باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ئىقتىدارىڭىز ئورنىڭىزدىن مۇھىم

      B A غا: – مەن بۇ شىركەتتىن كېتىمەن، مەن بۇ شىركەتكە ئۆچ، – دەپتۇ.

     A B غا: – مەن سېنىڭ بۇ شىركەتتىن ئۆچ ئېلىشىڭنى قوللايمەن. بىراق، سەن بۇ شىركەتتىن ھازىر ئايرىلساڭ تېخى پۇرسىتى ئەمەس، – دەپتۇ.

      – ئۇنداقتا بۇ شىركەتتىن قاچان ئايرىلسام بولىدۇ؟

      – ئەگەر سەن بۇ شىركەتتىن ئايرىلساڭ، شىركەتنىڭ زىيىنى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. ياخشىسى شىركەتتە بار ۋاقتىڭدىن پايدىلىنىپ، كۆپلەپ خېرىدار تارتىپ، شىركەتتىكى مۇھىم شەخسكە ئايلانغىن، ئاندىن بۇ خېرىدارلارنى ئېلىپ بۇ شىركەتتىن ئايرىلغىن. شۇنداق قىلساڭلا شىركەتنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ،  ــ دەپتۇ.

      شۇنىڭدىن كېيىن A پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپتۇ. دېگەندەك يېرىم يىلدىن كېيىن Aنىڭ نۇرغۇن خېرىدارلىرىنى بوپتۇ.

      بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا A B دىن: – ئەمدى پۇرسىتى كەلدى، شىركەتتىن تېز ئايرىلغىن! – دەپتۇ.

      – دېرىكتورىمىز مەن بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇ مېنى باش دېرىكتور ياردەمچىلىكىگە ئۆستۈرمەكچى، مېنىڭ ھازىرچە بۇ شىركەتتىن ئايرىلىش  نىيىتىم يوق، – دەپتۇ A كۈلۈپ تۇرۇپ.

 

      ھېكمەت: بىر ئادەمنىڭ خىزمىتى مەڭگۈ پەقەت بۇ ئادەمنىڭ قىسقىچە تارىخى بولالايدۇ، خالاس. پەقەت تۆلىگەن بەدەل ئېرىشكەندىن كۆپ بولغاندىلا، ئاندىن خوجايىنىڭىزغا سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىزنىڭ ئورنىڭىزدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالايسىز، ئاندىن ئۆزىڭىزگە نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى يارىتىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلەلەيسىز.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر