باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

رەسىمگە قاراپ ماقالە يېزىش ماھارىتى

  يېزىقچىلىق تەلىپى

 

      رەسىمگە قاراپ ماقالە يېزىش ماتېرىيالى بەلگىلەپ بېرىلگەن ماقالىلەرنىڭ بىر خىلى بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق ماقالىلىرى ئىچىدە بۇ خىل ماقالىلەر بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىلاردىن رەسىم مەزمۇنى ۋە چىقىرىلغان تېمىنىڭ تەلىپى بويىچە ماقالە يېزىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل يېزىقچىلىق شەكلىدىن ئىبارەت. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئادەتتە رەسىمگە قاراپ ماقالە يازغاندا بايان ماقالىلىرى ۋە چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرىنى كۆپرەك يازىدۇ. باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدا بەزى ھاللاردا بەلگىلىك ئىدىيىۋى مەزمۇن چىقىش قىلىنغان قىسقا ھەجىملىك مۇھاكىمە ماقالىلىرى يېزىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەلگىلەپ بېرىلگەن تېمىنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا مەزمۇن بەلگىلىنىدۇ.

      ئۇنداقتا، رەسىم ماتېرىيال قىلىنىدىغان ماقالىلەرنى زادى قانداق يېزىش كېرەك؟

      (1) رەسىمنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، رەسىمنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى بېرىلگەن تېمىنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا ئېنىق بەلگىلەپ چىقىش كېرەك. چۈنكى، رەسىم مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇ رەسىمنى ماقالە شەكلى ئارقىلىق تولۇق يورۇتۇپ بەرگىلى بولمايدۇ. رەسىمگە قاراپ ماقالە يازغاندا باشتىن – ئاخىر بەلگىلەپ بېرىلگەن ئاشۇ رەسىمنىڭ مەزمۇنىنى چىقىش قىلىش شەرت. شۇڭا، يېزىشتىن ئاۋۋال رەسىمنىڭ بىزنى قايسى ۋاقىتتىكى، قانداق بىر ئورۇندىكى كۆرۈنۈش بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن تەلەپتە قانداق شەكىلدە يېزىش بەلگىلەنگەن بولسا شۇنداق ماقالە شەكلىدە يېزىپ چىقىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى رەسىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشىش كېرەك. بۇنىڭدا رەسىمدىكى مەزمۇنلار كەم ئىپادىلىنىپ قالسا ۋە ياكى رەسىمدە يوق بولغان مەزمۇنلار قوشۇلۇپ قالسا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ.

      (2) رەسىمنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، رەسىمدە نېمىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى، نېمىگە قارشى تۇرۇلغانلىقى، نېمە مەدھىيىلىنىپ، نېمە تەنقىد قىلىنغانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. مانا بۇ خىل ھالقىلار رەسىمگە قاراپ يېزىلغان ماقالىلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ تەرەپلەرنى روشەنلەشتۈرۈۋالماي تۇرۇپ، ماقالە مەزمۇنىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولمايدۇ.

     (3) مەنزىرىمۇ، ئادەممۇ بار بولغان رەسىملەر ئاساسىدا ماقالە يازغاندا مەنزىرىنى ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنى مەركەز قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ خىل رەسىملەر ئادەملەرنى ئاساس قىلىپ سىزىلغان بولىدۇ.

     (4) رەسىمدە ئىپادىلەنگەن تەپسىلاتلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بەزى رەسىملەردە كونكرېت ئىش – ھەرىكەت ۋە تەپسىلاتلار ئوبرازلىق ھالدا كۆرسىتىلگەن بولىدۇ. بۇ خىل رەسىملەر ئاساسىدا ماقالە يازغاندا، رەسىمدە ئىپادىلەنگەن تەپسىلاتلارنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا رەسىم مەزمۇنىنى توغرا ھەم ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى بولماي قالىدۇ.

    

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر