باش بەت | پەن– تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

جۇڭگولۇق كومپيۇتېر شاھى ۋاڭ ئەن

      ئامېرىكىدىكى ‹‹ۋاڭ ئەن›› كومپيۇتېر شىركىتى ئامېرىكىدا ‹‹جۇڭگولۇقلار ئىچىدە بىرىنچى، ئامېرىكىدا سەككىزىنچى›› دېگەن ئىقتىسادىي ئورۇنغا ئېرىشكەن بولۇپ خەلقئارا كومپيۇتېر ساھەسىدىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى دەل ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىر، ئالىم، كارخانىچى ۋاڭ ئەن دوكتۇر. ۋاڭ ئەن 1940 – يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 1944 – يىلى ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان ۋە مەكتەپتىكى چېغىدىلا ماگنىتلىق ئۆزەكنى كەشىپ قىلغان ھەمدە 1946 – يىلى تۇنجى پىروگراممىلىق كومپيۇتېرنى ياساپ چىققان. 1951 – يىلى 30 ياشلىق ۋاڭ ئەن ‹‹ماگنىتلىق ئىمپۇلس كونتروللىغۇچ››تىن ئىبارەت باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى كومپىيۇتېر دېتالىنى كەشىپ قىلىپ كومپيۇتېر ھەجىمىنى خېلىلا كىچىكلىتىپ، ھازىرقى مىكرو كومپيۇتېرلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان. ئۇ چاغلاردا ئامېرىكا ئېلېكتىر سانائىتى تېخى باشلانمىغان بولۇپ ۋاڭ ئەننىڭ باشلامچىلاردىن ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ۋاڭ ئەن ‹‹ماگنىتلىق ئەستە ساقلاش ئورامى››نىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئامېرىكا خەلقئارا سودا ماشىنىلىرى (IBM) شىركىتىگە 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋېتىپ، بۇ پۇلغا ‹‹ۋاڭ جەمەتى تەجرىبىخانىسى›› دەپ ئاتالغان كومپيۇتېر زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىققان. 1964 – يىلى ۋاڭ ئەن يەنە ئۈستەل كومپيۇتېرى، كومپيۇتېرلىق بەت ياساس ماشىنىسى، ئېلېكتىرونلۇق نومۇر قويغۇچ، تەڭلىمە تۈزەلەيدىغان كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەڭلىمە تۈزەلەيدىغان كومپيۇتېر ھېسابلاش، ساقلاش، مەسىلە يېيىشتەك مۇرەككەپ پەن – تېخنىكا ئىقتىدارلىرىغا ئىگە بولۇپ خەلقئارا ئېلېكتىرون ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان. ۋاڭ ئەن ئەزەلدىن بىر ئىزىدا توختاپ قالمىغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ شىركىتى يەنە كىچىك تىپتىكى ‹‹mini›› كومپيۇتېر، كارتا پەرقلەندۈرگۈچ، ئاپتوماتىك خەت ئۇرۇش ماشىنىسى ۋە تېخىمۇ ئىلغار بولغان يېڭى تىپتىكى ‹‹wang pic ›› كومپيۇتېرى قاتارلىقلارنى كەينى – كەينىدىن ياساپ چىققان. ۋاڭ ئەن لايىھەلىگەن كومپيۇتېر باشتىن – ئاخىر دەۋر بىلەن ماس قەدەم ئېلىپ كەلگەن.

 

قۇتلۇق قۇدرەت (پىراكتىكانت) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر