باش بەت | بالىلارساغلاملىقى

بالىلار ۋە ئالتە خىل يېمەكلىك

      كېلا تۈردىكى ئىچىملىكلەر. بۇ خىل ئىچىمىلىكىلەر تەركىبىدىكى كوفېئىن مەركىزى نېرۋا سىستېمىسنى كۈچلۈك غىدىقلاش رولنى ئويناپ، بالىلارغا يۇشۇرۇن زىيان يەتكۈزىدۇ.

      ئېتىلدۇرۇلغان گۈرۈچ. بۇنىڭ تەركىبىدە قوغۇشۇن مىقدارى يۇقىرى بۇلۇپ، نېرۋا ھەزىم قىلىش يوللىرى، قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ھەتتا بالىلاردا قوغۇشۇندىن زەھەرلنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

       مېھرىگىياھ . بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەر ئىلگىرى سۈرۈش خاراكتېردىكى گورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش رولنى ئويناپ، بالدۇر بالاغەتكە يېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ نۇرمال ئۆسۈشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

       سېغىز. سېغىزنىڭ تەركىبىدە ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش خۇرۇچى قاتارلىق كۆپ خىل خۇرۇچلار بۇلۇپ بۇنىڭ ھەممسى مىكرو مىقىداردا زەھەرلەش خۇسۇسيىتىگە ئىگە.

       پالەك. پالەكنى بالىلارغا كۆپ ئىستېمال قىلدۇرغاندا، بەدەندە كالتسىي يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۇستىخان ۋە چىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، بۇيى ئۆسمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      شېكەر جەۋھىرى. بالىلارغا شېكەر جەۋھىرىنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلدۇرغاندا، قان ئېلاستىكىلىقىنى ئازايتىپ بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بۆرەك، مېڭە، دوۋساق قاتارلىق ئىچكى ئەزالارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر