پادىچى پادىلىرىنى يايلاققا قويۇۋېتىپ، ئۆزى ئۇخلاپ قاپتۇ. ئويغانغاندىن كېيىن پادىلىرىنى ئېلىپ قايتماقچى بولغاندا، ئىككى قويىنىڭ كەملىكىنى بايقاپتۇ. ئۇ ئۇياق – بۇياققا قاتراپ يۈرۈپمۇ قويلىرىنى تاپالماپتۇ.
بۇ چاغدا پادىچى قوي يىتكەن رېئاللىققا يۈزلىنىپ، ئۆز – ئۆزىگە: ‹‹قوي يىتسە مەندىن كۆرگۈلۈكمۇ؟ ھەرگىز مەندىن كۆرگىلى بولمايدۇ – دە! چۈنكى يىتكەن قوينى تاپالمىدىم›› دەپتۇ.
ھېكمەت: ھە دېسىلا ‹‹بىلمەيمەن›› دېگەننى باھانە قىلىپ، مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلار ئاقىۋەتتە ئۆزىگىمۇ مەسئۇل بولالمايدۇ.