باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئەترەت خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ جانلاندۇرغىلى بولىدۇ

ياسىنجان توخنىياز توغراق

 (ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

      ئەترەت خىزمىتى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مەكتەپ ئەخلاقىي تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، مەكتەپلەر ئەترەت خىزمىتىنى مەكتەپنىڭ تەلىم – تەبىيە، ئوقۇش – ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇپ، ھالقىلىق خىزمەتلەر قاتارىدا ئېلىپ بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر. مەكتەپلەردە ئەترەت خىزمىتىنى جانلىق ئىشلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      1. ئەترەت كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش

      ئەترەت كادىرلار قوشۇنى ئەترەت خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى تايانچ ۋە يادرولۇق كۈچ. ئۇلار پىيونېرلار ۋە تەربىيەلەنگۈچىلەرنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. شۇنداق بولغاچقا ئەترەت كادىرلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاشتا ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى، روھىي دۇنياسى، ئاممىۋى مۇناسىۋىتى، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقى، دەرس ئەھۋالى، تەشكىللەش ئىقتىدارى. يېڭىلىق يارىتىش روھى قاتارلىق تەرەپلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پىيونېرلار قوشۇنىنى زورايتىش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇنەۋۋەر پىيونېرلارنى تاللاپ، قابىلىيەتلىك ئەترەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش لازىم.

      2. ئەترەت پىلانىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ، ئەترەت پائالىيىتىنىڭ جانلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

      جانلىقلىق ئەترەت پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئەترەت پائالىيىتىنىڭ جانلىق بولۇش– بولماسلىقى ئەترەت پىلانى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ئەترەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشتا ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۈنۈملۈك يولغا قويغىلى بولىدىغان، مەزمۇنى ساغلام شەكلى ھەرخىل بولغان، جانلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىش، پىلان تۈزۈلگەنىكەن پىلاننىڭ ئەمىللىشىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      3. پىيونېرلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش

      ئەترەت پائالىيىتىدە ئەخلاقىي تەربىيەنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئاتا – ئانىسىغا كۆيۈنىدىغان، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان كىچىك ياردەمچى، ۋاپادار بالا، جەمئىيەتتە ۋەتەننى، خەلقنى، جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق، سەمىمىي، ئىنتىزامچان، ئىشەنچىلىك، لاياقەتلىك ‹‹كىچىك نەمۇنىچى››، ‹‹بالا پىدائى››، ‹‹سەمىمىيلىك ئۈلگىسى››، مەكتەپتە ‹‹ياخشى ئوقۇغۇچى››، ‹‹ئەخلاق ئۈلگىسى››، ئاممىۋى سورۇنلاردا جامائەت مۈلكىنى ئاسرايدىغان ‹‹كىچىك قوغدىغۇچى›› بولۇش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

      4. تۈرلۈك تەربىيە شەكىللىرى ئارقىلىق ئۆسمۈرلەردە ئۇلۇغۋار غايە، كوممۇنىستىك ئېتىقادنى يەنىمۇ مۇستەكەملەش

      بالىلار دۆلەتنىڭ كېلەچىكى ۋە ئۈمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئارىسىدا پارتىيەنىڭ مىللىي، دىننىي سىياسىتىنى ئۆگىنىش، ۋەتەننىڭ شانلىق تارىخى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئۇلارنى ۋەتەنگە، خەلققە، ئۆز يۇرتىغا سادىق بولۇشقا يېتەكلەش، ئاڭلىق ھالدا شەخسنىڭ ئارزۇسى بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق غايىسىنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان ئېسىل خىسلەتنى يېتىلدۈرۈش، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان روھنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

      5. ئەترەت خىزمىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش

      ئەترەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پىيونېرلارنىڭ تەشكىلچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى باھالاشتىكى مۇھىم بازا. شۇڭا، ئەترەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پىيونېرلار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي ئەھۋالى ساغلام، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تەشكىلچانلىقى كۈچلۈك، ئۆگىنىشتە تىرىشچان، نەتىجىسى ئەلا، دەۋر قەدىمىگە ماسلاشقان، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان ئىلغار ئاممىۋى تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، بولۇپمۇ مەكتەپ پارتىيە، ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ يېقىن ياردەمچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش لازىم.

      6. پارتىيە چاقىرىق قىلسا ئەترەت ھەرىكەتكە كېلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش.

     ئەترەت قۇرۇلۇشىنىڭ بۈگۈنىنىڭ قانداق بولۇشى ئەتىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇش – بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەكتەپ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك ئىنتىزامچان بىر ئەۋلاد ياراملىق ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بازا بولغاچقا خىزمەت، ئۆگىنىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپ، ياخشى ئىش پائالىيەتلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، پىيونېرلارنى تۈرلۈك شەكىلدىكى ئاممىۋىي يىغىلىش، تەشۋىقات، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە تەشكىللەش ئارقىلىق ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، ئۇلارنى كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      7. پىيونېرلاردا ياخشى ئۆگىنىش روھى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش

      ئۆگىنىش ئالغا بېسىشنىڭ كاپالىتى. ئۆگىنىش ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش روھى ۋە ئۇسۇلى بولۇش كېرەك. بۇنى ئەترەت خىزمىتىدىمۇ ھازىرلاشقا بولىدۇ. ئەترەت خىزمىتىدە ئۆگىنىش نەمۇنىچىلىرىنى تىپ قىلىپ تاللاپ، ئۇلارنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق پىيونېرلاردا ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ دەۋرنىڭ ئەترەت خىزمىتىدىن كۈتكەن ئۇلۇغۋار تەلەپلىرىنىڭ بىرى.

      8. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش

      يېقىنقى بىرقانچە يىل جەريانىدىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەر ئۆزىنىڭ قان بىلەن بويالغان رەزىل قارا قولىنى بالىلارغا سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ ھەق – ناھەقنى پەرق ئېتىش ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئالداپ ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش غەرىزىدە بولماقتا. مىللەتلەر ئارا ئازارچىلىق سېلىپ، ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ، تۈرلۈك يوللار بىلەن ئالدىماقتا. شۇڭا، پىيونېرلار ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇقىملىق ۋەتەرەققىياتنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلدۇرۇش لازىم.

      9. پىيونېرلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قورقماي يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش

     ھەرقانداق چاغدا قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، يىقىلغاندا ئورنىدىن تۇرالايدىغان، باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم بېرەلەيدىغان قەيسەر، خالىس تۆھپىكار بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

      10. ساغلام غايە ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىش

      پىيونېرلار پارتىيەنىڭ ئاۋانگارت قوشۇنى بولۇشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇلاردا ساغلام پىسخىك ساپا، ساغلام ئەخلاقىي پەزىلەت ، تىرىشىپ ئۆگىنىش روھى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيدىغان، قىيىنچىلىق ئىچىدىن يول تاپالايدىغان روھ ۋە ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ساغلام، مول مەزمۇنلۇق غايە ۋە ئېتىقاد تەربىيەسى ئەترەت تەشكىلىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆزىگە، كەلگۈسىگە ئىشىنىش، ۋەتەن، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش، ئەل ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ھازىرلاشتا، پارتىيەمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ كېلەچىكىنى ھاياتىي كۈچ بىلەن تەمىن ئېتىشنىڭ ئۇلتېشى ھېسابلىنىدۇ.

     دېمەك، مەكتەپ ياش – ئۆسمۈرلەرگە قارىتا غايە – ئېتىقاد، ئەخلاقىي تەربىيەنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئېلىپ بېرىش ۋە ئەخلاقىي تەربىيەنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم گەۋدە. مەكتەپلەردە ئەترەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەترەت تەشكىلىي تۇرمۇشىنى جانلاندۇرغاندىلا مەكتەپنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغىلى، مەكتەپنىڭ مەنىۋى – مەدەنىيلىك خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر