بىر كۈنى بىكارچى ئالدىراشنىڭ ئالدىنى توسۇپتۇ ۋە:
– ۋاقىتقا بولغان قارىشىڭ توغرىسىدا سەن بىلەن پىكىرلەشكۈم كېلىۋاتىدۇ، – دەپتۇ.
– بولىدۇ، دېگىنە قانداق پىكىرلىشىمىز؟
– مېنىڭچە بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ ھېچ پەرقى يوقكەن، ئەتىمۇ بۈگۈنگە ئوخشاش بولىدىغۇ دەيمەن، – دەپتۇ بىكارچى.
– مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار، بىر كۈن دېگەن باشقىچە بولىدۇ.
– ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەدىسىلا ۋاقىتنى ئىشلىتىپ بولالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن، – دەپتۇ بىكارچى.
– ئەمما مەن ۋاقىتنى يېتىشتۈرۈپ بولالمايمەن.
– مەن ۋاقىتنى ئويۇن – تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتىمەن ...
ھېكمەت: ۋاقىت بىكارچىنىڭ نەزىرىدە – ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش، ئالدىراش ئادەمنىڭ نەزىرىدە – رىقابەت. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىگە بولغان قارىشىدا ھەمىشە ناھايىتى زور پەرق ساقلانغان بولىدۇ. بۇ مەسىلىلەرگە قاراشتىكى چىقىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان.