باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىم نۇتۇقى

كۈلۈپ ياشايلى

      كۈلۈمسىرەش ئادەمدىكى تەبىئىي تۇيغۇ، ئۇ خۇددى رەسىم ۋە مۇزىكىدەك پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئورتاق تىل. سىز قايسى دۆلەت ياكى قايسى مىللەتتىن بولۇڭ كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق باشقىلارغا كۆڭلىڭىزنى ئىزھار قىلالايسىز. كۈلۈمسىرەش كۆڭلى يېرىم ئادەمگە تەسەللى، قىيىنچىلىققا يولۇققان ئادەمگە مەدەت، ئېغىر ئەمگەكتىن چارچىغان ئادەمگە ئارام، ئۈمىدسىزلەنگەن ئادەمگە غەيرەت ئاتا قىلىدۇ. كۈلۈمسىرەش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنى يۇيىدۇ. كۈلۈمسىرەشنىڭ ھاياتلىقتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ. دېمەك، چوڭ – كىچىك، باي – كەمبەغەل ھەممە كۈلۈمسىرەشكە موھتاج.

      بىر يازغۇچى كۈلۈمسىرەش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ‹‹ھاياتىمىزنى كۈلۈپ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشايلى، بىز ھاياتقا كۈلۈپ قارىساق، ھاياتمۇ بىزگە كۈلۈپ قارايدۇ››.

      ساۋاقداشلار، 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ‹‹دۇنيا كۈلۈمسىرەش كۈنى››، ھازىردىن باشلاپ جىددىيلەشكەن كەيپىياتىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ چوڭلارغا، دوستلىرىمىزغا سەمىمىيلىك بىلەن كۈلۈمسىرەيلى، ھايات كۈلۈمسىرەش بىلەن گۈزەل.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر