باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ھەممە بارماق ئوخشاش ئاغرىيدۇ

      بىر ئانىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن، چوڭ ئوغۇل ئانىسىغا: ‹‹سەن ئىنىمغا ئامراق›› دېسە، ئىنىسى: ‹‹سەن ئاكامغا ئامراق›› دەيدىكەن. كۆيۈمچان ئانا ئىككى ئوغلىغا دائىم چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھەر ئىككى ئوغلىغا ئوخشاشلا ئامراق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىدىكەن.

      كۆيۈمچان ئانا ئىككى ئوغلىدا ئانا مۇھەببىتىگە نىسبەتەن توغرا قاراش تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئىككى ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرتىپ، ئۇلارغا ئۆز بارماقلىرىنى چىشلەتكۈزۈپتۇ، ئاندىن: ‹‹دەڭلارچۇ، قايسى بارمىقىڭلار ئاغرىيدىكەن، قايسى بارمىقىڭلار ئاغرىمايدىكەن؟›› دەپتۇ.

      چوڭ ئوغلى: ‹‹ھېچ پەرق يوقكەن، ھەممىسى ئوخشاشلا ئاغرىيدىكەن›› دەپتۇ.

      كىچىك ئوغلى: ‹‹قايسىسىنى چىشلىسەم، شۇ ئاغرىيدىكەن›› دەپتۇ. ئانا: ‹‹دېگىنىڭلار توغرا بولدى، بارماق بەدىنىڭلاردىكى گۆش، سىلەر قايسىسىنى چىشلىسەڭلار شۇ ئاغرىيدۇ. سىلەرمۇ مېنىڭ بەدىنىمدىن چۈشكەن بىر پارچە گۆش، مېنىڭ سىلەرگە بولغان ئانىلىق رىشتىمدە قانداقمۇ پەرق بولسۇن؟›› دەپتۇ.

 

      ھېكمەت: ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنۈشى ئوخشاش بولىدۇ. بەلكىم بالىلاردا بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراش بولسا كېرەك. ئوخشاش بىر مەسىلىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان كىشىدە ئوخشىمىغان قاراش ۋە ئۇسۇل بولۇپ بۇنىڭدىن ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇشماسلىق ۋە بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراش پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر كىشىلەر ئىشەنگەنگە ئىشىنەلىگەن بولسا، قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلالىغان بولسا، نۇرغۇن مەسىلىلەر بىردىنلا ھەل بولۇپ كېتەتتى.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر