ئىككى ساۋاقداش ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بۇيرۇتمىسىغا بىنائەن داسەنگە بېرىپ يېڭى ئوقۇشلۇق كىتابلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە يولغا چىقىپتۇ. يولدا چىقىش ئالدىدا ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارغا: ‹‹داسەن يولىنى بويلاپ ئۇدۇل جەنۇپقا قاراپ مېڭىڭلار، يولدىن ئەگىمەيلا يېتىپ بارىسىلەر›› دەپتۇ.
ئۇلار ماڭە – ماڭە يېرىم يولغا كەلگەندە، داسەنگە بارىدىغان يولنى كەلكۈن ئېلىپ كېتىپ يول توسۇلۇپ قاپتۇ.
ساۋاقداش A:
– بەزى ئادەملەر بايا يولدىن ئەگىپ داسەنگە كېتىپتۇ. بىزمۇ يولدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەيلىمۇ؟ – دەپتۇ.
ساۋاقداش B:
– ياق، ئوقۇتقۇچىمىز دېدىغۇ، يولدىن ئەگىمەيلا يېتىپ بارىسىلەر دەپ، ساقلايلى، سۇ ئورنى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئۆتەيلى! – دەپتۇ. بىراق A ساۋاقداش ئۆزى يولدىن ئەگىپ داسەنگە بېرىپتۇ. ئۇ كىتابلارنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندە B ساۋاقداشنىڭ ھېلىقى يەردە شۇ پېتى تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
ھېكمەت: باشقىلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىش شەرت ئەمەس، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزى ھۆكۈم قىلىش كېرەك.