باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

2011 – يىللىق مەملىكەتلىك ئەترەت خىزمىتىنىڭ يېڭى پىكىر يوللىرى

      سوئال: 2011 – يىلى دۆلىتىمىزنىڭ 12 – بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويغان تۇنجى يىلى، شۇنداقلا ‹‹دۆلىتىمىز ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھە پروگراممىسى››نى يولغا قويغان تۇنجى يىل، مائارىپ ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئەترەت خىزمىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى. ئۇنداق بولسا يېڭى بىر يىلدا ئەترەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم پىكىر يولى قانداق بولىدۇ؟

       جاۋاپ: 2011 – يىلى ئەترەت خىزمىتىنىڭ پىكىر يولى مۇنداق: پارتىيەنىڭ 17 – نۆۋەتلىك 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 16 – نۆۋەتلىك 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، مەملىكەتلىك 6 – قېتىملىق پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى ئەترەت تەشكىلىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، تەشكىلىي تەۋەلىكنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش، ئەترەتنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ پەنلىرىنى بەرپا قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ قاتلاملار بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزگە بولغان ساددا ھېسسىياتىنى تەدرىجىي يېتىلدۇرۇش؛ ئالىي مەكتەپتىكى پەنلەر بويىچە تەربىيەلەش بىلەن ئەترەت خىزمەت ئورنى ئۇنۋانىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەربىيەچىلەرنىڭ كەسىپلىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى بىلەن ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ ئىتتىپاق بىلەن مائارىپنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پەن ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى ۋە تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ خىزمەتلەرنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق ئەترەت خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

       سوئال: 2011 – يىلى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى. ئاساسىي قاتلامدىكى چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆسمۈرلەرگە پارتىيەنى، سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىش لازىم. مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى مۇشۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؟ ئەترەت بويىچە قانداق مەزمۇندىكى باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى؟

       جاۋاپ: ‹‹پىيونېرلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنەر›› باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى ئەترەتتە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كوزىر تەربىيە پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىلقى پۈتۈن ئىتتىپاق بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹‹پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە خىزمىتىدىن خەۋەردار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش›› باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسان پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ‹‹پىيونېرلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنەر›› باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. پائالىيەت داۋامىدا تەربىيەچىلەر پائالىيەتنى بارلىق ئۆسمۈرلەرگە يۈزلەندۈرۈپ چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ئەترەتلەرنىڭ تەشكىلىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ پىيونېرلار ياخشى كۆرىدىغان، داۋاملىق ئىشلىتىدىغان، پىششىق بىلىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى كەڭ – كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم؛ مۇھىم بايرام كۈنلىرى ۋە خاتىرە كۈنلىرى(چوكانتال بايرىمى، بالىلار بايرىمى، پارتىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش بايرىمى، ئارمىيە بايرىمى) نى چىڭ تۇتۇپ ئىجابىي تەربىيە، ئەمەلىيەت تەربىيەسى، مەدەنىي تەربىيە ۋە سېلىشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش لازىم؛ قەھرىمان ئوتتۇرا ئەترەت، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن قول تۇتۇشۇش، ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىش، ئىنقىلابىي ھېكايىلارنى ئېيتىش، دەۋر ئاۋانگارتلىرىنى ئىزدەش، گۈزەل كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قاتارلىق ئەترەت پائالىيەت ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ يىڭى ئۇسۇللار ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ يېڭى شەكىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ دائىملىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئەترەتنىڭ كەسپىي قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلار ۋە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە خۇلاسىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سەرخىل پائالىيەتلەرنى ۋە تۈرلەرنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقىنى، ئىلمىيلىكىنى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم.

      سوئال: ئەترەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە باش شۇجى خۇجىنتاۋ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئەترەت خىزمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي يەنە ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى نىشانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل ‹‹ تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئاساسىي قاتلام ئەترەت تەشكىلاتى قايسى جەھەتلەردىن داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك؟

      جاۋاپ: ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پائالىيەتنى بارلىق پىيونېرلارغا يۈزلەندۈرۈپ پائالىيەتنىڭ ئومۇملىشىشىنى، ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە قاراتمىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ھەممە ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشتىكى يېڭى مەۋسۇم، يېڭى ئوقۇش يىللىق كونكرېت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ ئوتتۇرا ئەترەت، كىچىك ئەترەت ۋە ئەترەت كۇرۇژۇكلىرىنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش لازىم، پائالىيەت يوللىرىنى ۋە ساھەسىنى كېڭەيتىپ ئەترەت خىزمىتىنى ئىجادچانلىق بىلەن قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پىيونېرلارنى رەڭگارەڭ پائالىيەت داۋامىدا ئاڭلىق تۈردە ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشقا يېتەكلەش لازىم. مەسىلەن: ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش ئىجادىيەت ناخشىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش؛ ئۆسمۈرلەر ياقتۇرىدىغان مۇزىكا، كارتون شەخسلىرى، ئويۇن، كىنو تېلېۋىزىيە فىلىملىرى قاتارلىق دەۋرگە ماس مودا مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە كېڭەيتىش قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ پائالىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پىيونېرلار كوزىر پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. مەسىلەن، ‹‹قول تۇتۇشۇش››، ‹‹قول تۇتۇشۇش پىيونېرلار كىتابخانىسى›› نى بەرپا قىلىش، ‹‹كىچىك بۈركۈت›› مېدالىنى تالىشىش، ‹‹بىخەتەرلىك پائالىيىتى››، ‹‹پىيونېرلار ھەربىي مەكتىپى››، ‹‹پىيونېرلار پەنلەر ئاكادېمىيەسى›› قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئومۇملاشتۇرۇشقا ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ تېخىمۇ كۆپ ئۆسمۈرلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش لازىم.

      سوئال: پىيونېرلارنىڭ مەملىكەتلىك 6 – قۇرۇلتىيىدا پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قاتلاملارغا بۆلۈپ تەربىيەلەش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ قانداق يېڭى تەدبىرلىرى بار؟

      جاۋاپ: بىرىنچىدىن ئەترەت تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر پەندىن يۇقىرى پائالىيەتنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان كەسپىي دەرسلىك تەسىس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، ئوتتۇر – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇنتىزم تەرتىپى بويىچە ئۆسمۈرلەردە پارتىيەگە، سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى نىشان، ۋەزىپىسى، تەربىيەلەش مەزمۇنى، ئۇسۇلى، ئاساسىي كاپالىتى، رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە مۇنتىزم ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىىپ بېرىش لازىم؛ ‹‹تەربىيەچىلەر خىزمەت پروگراممىسى›› (سىناق نۇسخىسى)، ‹‹ئەترەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش پروگراممىسى›› (ۋاقىتلىق ئىسمى)، ‹‹ئۆسمۈرلەردە پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش خىزمىتى ئوقۇشلۇقى››، ‹‹پائالىيەتلەر تاللانمىسى›› قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە كېڭەيتىپ تەربىيەچىلەرنى يېتەكلەش قورالى ۋە پائالىيەت مىساللىرى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

      ئىككىنچىدىن دۆلەت مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيەسى دەرسلىكى، يەرلىك ۋە دەرسلىكلەردە بېكىتىلگەن ھەپتىدە بىر سائەت ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر سائەتتىن يۇقىرى بولغان ئەترەت پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ ئەترەت پائالىيىتىنى ئەخلاق تەربىيەسى، ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسلىكى پىلانىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشىپ ئەتىگەنلىك ئوقۇش، بايراق چىقىرىش، چوڭ تەنەپپۇس، ئىختىيارىي پائالىيەت ۋاقتى، دەرستىن سىرتقى ۋاقىت، تەتىللىك ۋاقىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

      ئۈچىنچىدىن كىچىك بۈركۈت مېدالىنىڭ مېدال تۈرلىرىنى تەڭشەپ مېدال ئېلىش چارىسىنى بېكىتىپ چىقىپ، ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكى بالىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىغا ماس كېلىدىغان باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ پائالىيەت ئۈنۈمىنى سىنايدىغان چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم.

      تۆتىنچىدىن جۇڭگو پىيونېرلار خىزمىتى ئويۇشمىسىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئەترەتنىڭ نۇقتىلىق تېما تەتقىقاتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆسمۈرلەردە پارتىيىگە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش مەزمۇن قىلىنغان مۇنەۋۋەر دىسىرتاتسىيەلەرنى باھالاش پائالىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

      سوئال: تەربىيەچىلەرنىڭ كەسىپلىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەربىيەچىلەرنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇلتۇر تۆت مىنىستىرلىك ۋە كومىتېت بىرلىشىپ ‹‹ئەترەت تەربىيەچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر››نى ئېلان قىلدى. بۇ يىل مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى تەربىيەچىلەرنىڭ سىياسىي كاپالىتى، كەسپىي تەربىيەلىنىشى ۋە ئەترەت پەنلىرى قۇرۇلۇشىدا قانداق ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارماقچى ۋە قانداق بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرمەكچى ؟

      جاۋاب: مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى تۆت ئىشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدۇ: بىرىنچىدىن ‹‹ئەترەت تەربىيەچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر››نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، سىياسەتلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىغا ئايلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز.

      ئىككىنچىدىن ئالىي مەكتەپلەردە ئەترەت خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىشقا تىرىشىمىز. دۆلەت ئالىي مائارىپ تەربىيە كەسىپلىرى مۇندەرىجىسىدە ياكى دارىلمۇئەللىمىن تەربىيە كەسىپلىرى مۇندەرىجىسىدە ئەترەت خىزمىتىگە دائىر كەسپلەرنى تەسىس قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش. جايلار دارىلمۇئەللىمىنلەردە مەخسۇس كورس، تولۇق كورس ۋە ماگىستر، ئاسپىرانت قاتارلىق ھەرقايسى قاتلاملار بويىچە ئەترەت تەربىيەسى كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەترەت تەربىيەسىنى دارىلمۇئەللىمىن تۈرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسى كەسپىنىڭ مۇقەررەر ئوقۇشلۇقى قاتارىغا كىرگۈزۈپ تەربىيەچىلەرنىڭ باشتىن باشلاپلا تەربىيەلىنىشىگە، خىزمەتتە تەربىيەلىنىشىگە ئىلھام بېرىمىز.

      ئۇچىنچىدىن، ئەترەت پەنلىرى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانى سىناق نۇقتىسىنى قانات يايدۇرۇش. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ جايلاردا ئۇنۋان سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ئۇنۋانىدا ئەترەت تەربىيەسى كەسپىي تۈرىنى تەسىس قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ باھالاش چارىسى ۋە ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئەترەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەربىيەچىلەرنى ئۇنۋان باھالاشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە بولىدۇ؛ تەربىيەچىلەر باشقا پەن تۈرلىرىدىكى ئۇنۋان باھالاشقا قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەترەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان خىزمەت مىقدارىنى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى مۇۋاپىق نىسبەتتە ھېسابلاپ ئۇنۋان باھالاشقا كىرگۈزۈۋېتىشكە بولىدۇ. مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى خىزمەت ئورنىنىڭ قوش قاتلاملىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنى مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرۇش خادىمى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەترەت تەربىيەسى كەسپىي ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتىمىز. تۆتىنچىدىن، قاتلاملار بويىچە يىللىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى بىر مەيدان تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ قاتلاملار بويىچە مەسئۇل بولۇشقا ئاساسەن، ھەربىر تەربىيەچىنى يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەربىيەلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇرۇشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

      سوئال: شەخسلەر قۇرغان مەكتەپلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ شەخسلەر قۇرغان مەكتەپلەردە، مەھەللىلەردە ئەترەت قۇرۇش ئەترەت تەشكىلاتى دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىگە، يېڭى ۋەزىپىگە ئايلىنىپ قالدى. 2011 – يىلى مەملىكەتلىك پىئونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ھەردەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇلۇشىنى ۋە شەخسلەر قۇرغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەترەت خىزمىتىنى، مەھەللىلەر ئەترەت خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە قانداق يېڭى تەلەپلىرى بار؟

      جاۋاپ: مەملىكەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن 2009 – يىلى 6 – ئايدىن باشلاپ مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، مەھەللە ئەترەت تەشكىلاتى ۋە رايون ناھىيەلەر ئەترەت تەشكىلاتى قاتارلىق تۆت قاتلام بويىچە ئەترەتنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى مەخسۇس بىر يىل قانات يايدۇرۇپ، شەخسلەر قۇرغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئەترەت تەشكىلاتى ئەھۋالىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدۇق. شۇڭا، مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى مەملىكەت بويىچە شەخىسلەر قۇرغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئەترەت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ خىل مەكتەپلەردە ۋە مەھەللىلەردە ئەترەت قۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ شەخسلەر قۇرغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەترەت قۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇ خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىمىز ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرىمىز. شۇنداقلا، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ يېزا، بازارلاردىكى ۋە كوچا باشقارمىلىرىدىكى تەشكىلىي ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ جۇڭگو تەربىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۆسمۈر– بالىلار مەكتەپتىن سىرتقى تەربىيە تارمىقىنىڭ مەھەللە ئەترەت خىزمىتىدىكى تەتقىقاتى ۋە يېتەكچىلىك رولىدىن پايدىلىنىپ، مەھەللە ئەترەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىمىز.

      سوئال: تەربىيەچىلەر قوشۇنى ئەترەتنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئەترەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. بۇ يىللىق باھالاش تەقدىرلەش جەھەتتە قانداق كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار؟

      جاۋاپ: 2011 – يىلى مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى مۇنەۋۋەر ئەترەت ئەزاسى، ئەترەت تەربىيەچىلىرى، ئەترەت كوللېكتىپىنى باھالاش، تەقدىرلەش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ. مەملىكەت بويىچە تەقدىرلەنگەن ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېرلار››، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېرلار يېتەكچىسى››، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېرلار كوللېكتىپى›› قاتارلىقلارنى باھالاشتا باھالاش جەريانىغا ئەھمىيەت بېرىىپ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخس ۋە كوللېكتىپ تىپلارنى تىكلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پىيونېرلار، تەربىيەچىلەر، ئەترەت كوللېكتىپىنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ ياخشى تەشۋىقات يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈرىمىز.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر