باش بەت | چەتئەل ئەدەبىياتى

لىڭگىرتاقتاق ۋە تىڭشىغۇچ

      1816– يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ناك دوختۇرخانىسىدىن بوي – تۇرقى كېلىشكەن ئېگىز بىر دوختۇر چىقىپ كەپتۇ، ئۇنىڭ ئىسمى لېرناك (1781 – 1826) بولۇپ، قاپىقى تۈرۈلگەن ھالدا بىر خىل ئەسۋاب كەشپ قىلىپ، كېسەلنىڭ يېنىدا تۇرۇپ يۈرىكىنىڭ سوقۇشىنى ۋە نەپەس ئېلىش ئاۋازىنى ئاشۇ ئەسۋاب بىلەن ئاڭلاشنى ئويلاۋاتقانىدى.

      بىر كۈنى لېرناك كىچىك قىزىنى ئېلىپ، سەيلى ئۈچۈن باغچىغا كىرىپتۇ، باغچىدا كېتىۋېتىپ كۆزى بىردىنلا لىڭگىرتاقتاق ئويناۋاتقان ئىككى بالىغا چۈشۈپ قاپتۇ. بۇ بالىلارنىڭ بىرسى لىڭگىرتاقتاقنىڭ بىر بېشىدا قۇلىقىنى ئۇنىڭ تاختىسىغا مەھكەم يېقىپ تۇرۇپتۇ؛ يەنە بىرسى بولسا، يەنە بىر بېشىدا تۇرۇپ، قولىدىكى مىخ بىلەن تاختاينى ئاستا سىزىپ، ‹‹ئاڭلىدىڭمۇ›› دەپتۇ، قولىقىنى يېقىپ تۇرغىنى ‹‹ئاڭلىدىم، شۇنداق ئېنىق ئاڭلىدىم›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

لېرناك بۇ ئىشقا قىزىقىپ، بۇ ئىككى بالا كەتكەندىن كېيىن، قولىقىنى لىڭگىلتاختاقنىڭ بىر تەرىپىدىكى تاختايغا چىڭ يېقىپ قىزىنىڭ قولىغا ئاچقۇچنى بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىكى تاختاينى ئاستا سىزىشقا بۇيرۇپتۇ. قىزى ئاچقۇچ بىلەن سىزغانىكەن، راست دېگەندەك ‹‹تىڭ، تىڭ›› قىلغان ئاۋاز ئېنىق ئاڭلىنىپتۇ.

      ئۇ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ مۇنداق بىر داۋلىنى چۈشىنىپتۇ: ئاۋاز ھاۋا ئارقىلىق تەرەپ – تەرەپكە تارقىلىدۇ، ئارىلىق يىراق بولسا، ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ، ئەگەردە ئاۋازنى ياغاچ نەيچە ياكى باشقا نەيچە بىلەن يەتكۈزگەندە، ئاۋاز تەرەپ – تەرەپكە تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچ قاتارلىق جىسىم ئارقىلىق ئاۋاز يەتكۈزگەندە بۇنىڭ ئىقتىدارى ھاۋاغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ، زىيانمۇ كۆپ بولمايدۇ، ئارىلىق يىراقراق بولغان تەقدىردىمۇ يىراقتا تۇرۇپ ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلاشقا بولىدۇ.

      دوختۇرخانىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، لېرناك بىر تال ئۇزۇن تاياقنى تېپىپ، بىر ئۇچىنى كېسەلنىڭ كۆكسىگە قويۇپ، يەنە ئۇچىنى ئۆزىنىڭ قۇلىقىغا تىقىپتىكەن، راست دېگەندەك كېسەلنىڭ يۈرىكىنىڭ سوققان ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىپتۇ. كېيىن لېرناك ياغاچ نەيچىنىڭ تاياققا قارىغاندا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ – دە، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ياغاچ نەيچە ئىشلىتىدىغان بوپتۇ.

      دوختۇرلار ئىشلىۋاتقان تىڭشىغۇچ شۇنىڭدىن كەلگەنىكەن.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرى تەھرىر: ئاينۇر