باش بەت | پەن– تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

سەزمە يۈزلۈك پارتا

      داڭلىق فانتازىيەلىك فىلىم ‹‹پىلانىتلار ئارا ساياھەت››دېگەن فىلىمدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق سەزمە ئېكران ئىشلىتىلگەن كۆرۈنۈش ئادەمنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. دەل مۇشۇ كۆرۈنۈشنىڭ ئىلھامى بىلەن ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلار ھازىر كومپيۇتېر بىلەن پارتىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرخىل سەزمە يۈزلۈك پارتىنى تەتقىق قىلىپ ياسىماقتا. سەزمە يۈزلۈك پارتىنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە ئىقتىدارى ئالما شىركىتىنىڭ Iphone يانفونىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن، چوڭلۇقى پارتىنىڭ چوڭلۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا ئىنفرا قىزىل نۇر تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ بىرنەچچە ئوقۇغۇچى تەڭلا ئىشلىتەلەيدۇ.

      بۇ خىل يېڭىچە پارتىنى ھەم ئېكران، ھەم دوسكا قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. سەزمە يۈزلۈك پارتا بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كونترول سەھنىسى ئۆزئارا ئۇلانغان بولۇپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى ھەرۋاقىت كۆزىتەلەيدۇ ھەمدە ۋاقتىدا ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىنى مەركەز قىلغان ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

      كەلگۈسىدە سەزمە يۈزلۈك پارتا ئەنئەنىۋى قەغەز كىتابلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى ھەربىر پارتىغا يوللىۋەتسە ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ پارتىسىدىلا تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىيەلەيدۇ.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر