باش بەت | يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن

 يود بىلەن مېركۇروخروم ئېرىتمىسىنى بىللە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

      يود بىلەن مېركۇروخروم ئېرىتمىسى دائىم سىرتقى تەرەپتىن ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە دورىلىرى. يودنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى كۈچلۈك، ئاساسلىقى تېرە قىزىرىپ ئىششىپ قالغان، زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىۋالغان، يارا چىققان جايلارغا شۇنىڭدەك ئوكۇل ئۇرۇش، دورا ئالماشتۇرۇشتىن ئىلگىرى تېرىنى دىزىنفېكسىيە قىلىشقا ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرى كۈچلۈك، شۇڭا، يىرتىلغان يارا ئېغىزلىرىغا ۋە شىلىمشىق پەردىلەرگە سۈركەشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      لېكىن، بىرمۇنچە كىشىلەر سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان مۇشۇنداق دورىلار بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلغاندا، كۆپىنچە بىر خىلىنى سۈركىگەندىن كېيىن، يەنە بىر خىلىنى سۈركەشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا يارا ئېغىزىدىكى مىكروب تەلتۆكۇس يوقىلىپ، يارا ئاسان ساقىيىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلغاندا دېزىنفېكسىيە قىلىپ يارىنى داۋالىغىلى بولمايلا قالماي، ئەكسىچە ناچار ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەرگىز يود بىلەن مېركۇرۇخروم ئېرىتمىسىنى بىللە ئىشلەتمەڭ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: ئاينۇر