باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ئاق كۆڭۈللۈك ئېسىل پەزىلەت

زۇلپىيە يالقۇن

 

      بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ كەنجى شاھزادىسىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. شاھزادە نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىكەن، ئەمما كۈنبويى پەرىشان يۈرىدىكەن. بىر كۈنى بىر سېھرىگەر ئوردىغا كېلىپ شاھزادىنى خۇشال قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ: ‹‹شۇنداق قىلالىساڭ كاتتا ئىنئام بېرىمەن›› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سېھرىگەر شاھزادىنى ھۇجرىسىغا باشلاپ كىرىپ بىر ۋاراق قەغەز بېرىپتۇ ۋە قەغەزدىكى خەت بويىچە ئىش قىلىشنى ئېيتىپ كېتىپ قاپتۇ. قەغەزگە ‹‹كۈندە باشقىلارغا بىر ياخشى ئىش قىلىپ بېرىڭ!›› دەپ يېزىلغانىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ شاھزادە كۈندە باشقىلارغا بىر ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ناھايىتى خۇشال بالىغا ئايلىنىپتۇ.

      ئادەم باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى، ياردەم قىلىشنى، مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى بىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ خۇشال قىلالايدۇ. دېمەك ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك، ئوچۇق – يورۇقلۇق تولىمۇ قىممەتلىك بايلىق.

      باشقىلارنىڭ بەدىنىنى ئۇۋىلاپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر ئەما موماي يىغقان پۇللىرىنى ئېلىپ ئېلېكتىر سايمانلىرى ماگىزىنىنىڭ خوجايىنىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ ۋە ئۆيىنىڭ يېنىدىكى كوچىغا بىرنەچچە چىراغ ئورنىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. خوجايىن ھەيران بولۇپ: ‹‹كۆزىڭىز كۆرمەيدىغان تۇرسا يول چىرىغى ئورنىتىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟›› دەپ سوراپتۇ. موماي: ‹‹توغرا، مەن كۆرەلمەيمەن، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەچتە بۇ كوچىدىن ئۆتكەندە پۇتلىشىپ كېتىپ چىراغ يوقلۇقىدىن ئاغرىنغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، باشقىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن چىراغ ئورنىتىپ بەرسىڭىز›› دەپتۇ. خوجايىن موماينىڭ سۆزىدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ يول چىرىغىنى ھەقسىز ئورنىتىپ بېرىپتۇ. موماينىڭ ئاق كۆڭۈللىكى پۈتۈن بازاردىكىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ.

      ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ. باشقىلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلالىغان ئادەم چوقۇم باشقىلارنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ. ھاياتتا ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي بولۇشتىنمۇ ئارتۇق ئېسىل پەزىلەت بولمايدۇ.

 

      (ئاپتور ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر