باش بەت | پەن– تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

تېلېۋېزورنى قول ئىشارىسى بىلەن تىزگىنلەش

      ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تېلېۋىزور تېزگىنىكى كەلگۈسىدە ئىستىمالدىن قالىدىكەن. چۈنكى، ئالىملار ھازىر بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىچە بىر خىل تېخنىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا پەقەت قول ئىشارىسى بىلەنلا سىگنال يوللىغىلى بولىدىكەن. كەلگۈسىدىكى يېڭى تىپتىكى تېلېۋىزورلارغا ئىندۇكسىيە ئاپپاراتى ۋە سىنئالغۇ كۆزنىكى ئورنىتىلىدىكەن، ئادەم تېلېۋىزورغا يېقىنلىشىشى بىلەن ئىندۇكسىيە ئاپاراتى ئۇ ئادەمنىڭ قول ئىشارىسى ۋە قول ھەرىكىتى قىلغان – قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىكەن، ئاندىن قول ئىشارىسىغا ئاساسەن ئىنكاس قايتۇرىدىكەن. ئالىملار بۇ خىل يېڭى تېخنىكىنى ‹‹قول ئىشارەتلىك ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى›› دەپ ئاتىغان. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قولنى ئاستى – ئۈستىگە پۇلاڭلىتىپلا ئاۋازنى تەڭشىگىلى بولىدىكەن. ئېكراندىكى ئىستىرىلكىنى بەلگىلىك ئورۇنغا كەلتۈرۈپ، باش بارماق بىلەن كونۇپكا بېسىش ھەرىكىتىنى دوراش ئارقىلىق ھەرخىل ئىقتىدارلىرىنى تاللىغىلى بولىدىكەن. بۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە تېلېۋىزورلار تەخمىنەن بەش يىل ئىچىدە بازارغا سېلىنىدىكەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر