باش بەت | بالىلارساغلاملىقى

بالىلارغا مېۋە - چىۋە بەرگەندە

      مېۋە يېيىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت: ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، بالىلارغا چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بىرەر تال ئالما ياكى ماندارىن بېرىش كېرەك.

      بەدەننىڭ تىپىگە ماس كېلىش: ئىسسىقچان، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان بالىلارغا ئەڭ ياخشىسى تەبىئىيىتى سوغۇق مېۋىلەردىن نەشپۈت، تاۋۇز، بانان، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك. ۋىتامىن A، ۋىتامىن Cغا ئېھتىياجلىق بالىلارغا كۆپرەك ئۆرۈك، قوغۇن ۋە ئاپلىسىن بېرىش كېرەك.

      زۇكام بۇلۇپ يۆتىلىپ قالغاندا: نەشپۈتنى ناۋات بىلەن قوشۇپ، دۈملەپ پىشۇرۇپ سۈيىنى ئىچكۈزۈش كېرەك، ئەمما ئىچى سۈرۈپ قالغاندا نەشپۈت بېرىشكە بولمايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارغا مېۋىنى جىق بەرمەسلىك ياكى شېكەر مىقدارى تۆۋەن مېۋىلەرنى تاللاپ بېرىش كېرەك.

      بىر قېتىمدا جىق يېگۈزمەسلىك: مېۋە تەركىبىدە شېكەر كۆپ بولغاچقا  جىق ئىستېمال قىلىۋەتسە ئىشتىھا تۇتۇلۇپ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان مېۋىنىڭ تۈرى ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .

      تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش: مېۋىلەرنى يېيىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇۋېتىپ سۇدا 30 مىنۇت تۇرغۇزۇش ياكى ئازراق تۇز سېلىنغان سۇدا 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ ئاندىن يۇيۇۋېتىپ بېرىش، ئاقلايدىغان مېۋىلەرنىمۇ پاكىز ئاقلاپ بېرىش كېرەك.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر