باش بەت | چەتئەل ئەدەبىياتى

گۈمبەز ئۈستىدىكى پارس مۈشۈكى

      بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى.

      بىر كۈنى، كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر نېمىس كوماندىرى دۇربۇننى قولىغا ئېلىپ، ئالدى تەرەپتىكى فرانسىيە قوشۇنىنىڭ بازىسىغا قاراپ بىر پارس مۈشۈكىنىڭ يىراقتىكى گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.

      – قىزىق ئىش، بۇ مۈشۈك خۇددى كېلىشىپ قويغاندەك ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 – 9لاردا ئاشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئاپتاپسىنىدۇ، بۇ ئىشنىڭ داۋاملاشقىنىغا 4 – 5 كۈن بولۇپ قالىدى. بۇ ئىش زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ – سوراپتۇ ھېلىقى نېمىس كوماندىرى يېنىدا تۇرغان بۇرۇتلۇق كوماندىردىن.

      – بەلكى بۇ بىر ياۋا مۈشۈك بولسا كېرەك، – دەپتۇ ھېلىقى بۇرۇتلۇق.

      – ياق، ئۇنداق ئەمەس، ياۋا مۈشۈك كۈندۈزى چىقمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپ ئاۋازى گۈمبۈرلەپ تۇرغان بۇنداق ئۇرۇش مەيدانىغا يېقىنمۇ كەلمەيدۇ. قاراپ بېقىڭ، بۇ ناھايتى چىرايلىق بىر پارس مۈشۈكى ئىكەن، – دەپتۇ كۆزەينەكلىك كوماندىر ھېلىقى بۇرۇتلۇققا دۇربۇننى سۇنۇپ بېرىپ.

      بۇرۇتلۇق دۇربۇن بىلەن قاراپتىكەن، راست دېگەندەك تۈكلىرى پارقىراپ تۇرغان، كۆزلىرى خۇددى كەھرىۋادەك يالتىراپ تۇرغان پارس مۈشۈكى ئەمەسمۇ ...

      – ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇنداق قىممەت باھالىق مۈشۈكنى بۇنداق يەرگە ئېلىپ كېلىپ ئويناش ھەرگىزمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك كوماندىرلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئۇلار مۈشۈك ئويناشنى خالىمايدۇ، باشلىقلىرىمۇ ئۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ، – دەپتۇ كۆزەينەكلىك نېمىس كوماندىرى، – شۇڭا، مەن شۇنداق ھۆكۈم قىلالايمەنكى، ئاشۇ گۈمبەزنىڭ ئەتراپىدا فرانسىيە قوشۇنىنىڭ يەر ئاستى قوماندانلىق شتابى بولۇشى مۇمكىن.

      ئۇ مۇشۇ گەپنى دەپتۇ – دە، دەرھال نېمىس قوشۇنىنىڭ ئىستىھكام ئالىي قوماندىنىغا ئەھۋالنى دوكلات قىپتۇ.

      ئالىي قوماندار ‹‹كۆزەينەك››نىڭ ھۆكىمىگە قوشۇلۇپ، ئىستىھكامدىكى 6 توپچىلار قىسمىغا ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ گۈمبەزنى ئوققا تۇتۇشقا بۇيرۇق بېرىپتۇ.

      دەھشەتلىك بوراندەك كەلگەن شىددەتلىك ھۇجۇمدىن كېيىن، فرانسىيە قوشۇنىنىڭ گۈمبەز ئەتراپىدىكى بىر قوماندانلىق شتاتى تارمار قىلىنىپتۇ، فرانسىيە قوشۇنىنىڭ بۇ قىسمى قوماندانلىقتىن ئايرىلىپ قېلىپ، قالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە، ھە – ھۇ دېگۈچە نېمىس قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ بوپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرى تەھرىر: ئاينۇر