باش بەت | ئەدەبي ئەسەرلەر

ئانا ئەللىيى

(نەسر)

خاسىيەت جاپپار

 

      ‹‹ ئەللەي بالام، ئەللەي، كۆزلىرىمنىڭ قارىچۇقى، جان – جىگىرىم ئەللەي...››

       مەھەللىدە كېتىپ باراتتىم، بۇ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلاپ قەدەملىرىم توختاپ قالدى. مەن قىيا ئوچۇق دەرۋازىدىن قارىدىم، بىر ياش ئانا بالىسىنى پەپىلەپ ئەللەي ئېيتىۋاتاتتى: ‹‹ئارمانلىرىم تۈۋرۈكى، يۈرەك – باغرىم ئەللەي، بالام ئەللەي››، باياتىن بېرى يىغلاۋاتقان بالا يىغىدىن توختاپ قالدى. يۈرىكىم يېنىك تىترىدى. بۇ يېقىملىق ئەللەي ناخشىسى خىيال قۇشلىرىمنى ئۇچۇرۇپ ئانام باغرىغا، مەن ئاڭلىغان ئاشۇ ئەللەيلەر قوينىغا ئېلىپ كەتتى...

      ئانا ئەللىيى كائىناتتىكى ئەڭ بۈيۈك سەنئەت، ئەبەدىيلىك داستان. ئانا ئۆزىنىڭ ئاق سۈتىدەك ئەللىيى ئارقىلىق پەرزەنتىنى مېھىر قوينىدا پەپىلەپ ئارمانلار مەنزىلىگە ئۇزىتىدۇ. ئاسانلا يىغلايدىغان بىر دوستۇم بولىدىغان. بىر كۈنى ئۇ سوراپ قالدى:

      — يىغلىماسلىقنىڭ دورىسى بارمىدۇ؟

      — بار.

      — قانداق دورا ئۇ؟

      — ئانا ئەللىيى.

      ئۇ كۈلۈۋەتتى. چاقچاق قىلدىم:

      — قانداق، توغرا دەپتىمەنمۇ؟ بۇ دورىنىڭ ئىسمىلا سېنى كۈلدۈرۈۋەتتى، ئۆزى تېخىمۇ شىپالىق.

      توغرا، ئانا ئەللىيى مېھىرلىك ھەم سېھىرلىك. ئۇنىڭ سىرى شۇكى، ئۇ بالىنى يىغىدىن توختىتىپ ئۇنىڭ قەلب ئېتىزىغا مۇھەببەت تەلقىنلىرىنى چېچىپ ئانا ئارمانلىرىنى ھايات ھېكمەتلىرى بىلەن قوشۇپ بالىنىڭ سۈتتەك ئاق قەلبىگە ئۆچمەس رەسىم قىلىپ سىزىۋېتىدۇ.

       كىچىكىمدىنلا ئانام ئېيتقان ئەللەي ناخشىلىرىغا باشقىچە ئامراق بولسام كېرەك، ئانام ئۇكىلىرىمنى پەپىلەپ ئەللەي ئېيتىۋاتقاندا مەنمۇ يېنىغا كىرىۋېلىپ ئانام ئەللىيىنىڭ قوينىدا شامدەك ئېرىپ كېتەتتىم ھەم ئۆزۈمنى ئۇكىلىرىمدىن تەلەيلىك ھېسابلاپ ‹‹مەن ئەللەي ناخشىسىنى سىلەردىن كۆپرەك ئاڭلىدىم›› دەپ پەخىرلىنەتتىم.

      يىللار ئۆتۈپ چوڭ بولدۇم، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندىم. مەن ئاڭلىغان شۇنچە كۆپ ناخشىلار، ئوقۇغان شۇنچە كۆپ داستانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئانام ئەللىيىدەك مېھىرلىك تۇيۇلمىدى. ئانام ئەللىيىدىكى يالقۇنلۇق مېھىرنى ھېچقايسىسىدىن تاپالمىدىم. قايناق شەھەر، ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمى، ئۆگىنىش بېسىمى ئىچىدە تېنەپ – تەمتىرەپ يۈرۈپ، قەۋەت – قەۋەت بىنالارغا تەلمۈرۈپ قاراپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاشۇ كۆجۈم مەھەللىدە، تال باراڭلىق ھويلىدا ئاڭلىنىدىغان ئەللەي ناخشىلىرىغا تەشنا بولدۇم.

      ئانام ئەللىيى، مەن سېغىنغان، تەلمۈرگەن، تاتلىق، مېھىرلىك ئانام ئەللىيى! سېنىڭ مېھرىڭگە ھەم سېھرىڭگە قايىلمەن. سەن پاساھەتلىك سۆز دۇردانىلىرىدىن خالىيسەنۇ يەنە ئاڭلىغان كىشىنى شامدەك ئېرىتىسەن. سېنى شائىرلار يازمىغان، مۇزىكانتلار سازلىمىغان، لېكىن ھەربىر ئانا سەنئەتنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە كۆتۈرگەن. سەن ھېچبىر سەنئەتكارغا مەنسۇپ ئەمەسسەن. لېكىن، ئانىنى سەن، سېنى ئانا ئۇلۇغ سەنئەتكار ھەم سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن.

      ئانا ئەللىيى بالا تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلىدىغان مائارىپ، تۇنجى ئاڭلايدىغان يېقىملىق ناخشا، تۇنجى ئوقۇيدىغان كىتاب، ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەدەبىيات!

      — ئانا، نېمە ئۈچۈن بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ئانىلار ئەللەي ناخشىسى ئېيتمايدۇ؟

      — ئەمەلىيەتتە ئانا ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ توختاپ قالغىنى يوق. پەقەت ئۇنىڭ شەكلى ئۆزگىرىدۇ. بۇرۇنقى پەپىلەشتىن ئەمدى يېتەكلەشكە، نەسىھەتكە،  تەربىيەلەشكە ھەتتا بەزىدە تەنقىدلەشكە ئۆزگىرىدۇ. ئەمما، مەنىسى ئوخشاش، ئۇ مەڭگۈلۈك مېھىر.

      توغرا، ئانا ئەللىيى مەڭگۈلۈك ئەللەي، ئەبەدىيلىك ناخشا، ئەبەدىيلىك يېتەكلەش.

      مەن قاينام – تاشقىنلىق شەھەر، تېز تۇرمۇش رىتىمى ئىچىدە ئانام ئەللىيىدىن ئايرىلدىم، ئانام ئەللىيىنى يوقىتىپ قويدۇم، دەپ ئويلاپتىكەنمەن، لېكىن ئانام ئەللىيى ئىزچىل مەندىن ئايرىلماپتۇ. ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە، ھەربىر تىنىقىمدا ماڭا ھەمراھ بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى بىلسەم ئەسلىدە ھەربىر ئانا ئۆزىنىڭ ئەللىيىنى ئاپئاق سۈتى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغا مەڭگۈلۈك سىڭدۈرۈۋېتىدىكەن ئەمەسمۇ!

      ئەي، سېھىرلىك ھەم مېھىرلىك ئانا ئەللىيى!

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر