باش بەت | يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن

نېمە ئۈچۈن ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن يوتقان يىغىش مۇۋاپىق ئەمەس

      ھەر كۈنى ئەتىگەندە، بىرمۇنچە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىغا ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش يوتقان يىغىش، ئاندىن چىش چوتكىلاش، يۈز يۇيۇش ۋە تاماق يېيىش دەپ تەربىيە بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ساغلاملىققا تولىمۇ زىيانلىق.

      مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئادەم تېنىنىڭ ئۆزى بىرقەدەر چوڭ بولغان بۇلغاش مەنبەسى، بىرنەچچە سائەت ئۇخلاش داۋامىدا، ئادەم بەدىنى نەپەس ئېلىش رولى ۋە بەدەندىكى تۈك تۆشۈكلىرى ئارقىلىق سىرتقا زور مىقداردا سۇ چىقىرىپ، يوتقاننى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە نەملەشتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلىغاندا يەنە ھەرخىل پۇراقلارنى، مەسىلەن، پۇتنىڭ پۇرىقى، ئوسۇرۇق ۋە تەر پۇراقلارنى چىقىرىدۇ. يوتقان مۇشۇ نەملىك ۋە پۇراقلارنى سىڭدۈرۈۋالىدۇ، ئۇنى چىقىرىۋەتمىسە، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقان يىغسا، يوتقان نەملىشىپ، ئىسسىقى قالمايدۇ. بۇ يوتقاننىڭ ئۆمرىگىمۇ تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى يوتقاندا قېپقالغان پۇراق تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زىيانلىق.

      ئىلمىي ئۇسۇل مۇنداق: ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرۇپ، ئالدى بىلەن يوتقاننى ئۆرۈپ ھاۋاغا سېلىش، ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ، يوتقاندىكى نەملىك ۋە پۇراقنى تارقىتىۋېتىش كېرەك.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: ئاينۇر