باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئەترەتكە كىرىشنى شەرەپ دەپ بىلىپ، ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولايلى

      باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ئەترەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ۋە ئەترەتنىڭ 6 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەترەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىنى ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ كەڭ پىيونېرلارنىڭ تەشكىلىي ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئۇلارغا پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزگە بولغان ساپ ھېسسىياتىنى يەنىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ‹‹پىيونېرلار ئەترىتىگە كىرىشنى شەرەپ دەپ بىلىپ، ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش تېما قىلىنغان، ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ پىيونېرلار ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئەترەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىدە ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

      مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قائىدىگە ئاساسەن كوللېكتىپ ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئەترەتكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيە ئاساسىدا پائالىيەت كۈنى، باشلانغۇچ مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى چوڭ ئەترەتنى بىرلىك قىلىپ، ئەترەت نىزامنامىسىدىكى تەلەپ ۋە ئاساسىي ئۆلچەمگە ئاساسەن يېڭى پىيونېرلارنىڭ ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش كېرەك. مەسىلەن، بايراق چىقىرىش، يېڭى پىيونېرلارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىش، يۇقىرى يىللىقتىكى پىيونېرلار يېڭى پىيونېرلارغا قىزىل گالىستۇك بېرىش، ئەترەت ناخشىسىنى ئېيتىش، يېڭى پىيونېرلار قەسەم بېرىش، پىيونېرلار ۋەكىلى سۆز قىلىش، شوئار توۋلاش، بايراق چۈشۈرۈش قاتارلىقلار. بارلىق پىيونېرلار ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمىغا تولۇق قاتنىشىش، يېڭى پىيونېرلار قەسەم بەرگەندە ئەترەتكە كىرىش قەسىمىنى قايتا تەكرارلاش لازىم.

      پارتىيە، ئىتتىپاق ۋە ئەترەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تەشكىلىي ئاڭنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمى مەيدانىغا پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەت بايرىقى ئېسىش، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلىنى ياكى ئۆز جايىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدىكى بىلىملىك زاتلار، ئىتتىپاق تەشكىلىي ۋەكىلى ياكى ئۆز جايىدىكى مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى ۋەكىلىنى تەبرىك سۆزىگە تەكلىپ قىلىش لازىم. پارتىيە، ئىتتىپاق ۋەكىلى پىيونېرلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ياكى سوۋغا بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ پارتىيە، ئىتتىپاققا بولغان يېقىنلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش لازىم.

      ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشتىن ئىبارەت نىشاننى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. پىيونېرلارغا باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ تەبرىك خېتىنى قايتا ئوقۇپ بېرىش، ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش ناخشىسىنى ئېيتىش كېرەك. مۇراسىمدا ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بىر تۈركۈم ئىلغار پىيونېرلارنى تەقدىرلەشكە، شۇ ئارقىلىق ئۈلگىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەمدە بارلىق پىيونېرلارنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يېڭى ئوقۇش يىلىدىكى ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش پىلانىنى يېزىشقا يېتەكلەشكە بولىدۇ.

      پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ بايرام كۈنى كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىش لازىم. مەكتەپنىڭ كۆرۈنەرلىك جايىغا چوڭ ئەترەت بايرىقى ئېسىش، ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەر ئوتتۇرا ئەترەت بايرىقى ئېسىش، بارلىق چوڭ، ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرى ۋە پىيونېرلار قىزىل گالىستۇك تاقاش، مەكتەپ تەشۋىقات تاختىسى، پىيونېرلار رادىيو پونكىتى، تېلېۋىزىيەسى، پىيونېرلار تور بېكىتى، ئوتتۇرا ئەترەت قارا دوسكىسى، ئوتتۇرا ئەترەت بۇلۇڭى قاتارلىق بازىلاردىن پايدىلىنىپ ئەترەت تارىخى، ئەترەت نىزامنامىسى، ئەترەت ناخشىسى، ئەترەت سالىمى قاتارلىق بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇش، ئەترەت بارابان ئەترىتى مۇۋاپىق پەيتتە مەكتەپ ئىچىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى لازىم.

      تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پىيونېرلارغا ئەترەتكە كىرىش قەسىمىنى ئەسلىتىش لازىم. ئىتتىپاق ۋەكىلى سۆز قىلغاندا پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تولۇقسىزدىكى پىيونېرلارغا ئۆسۈپ يېتىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ھېس قىلدۇرۇپ ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە ئىتتىپاققا بولغان تەلپۈنۈشىنى كۈچەيتىش لازىم. شارائىتى بار جايلار تولۇقسىز 1 – يىللىقتىكى پىيونېرلارنىڭ قىزىل گالىستۇك ئالماشتۇرۇش چوڭ مۇراسىمى ئۆتكۈزسە بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پائالىيەت ئۆتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ پىيونېرلار ئەترەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن باشقا پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ پىيونېرلارغا تەسىرلىنىدىغان ۋە تەربىيەگە ئىگە بولىدىغان، گۈزەل ئەسلىمە قالدۇرىدىغان ئەترەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر