باش بەت | تەربىيچىلىرىمىز

‹‹قوش تىل›› ئۇرۇقىنى چاچقۇچى

مەملىكەت بويىچە ‹‹ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچى›› تۇتىگۈل ئىدىرىسنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا

 

 ئابدۇرېھىم نۇر

 

      تۇتىگۈل ئىدىرىس تىلغا ئېلىنىسا پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىردەك ئۇنى ‹‹يېڭىمەھەللە يېزىسىغا›› ‹‹قوش تىل›› ئۇرۇقىنى چاچقان ئايال دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇنىڭ كاتتا مەرتىۋىسى، يىراق – يېقىنغا تونۇلغۇدەك نام – شۆھرىتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاددىي ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 30 يىللىق ھاياتىنى مىللىي مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ئەۋلادلارنىڭ پارلاق كېلەچىكى ئۈچۈن مېھنەت – تاماسىز بېغىشلىدى؛ دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز ئەجىر سىڭدۈردى. ئۇنىڭ ئەجرى ئاخىر مېۋە بېرىپ ئۇنى شان – شەرەپلەرگە پۈركىدى.

      تۇتىگۈل ئىدىرىس 1983 – يىلى شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەرجىمانلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ھازىرقى خىزمەت ئورنى – پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى. ئۇ مۇنبەرگە قەدەم قويغان 30 يىلدىن بويان ئۆگىنىشنى ئىزچىل بوشاشتۇرماي، خىزمەتداشلىرىنى يېتەكلەپ ئورتاق ئالغا بېسىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى دەپ تونۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ئوقۇتقۇچى بولغاندىن بۇيان سەككىز قارار سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىم بۇلىقىنى ئېچىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا چەكسىز مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلىپ ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگەتتى؛ پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ دەرس مۇنبىرىنى ‹‹ماركىسىزملىق بەش قاراش›› ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىكى سەھنىگە ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدى؛ ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈمچان ئانىسى، سىرداش دوستىدەك ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى جاپا – مۇشەققەتكە، بەدەل تۆلەشكە قارىماي ياخشى ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە سازاۋەر بولدى.

      2006 – يىلى 4 – ئايدا تۇتىگۈل ئىدىرىس جېجياڭ ئۆلكىسى ‹‹خۇاشۈن›› ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا ئۆز ناھىيەسىدىكى ئىشلەمچىلەرنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ باردى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغلى ئاغرىپ قالدى. دەل شۇ مەزگىللەردە يولدىشىمۇ بەل ئۇمۇرتقا تەخسىسى ئۆسۈپ قېلىش سەۋەبلىك ئوپېراتسىيە قىلىنغانىدى. كېسەللىكتىن تولۇق ساقىيىپ بولالمىغان ئوغلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ: ‹‹ئانا، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەشقەر شەھىرىگە كەلدى، مەن يېتىم بالىدەك بويۇن قىسىپ قالدىم، بىزنى يوقلاپ قويساڭ بولاتتى...›› دېگەندە ئۇ ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدى.

      2009 – يىلى ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى مەكتەپتە تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالدى. ئۇ بۇ ئوقۇغۇچىنى دەرھال يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، تېزدىن ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۇتىگۈل ئىدىرىس يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئاپتوموبىل كىرا قىلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىنى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. تۇتىگۈل ئىدىرىسىنىڭ بۇ خىل ئانىلىق مېھرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى، ھۆرمىتى ۋە ساداقىتىنى كۈچەيتتى. ئۇنىڭ دەرسخانىدىكى ھەربىر نەسىھەت، كۆرسەتمىلىرىنى ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئادىمىيلىك مىزانى قىلدى.

      تۇتىگۈل ئىدىرىسنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ئاساسلىقى ‹‹قوش تىل››ئوقۇتۇشىدا گەۋدىلەندى. ئەينى يىللاردا مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى بىرقەدەر ئارقىدا قالغانىدى. ئۇ مەكتەپكە تەكلىپ بېرىپ ‹‹قوش تىل›› لىق سىنىپ ئېچىشنى، ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتۈش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلۇپ، 2005 – يىلى مەكتەپتە ‹‹قوش تىل›› لىق سىنىپ تەسىس قىلدى ھەمدە ئۇنى سىنىپ مەسئۇلى قىلىپ بېكىتتى. ئۇ بۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت ئىككى سىنىپقا ھەپتىدە 20 سائەت خەنزۇ تىلى دەرسى بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن تۇتىگۈل ئىدىرىس خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى مۇھىم ئىش دەپ قاراپ، قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى دەرسىنى ياخشى، ئۈنۈملۈك ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ ھەر سائەتلىك دەرسنى پۇختا، ئەتراپلىق تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا قىزىقارلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ، ھەربىر خەت، ھەربىر جۈملىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى تولۇق چۈشەندۈردى. خەنزۇ تىلى دەرسىنىڭ ئۆزلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن باشقا جايلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەت جەريانىدا قوللاندى. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىش، ماقالە يېزىش، تەسىرات سۆزلەشنى دەرسنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدى. بولۇپمۇ بۇنى تاپشۇرۇق، دەرستىن سىرتقى مەشىقنىڭ ئاساسى قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش، يېڭى دەرسلەرنى تېز ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىلدى. تۇتىگۈل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇلارنى كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، دائىم گۇرۇپپىلار ئارا مۇھاكىمە، مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، رىقابەتنى كۈچەيتتى. بۇ خىل ئۆزگىچە ئۆگىنىش مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى.

      ئۇنىڭ سىنىپىدا مەمەتئېلى ئىسىملىك ناھايىتى كەپسىز بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ خەنزۇ تىلى ئاساسى ئاجىز ئىدى. بارا – بارا مەمەتئېلىدا ئۆگىنىش خۇش ياقماسلىق، خەنزۇ تىلى دەرسىدىن زېرىكىش كەيپىياتى پەيدا بولۇپ، خەنزۇ تىلى دەرسىگە تولۇق قاتناشماي، سىرتلاردا يۈرىدىغان بولۇۋالغانىدى. ئاتا – ئانىسى مەمەتئېلىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئوغلىغا خەنزۇ تىلى دەرسىگە تولۇق قاتنىشىشنىڭ لازىملىقى، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگەنسە مەيلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندە ياكى جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن بولسۇن ھامان ئەسقاتىدىغانلىقى، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللارنى سۆزلەپ تەربىيە بەردى. بىراق، مەمەتئېلى ئاتا – ئانىسىغا ھە دەپ قويۇپ قىلغۇلۇقىنى قىلىپ يۈرۈۋەردى. ئوقۇغۇچىسى بۇنداق كېتىۋەرسە ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن تۇتىگۈل ئىدىرىس بۇ ئوقۇغۇچىنى تەنقىدلەش ئەمەس، بەلكى بۇ ئوقۇغۇچىغا ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ، قايتا – قايتا تەربىيە ئىشلەش ئارقىلىق ئاخىر ئۇنىڭ پىسىخىكىسىدىكى خەنزۇ تىلى دەرسىدىن بىزار بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئوقۇغۇچى سىنىپتىكى خەنزۇ تىلى دەرسىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلار سېپىگە قوشۇلدى. ئوغلىدىكى ياخشى بۇرۇلۇشنى سەزگەن ئاتا – ئانا تۇتىگۈل ئىدىرىسكە كۆپ رەھمەت ئېيتتى.

      ‹‹بىر چى قېلىنلىقتىكى مۇز بىر كېچىدىلا تۇتقان ئەمەس››. ‹‹قوش تىل›› سىنىپىغا تۇنجى قارار قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ يۇقىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك سەۋىيىگە ئىگە قىلىشتىكى جاپالار ئۇنىڭ ھالىنى قويمىدى. بۇ جەرياندا ئۇ بارلىق ۋاقتى ۋە زېھنىنى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىغا سەرپ قىلىپ، ھېيت – بايرام، دەم ئېلىش ھەتتا تەتىل كۈنلىرىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش، تەكرار قىلدۇرۇش بىلەن ئۆتتى. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇ بارلىق جاپالىرىنى ئۇنتۇپ، ھارغىنلىقى نەلەرگىدۇر غايىپ بولاتتى. تۇتىگۈل ئىدىرىسنىڭ تۇنجى قارارلىق ‹‹قوش تىل›› لىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 2008 – يىلى بەش نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، بۇ مەكتەپتىكى بىرمۇ ئوقۇغۇچى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتەلمەسلىك تارىخىغا خاتىمە بەردى. تۇتىگۈل ئىدىرىس ئۆزىمۇ قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش ۋە باشقا ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى كەسىپداشلىرىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققان بىر يۈرۈش يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى مەكتىپىدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆگىتىش ئارقىلىق بۇ مەكتەپنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش سۈپىتىدە يېڭىچە يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى كەسىپداشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ناھىيە بويىچە كېڭەيتىلدى.

      تۇتىگۈل ئىدىرىس يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقى بەدىلىگە مۇناسىپ شان – شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئۇ 1991 – يىلى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قوبۇل قىلىندى؛ 2009 – يىلى ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى؛ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يېزا، ناھىيە، ۋىلايەت بويىچە كۆپ قېتىم ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››، ‹‹ئوقۇتۇش ماھىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى››، ‹‹8 – مارت قىزىل بايراقدارى›› بولۇپ تەقدىرلەندى ۋە مۇكاپاتلاندى. بۇلتۇر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا ئۇ ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە چاقىرىلغان مۇنەۋۋەر ۋە ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى ھەمدە مەملىكەت بويىچە ‹‹ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولدى.  

      

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر