر شارىنىڭ ‹‹قېنى››، ئۇ يەر شارىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ يەر شارىدىكى جانلىقلارغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە ‹‹كۆك رەڭلىك زېمىن›› دېگەن چىرايلىق نامىمۇ بار.

      تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتىكى غايەت زور رولىغا سەل قاراپ يەر شارىنى ‹‹گاڭگىرىتىپ›› قويماقتا. مەسىلەن، سازلىقنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كىچىكلىمەكتە، ئورمانلىقتىكى دەل – دەرەخلەر كەڭ كۆلەمدە كېسىلمەكتە، دېڭىز – ئوكيانلارمۇ زور دەرىجىدە بۇلغانماقتا.

      ساۋاقداشلار، 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ‹‹دۇنيا يەر شارى كۈنى››. بۇ كۈن كېلىش ئالدىدا بىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئەزىز تۇپراققا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرايلى!

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر