باش بەت | بالىلارساغلاملىقى

بالىلار يېتىپ دۇرا يېسە بولمايدۇ

       بالا ئاغرىپ قالسا ئاتا - ئانا بولغۇچىلار تۈرلۈك چارىلەر بىلەن ئۇنى ساقايتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ، ھەتتا بالىغا بېرىلگەن دورىنىمۇ بالىنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ تۇرۇپ ئىچۈرىدۇ. ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.

      بالىغا دورىنى ياتقۇزۇپ تۇرۇپ ئىچۈرگەندە، دۇرا تابلېتكىسى بالىنىڭ قىزىلئۆڭگىچىدە ئوڭايلا توختاپ قېلىپ، قىزىلئۆڭگەچ دىۋارىنى غىدىقلايدۇ ھەمدە زەخمىلەندۈرىدۇ؛ بەزىدە دورىلارنىڭ بەدەنگە شۈمۈرلۈشىنى كېچىكتۈرۈپ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

      ئۇنداقتا، بالىلارغا دورا ئىچۈرگەندە قايسى خىل ھالەتتە تۇرغۇزۇپ دورا ئىچۈرسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى بالىلارغا دورىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ ياكى ئولتۇرغۇزۇپ ئىچۈرۈش لازىم. بالىغا دورا ئىچۈرگەندە مەلۇم مىقداردا قايناق سۇ ئىچۈرۈش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولسا ياكى بالا ئوپراتسىيە قىلىنغان بولۇپ، يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇلدا دورا ئىچۈرۈشكە بولمىسا، دورىنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ تەڭشەپ ئىچۈرۈش لازىم.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر