باش بەت | چەتئەل ئەدەبىياتى

ھېكمەتلىك مىس تەڭگە

(ئەنگلىيە خەلق چۆچىكى)

 

      بۇرۇن بىر بانكىدا بىر ئالتۇن تەڭگە، بىر مىس تەڭگە ساقلانغانىكەن. ئالتۇن تەڭگە مىس تەڭگىنى مەنسىتمەي: ‹‹سېنىڭ ھېچقانداق رولۇڭ يوق، مەن پادىشاھ تاجىدا نۇر چاقنىتىپ تۇرالايمەن›› دەپ ماختىنىپتۇ. شۇ چاغدا بانكىغا بىر پىخسىق باي كىرىپ قاپتۇ. ئۇ بانكا خوجايىنى بىلەن ئالتۇن تەڭگىنىڭ باھاسىنى كېلىشىپ سېتىۋاپتۇ ۋە ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ پۇل ساندۇقىغا سېلىپ يەرگە كۆمۈپ قويۇپتۇ.

      ئۇزۇن ئۆتمەي باي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ پۇل ساندۇقىنىڭ نەگە كۆمۈلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىگەچكە ھېلىقى ئالتۇن تەڭگە ساندۇق بىلەن يەر تېگىگە كۆمۈلگەنچە قاپتۇ.

      بىر كۈنى بانكا خوجايىنى ئىشىك ئالدىدا يىقىلىپ كەتكەن بىر موماينى يۆلەپ قويغان بىر بالىنى كۆرۈپ مىس تەڭگىنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. بۇ بالا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشنى سىڭلىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۇ يەنە سىڭلىسىنىڭ بۇ تەڭگىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ تەڭگىنى سىڭلىسىغا بېرىۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇلار سىرتتا بىرەيلەننىڭ ‹‹رەسىم ساتىمەن!›› دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. ئەسلىدە بىر بوۋاي ئەسىرگە چۈشكەن ئىنىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن رەسىم سېتىپ پۇل توپلاۋاتقانىكەن. بالىنىڭ سىڭلىسى بۇ تەڭگىنى بوۋايغا بېرىپ تەڭگىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.

      بوۋاي تۈركىيە ۋالىيسى بىلەن كۆرۈشۈپ يىغقان پۇللىرىنى چىقىرىپ ئىنىسىنى قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ۋالىي كۆپرەك پۇلغا ئېرىشىشنى ئويلاپ ئۇنىڭ ئىنىسىنى قويۇپ بېرىشكە ئۇنىماپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا: ‹‹مەندە پەقەت بىر دانە مىس تەڭگىلا قالدى›› دەپ ھېلىقى تەڭگىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ۋالىي بۇنى ئاڭلاپ: ‹‹بۇ تەڭگىنى ماڭا بەرگىن، مەن ئۇنى مەيدە يانچۇقۇمدا ساقلاي›› دەپ تەڭگىنى ئېلىپ بوۋاينىڭ قالغان پۇللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئىنىسىنى قويۇپ بېرىپتۇ.

      بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا دۈشمەننىڭ بىر تال يا ئوقى ۋالىينىڭ كۆكرىكىگە تېگىپتۇ. ئۇنىڭ مەيدە يانچۇقىدا ھېلىقى مىس تەڭگە بولغاچقا ئوق تەڭگىگە تېگىپ ۋالىي ئامان قاپتۇ. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە سۇلتانى ۋالىينى قوبۇل قىپتۇ. ۋالىي ئۇنىڭغا مىس تەڭگىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. سۇلتان مىس تەڭگىنى قولىغا ئېلىپ: ‹‹بۇ تەڭگە ھەقىقەتەن ھېكمەتلىك ئىكەن›› دەپ ماختاپتۇ. ۋالىي سۇلتاننىڭ تەڭگىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى سۇلتانغا ھەدىيە قىپتۇ. سۇلتان تەڭگىگە بىر تال ئالتۇن زەنجىر بېكىتىپ خەنجىرىنىڭ دەستىسىگە ئۆتكۈزۈۋاپتۇ.

      بىر كۈنى سۇلتان خانىش بىلەن مەي ئىچمەكچى بولغاندا خانىش مىس تەڭگىنى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنى كۆرۈپ بېقىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. سۇلتان مىس تەڭگىنى خەنجەر دەستىسىدىن چىقىرىپ خانىشقا ئۇزىتىشىغا ئېھتىياتسىزلىقتىن مىس تەڭگە جامغا چۈشۈپ كېتىپ بىردەمدىلا كۆكىرىپ كېتىپتۇ. ئەسلىدە سۇلتاننىڭ دۈشمەنلىرى مەيگە زەھەر سېلىۋەتكەن ئىكەن.

      شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان بۇ مىس تەڭگىنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، ئۇنى ئەتىۋارلىق گۆھەر بىلىپ شاھلىق تاجىسىغا بېكىتىۋاپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر