باش بەت | ئەدەبي ئەسەرلەر

يۇمۇرلار

پىل بىلەن چاشقان

 

      پىل چاشقانغا دەپتۇ:

      — سەن مەن كۆرگەن نەرسىلەر ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك، ئەڭ يارىماس بىر مەخلۇقسەن.

      چاشقان بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال يېنىدىن قەلەم – قەغەزنى چىقىرىپتۇ – دە، پىلغا قاراپ:

      — ھازىرقى گېپىڭىزنى يەنە بىر قېتىم دەپ بەرگەن بولسىڭىز، ئۇنى يېزىۋالسام، چۈنكى مەن بۈرگە بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتاتتىم، بۇ سۆزىڭىزنى ئۆز گېپىم قىلىپ بۈرگىگە سۆزلەپ بەرگەن بولسام، — دەپتۇ.

 

      ھەممىسى سېنىڭمىدى

 

      بىر ئادەم چۆچۈپ ئويغىنىپ ئۆيىگە ئوغرى كىرگەنلىكىنى سېزىپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپتۇ ۋە ئوغرىغا ۋارقىراپ مۇنداق دەپتۇ:

      — قولۇڭدىكى نەرسىلەرنىڭ بارىنى ئۆز جايىغا قويۇپ كۆزۈمدىن يوقال!

      ئوغرى تەپتارتماستىن ئۇنىڭغا:

      — مۇنداق قىلسام قانداق بولىدۇ؟ بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يالغۇز سېنىڭمىدى؟ ئۇنىڭ يېرىمىدىن جىقىراقىنى مەن باشقىلارنىڭ ئۆيىدىن ئېلىۋالغان، — دەپتۇ.

 

پىكاپ سېتىۋېلىشنىڭ پايدىسى

 

      ئېرى بىرنەچچە قېتىم پىكاپ سېتىۋېلىشقا تەمشەلگەن بولسىمۇ خوتۇنى قوشۇلماي تۇرۇۋاپتۇ. بىر كۈنى خوتۇنى بىرنەچچە دوستى بىلەن بىرگە چايخانىغا بېرىپ كەچكۈچە پاراڭلىشىپ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئېرىگە:

      — بىز پىكاپ سېتىۋالايلى، — دەپتۇ. ئېرى قاتتىق ئەجەبلىنىپ:

      — سىز مېنىڭ پىكاپ ئېلىشىمنى توسۇپ كەلگەن ئەمەسمىدىڭىز، ئەمدى بۇ نىيىتىڭىزدىن يېنىپسىزغۇ؟ — دەپ سوراپتىكەن، خوتۇنى دەرھال جاۋاب بېرىپ:

      — پىكاپ ئالساق ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن، مەن ئانامنى كۆرگىلى بارغاندا نۇرغۇن نەرسىنى پىكاپىمىزغا قاچىلاپ ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بېرەلەيدىكەنمەن؛ سىز ئانىڭىزنى كۆرگىلى بارغاندا ئۆيۈڭلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى پىكاپقا بېسىپ ئۆيىمىزگە ئېلىپ كېلەلەيدىكەنسىز، — دەپتۇ.

 

كۆزەينەك ۋە دېھقان

 

      بىر ساۋاتسىز دېھقان كۆزەينەك تاقاپ يۈرگەنلەر خەت ئوقۇيالايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ بىر كۆزەينەك دۇكىنىدىن كۆزەينەك سېتىۋالماقچى بوپتۇ. بىراق، ئۇ نەچچە كۆزەينەكنى تاقاپ باققان بولسىمۇ يەنىلا كىتاب، گېزىتلەرنى ئوقۇيالماپتۇ. شۇڭا، ئۇ دۇكان خوجايىنىدىن:

      — ئەپەندى، سىلەرنىڭ بۇ يەردە گېزىت ئوقۇغىلى بولىدىغان كۆزەينەك يوقمۇ؟ — دەپ سوراپتۇ.

      دۇكان خوجايىنى دېھقان مېنى ئەخمەق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ:

      — سىز گېزىت ئوقۇيالامسىز؟ — دەپ ۋارقىراپتۇ.

      دېھقان تېزلا جاۋاب بېرىپتۇ:

      — مەن ئوقۇيالمايمەن، ئوقۇيالىسام خەت ئوقۇيالايدىغان كۆزەينەك ئالىمەن دەپ يۈرەمتىم.

 

ئوۋچى

 

      بىر ياش ئوۋچى قېرى ئوۋچىدىن ئېيىقنى قانداق ئوۋلاش ھەققىدە مەسلىھەت سوراپتۇ. قېرى ئوۋچى ياش ئوۋچىغا:

      — سەن تاغ ئۆڭكۈرىنى تېپىپ ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ باقىسەن، ئەگەر ئۆڭكۈردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلانسا ئۇ يەردە چوقۇم ئېيىق بولىدۇ. سەن ئۆڭكۈر ئاغزىدا تۇرۇپ تەييار بولۇپ تۇرساڭ ئېيىق ئالدىڭغا ئۆزى چىقىدۇ، شۇ چاغدا ئېتىۋالساڭلا بولىدۇ، — دەپتۇ.

      بىرنەچچە كۈندىن كېيىن قېرى ئوۋچى ياش ئوۋچىنىڭ دوختۇرخانىدا باش كۆزى تېڭىلىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ.

      — مەن سىز دېگەندەك قىلغانىدىم. بىراق، مەن ئوق چىقىرىپ بولغۇچە ئۆڭكۈردىن ئېيىق ئەمەس پويىز چىقىپ مېنى سوقۇۋەتتى، — دەپتۇ ياش ئوۋچى.

 

چاندۇرۇش

 

      يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ بىر باغدا كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىۋاتقان قېرى باغۋەننىڭ ئالدىدا سۆزلەپلا كېتىپتۇ:

      — ئالما كۆچىتىنى مۇشۇنداقمۇ پەرۋىش قىلغان بارمۇ؟ سىلەرنىڭ بۇ ئىشىڭلار پۈتۈنلەي ئىلمىي بولماپتۇ. ئەگەر مەن دېگەن بويىچە پەرۋىش قىلىدىغان بولساڭلار ھەر تۈپ ئالمىدىن ...

      ئوقۇغۇچىنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپ قېرى باغۋەن ئالدىرىماي سۆزلەپتۇ:

      — بالام، بۇ ئالما كۆچىتى ئەمەس، شاپتۇل كۆچىتى.

 

يىغلاشنىڭ سەۋەبى

 

      بىر بالا دادىسى بىلەن ھايۋانات باغچىسىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە بىر پىل باققۇچىنىڭ ئۆلۈپ قالغان پىل ئالدىدا ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا:

      — سىزگە ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، سىز ئۇ پىلنى بەك ياخشى كۆرىدىكەنسىز – دە، — دەپتۇ.

      — ئۇنداق ئەمەس، — دەپتۇ پىل باققۇچى، — باغچىمىزدا كىم باققان ھايۋان ئۆلۈپ قالسا شۇ يەرلىك كولايدۇ دېگەن تۈزۈم بار، بۇ باغچىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پىل ئىدى.

 

ئوغلى ئەۋەتكەن خەت

 

      ئىككى دادا بىر يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئوغۇللىرىنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.

      — مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ ھەقىقەتەن سەۋىيەسى بار، — دەپتۇ بىرى، — ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئەۋەتكەن خېتىنى كۆرگىنىمدە لۇغەت ئاختۇرمىسام يازغىنىنى پەقەت چۈشىنەلمەيمەن.

      ئىككىنچىسى سۆز باشلاپ:

      — مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ قالتىس ئىقتىدارى بار جۇمۇ! مەن ھەر قېتىم ئۇ ئەۋەتكەن خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ بانكىغا پۇل سالغىلى چاپىمەن، — دەپتۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر