باش بەت | چەتئەل ئەدەبىياتى

ئاننانىڭ كارامىتى

      توكيونىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولىدا پويىز ئاخىرقى بېكەتكە يېتىپ كەپتىكەن، فرانسىيەلىك مۇخبىر ئاننا خېنىم قىستاپ يۈرۈپ بىرىنچى بولۇپ پويىزدىن چىقىپتۇ – دە، ناھايىتى ئالدىراشلىق بىلەن ساقچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

      – پورتمىلىمنى ئوغرى ئېلىۋالدى، ئاقتۇرۇشۇپ بەرسەڭلار، – دەپتۇ.

      ساقچىلار خۇددى ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرىدەك كەينى – كەينىدىن چىقىۋاتقان ئادەملەر توپىغا قاراپ، قاپىقىنى تۈرۈپ، قولىنى سىلكىپ ئىلاج قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:

      – خېنىم، كەچۈرۈڭ، بۇنچىۋالا يولۇچىنىڭ ھەممىسىنى بىر – بىرلەپ ئاختۇرالمايمىز، – دەپتۇ.

      – يېنىنى ئاختۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەرلەرنىڭ ئايىغىنى سالدۇرۇپ، پۇتىنىڭ دۈمبىسىگە قارىساقلا، ئوغرىنى تاپقىلى بولىدۇ، – دەپتۇ ئاننا.

      – بۇ قانداق بولغىنى؟

      – مەن ئوغرىنىڭ پۇتىنىڭ دۈمبىسىگە قاتتىق بىرنى دەسسىۋەتكەن، پۇتىنىڭ دۈمبىسىدە چوقۇم ئايىغىمنىڭ پاشىنىسىنىڭ ئىزى قالغان بولۇشى مۇمكىن.

       ئاننا پويىزنىڭ ئۆتۈشىدىغان يېرىدە قىستىلىپ يۈرگەندە، بۇرنىغا تاماكا پۇرىقى پۇراپتۇ، دەل شۇ چاغدا كەينى تەرەپتىن بىر ئەر كېلىپ قولىنى ئاننانىڭ يانچۇقىغا ئۇزىتىپتۇ. ئاننا توكيونىڭ لۈكچەكلىرى، يانچۇقچىلىرى ھەمىشە يەر ئاستى پويىزدا ئەنزە تۇغدۇرىدىكەن، كىمىكى شۇ مەيداندا ۋارقىرىسا، پىچاق يەيدىكەن دەپ ئاڭلىغانىكەن. شۇڭا ئاننا چارقىيالماي، ئالدىدىكى ئادەم ئىتتىرىۋەتكەندەك بولۇۋېلىپ، ھېلىقى ئادەمنىڭ پۇتىغا قاتتىق بىرنى دەسسىۋەتكەنىكەن ...

      ساقچىلار ئاننانىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، چىقىش ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ بىر – بىرلەپ ئەرلەرنىڭ ئايىغىنى سالدۇرۇپ تەكشۈرۈپتۇ. قارىسا، راست دېگەندەك بىر ئەر كىشىنىڭ سول پۇتىنىڭ دۈمبىسىدە قىزىل ئىششىق كۆرۈنۈپتۇ، بۇ ئىز ئاننانىڭ ئايىغىنىڭ پاشىنىسىنىڭ ئىزى بىلەن ئوخشاش چىقىپتۇ. ساقچىلار ئۇ ئادەمنى دىجورنىلار ئۆيىگە ئاپىرىپ ئاختۇرۇپتىكەن، ئاننانىڭ پورتمىلى چىقىپتۇ. ئەسلىدە، بۇ يانچۇقچى باياتىنقى قىستاقچىلىقتا ئاننانىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئاندىن ئاندىن پورتمالىنى ئوغۇرلىغانىكەن.

      كېيىن باشقىلار ئاننادىن سوراپتۇ:

      – ئۇ چاغدا سىز ئارقىڭىزدا تۇرغان ئەرنىڭ پۇتىغا دەسسەپسىز، ئۇنىڭ باشقا ئادەم بولماي، دەل سىزنىڭ پوتمىلىڭىزنى ئوغۇرلىغان ئوغرى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز؟

      – ئەگەر، – دەپتۇ ئاننا — باشقا ئادەمنىڭ پۇتىغا دەسسىگەن بولسام، ئۇ ئادەم ۋارقىراپ پويىزنى بېشىغا كىيىپ، مېنى ئەيىبلىگەن بولاتتى. لېكىن مەن پۇتىغا دەسسىگەن ئادەم غىڭ قىلالماي قالدى، بۇ ئۇنىڭ پوتمىلىمنى ئوغلىغان ئادەمنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ يامان ئىشىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۈن چىقىرالمىغان.

      – يارايسىز، سىز جىنايەتچىنىڭ پىسخىك ھالىتىگە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىپسىز. ئوغرىنىڭ پۇتىغا كېلىشتۈرۈپ دەسسىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، مۇشۇ دەسسەشنى ئاننانىڭ كارامىتى دېسەك بولىدىكەن، – دېيىشىپتۇ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانلار ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇپ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرى تەھرىر: ئاينۇر