باش بەت | چەتئەل ئەدەبىياتى

بىر سومكا زىننەت بۇيۇمى

      فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ھەشەمەتلىك كاتتا بىر مېھمانخانا.

      بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى مېھمانخانىنىڭ جىڭلىسى ساقچى ئىدارىسىغا مېھمىنىمىز سانا خېنىمنىڭ نۇرغۇن قىممەت باھالىق زىننەت بۇيۇمى سېلىنغان سومكىسىنى ئوغرى ئالدى، دەپ دېلو مەلۇم قىپتۇ.

      بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ساقچى باشلىقى خارگېن يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ئەتراپنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، سانا خېنىمنى چاقىرتىپ ئەنزىنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ.

      سانا خېنىم شىركەتكە ۋەكىل بولۇپ بىر خەلقئارا كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنىكەن. ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا مۇشۇ مېھمانخانىغا كەپتۇ، ئۇنىڭ قول سومكىسىدا نۇرغۇن ئېسىل زىننەت بۇيۇملىرى بار ئىكەن. ئىككىنچى قەۋەتنىڭ ئايال كۈتكۈچىسى ئۇنىڭ قولىدىن سومكىنى ئېلىپ كارىۋاتنىڭ بېشىدىكى ئىشكاپقا سېلىپ قويغانىكەن.

      – خېنىم، نېمە لازىم بولسا تاپشۇرۇۋېرىڭ، – دەپتۇ ئايال كۈتكۈچى ئىنتايىن سەمىمىي ھالدا.

      باشقا ئىشىم يوق، ئەتە ئەتىگەندە بىر قاچا ئىسسىق سۈت ئەكىرىپ بېرىڭ، – دەپتۇ سانا خېنىم.

      ئۇخلاشتىن بۇرۇن سانا خېنىم زىننەت بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپتىكەن، ھەممىسى ئۆز پېتى تۇرۇپتۇ.

      ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئايال كۈتكۈچىنىڭ سۈت ئەكىرىپ بېرىشىنى ئۇقتۇرۇپتۇ – دە، ئۆزى يۈز يۇيىدىغان ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. چىشىنى چوتكىلاپ بولۇپ، يۈزىنى يۇياي دەپ تۇرۇشىغا ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپتىكەن، كۈتكۈچى ئايال سۈت ئەكىرگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماپتۇ. يۈزىنى سوپۇنلاپ بولۇپ، چايقاي دەپ تۇرۇشىغا سىرتتىن ‹‹ۋاي›› دەپ چىقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ‹‹گۈلدۈر›› قىلغان بىر ئاۋۇز ئاڭلىنىپتۇ. سانا خېنىم يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسا ئايال كۈتكۈچى ھوشسىز يەردە ياتقان، پىشانىسىدىن قان ئېقىۋېتىپتۇ. كارىۋاتنىڭ بېشىدىكى ئىشكاپقا قاراپتىكەن، قول سومكىسى كۆرۈنمەپتۇ، ئۇ بۇ ھالنى كۆرۈپ قېتىپلا قاپتۇ ...

      ساقچى باشلىقى خارگېن سانا خېنىمنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ھوشىغا كەلگەن ئايال كۈتكۈچىنى يوقلاپ بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا باياتىنقى ئەھۋاللارنى بىر قۇر سۆزلەپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ.

      – باياتىن، – دەپتۇ بېشى ئازراق يارىلانغان ئايال كۈتكۈچى ناھايىتى قىينالغان ھالدا، – سانا خېنىمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن بىر قاچا سۈت ئېلىپ كىرگەنىدىم. بىراق، ئىشىكتىن كىرىشىمگە كەينىمدىن سوغۇق شامال ئۇرۇلغاندەك قىلدى، مەن ئۆرۈلۈپ بولغۇچە ئارقامدىن بىر ئەر كىشى كەلدى – دە، ماڭا ئېتىلىپ بىر مۇشت سالدى، مەن دەرھال يەرگە يېقىلدىم، بېشىم ئايلىنىپ ياتقاندا ھېلىقى ئەر كىشىنىڭ بىر سومكىنى كۆتۈرۈپ قاچقاندەك قىلغانلىقىنى كۆرگەندەك قىلدىم.

      – ئۇ ئادەمنىڭ چىرايى قانداق ئىكەن؟ – سوراپتۇ ساقچى باشلىقى.

      – ئېنىق كۆرەلمىدىم.

      ساقچى باشلىقى سوئالىنى توختىتىپ، كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسسىق سۈتنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ:

      – سانا خېنىم، سۈتىڭىزنى تېخى ئىچمەپسىزغۇ، – دەپتۇ.

      – توغرا، دېمىسىڭىز ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن.

      – خېىنىم، سوۋۇپ قالغاندۇ، مەن چىقىپ ئىسسىتىپ ئەكىرىپ بېرەي، – دەپتۇ ھېلىقى ئايال كۈتكۈچى سەمىمىي ھالدا.

      – كۈتكۈچى خېنىم، بولدى ئويۇنىڭىزنى ئەمدى ئاخىرلاشتۇرۇڭ، شىرىكىڭىزنىڭ كىملىكىنى تاپشۇرۇڭ، – دەپتۇ ساقچى باشلىقى مەسخىرە ئاھاڭدا.

      – ساقچى باشلىقى، بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ – ئايال كۈتكۈچىنىڭ چىرايىدا بىردىنلا قان قالماپتۇ.

      – سىز باياتىن، ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئارقامدىن بىر ئەر كىشى چىقىپ بىر مۇشت قويغانىدى، ئىشىك ئالدىغا يېقىلدىم، دېدىڭىز، بىراق بۇ لىق قاچا سۈت يەرگە تۆكۈلۈشنىڭ ئورنىغا كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپقا چىقىپ قاپتۇ، بۇ بىر مۆجىزە ئەمەسمۇ؟

      ئايال كۈتكۈچىنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ ھېچ نەرسە دېيەلمەي قاپتۇ.

      ئەسلىدە، ئۇ باياتىن ئۆيگە كىرگەندە، سۈتنى ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بولۇپ، سومكىنى ئېلىپ، ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئۆزى كېلىشىپ قويغان ئوغرىغا بېرىپتۇ، ئاندىن ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىپ قەستەن ھېلىقى ئوغرىغا بىر مۇشت ئۇرغۇزۇپتۇ.

      ساقچى باشلىقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى بىلەن ئايال كۈتكۈچى ئاخىر ئۆزىنىڭ شېرىكى ۋە قىممەت باھالىق زىننەت بۇيۇمى سېلىنغان سومكىنى تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرى تەھرىر: ئاينۇر