باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

تاشقى پىلانېتا ئادەملىرى توغرىسىدا

      بىز دائىم تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تەسەۋۇرلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا كىشىلەر تاشقى پىلانېتا ئادىمىنىڭ قىياپىتى، ئىسمى، گەپ قىلىش ئۇسۇلى، ھەتتا ئۇلارنىڭ نېمە يېيىشكە ئامراقلىقىدىن تارتىپ تەسەۋۋۇر قىلغان. شۇڭا، بىز يەنە بىر قېتىم ئوخشىمىغان، ئەڭ يېڭى تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. تەسەۋۋۇرىمىز تېلېۋىزور ۋە رەسىملىك كىتابتىكى تاشقى پىلانېتا ئادەملىرى بىلەن چەكلىنىپ قالمىسۇن.

       ئالدى بىلەن مەن تەسەۋۋۇرۇمنى ئوتتۇرىغا قوياي.

      مەن‹‹كاۋا›› تاشقى پىلانېتا ئادىمىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. ئۇنىڭ قۇرسىقى ئىنتايىن چوڭ. چىشلىرى بولسا كاۋا ئۇرۇقى. بۇ ‹‹كاۋا› تاشقى پىلانېتا ئادەملىرى ئويۇن – تاماشىغا ئامراق بولغاچقا قورسىقىغا ئۇرۇپ ‹‹دۇڭ، دۇڭ، دۇڭ››، ‹‹بوڭ، بوڭ، بوڭ›› ئاۋازلارنى چىقىرىپ ئوينايدىكەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر