باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ناخشىسىنى ياڭرىتايلى

چېن ۋېي

 

      شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. تارىم دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 – شىسى 12 – مەيدان باشلانغۇچ مەكتىپى ئۇيغۇرلار يېزىسى بىلەن قوشنا بولغاچقا يەرلىك مىللىي مەدەنىيەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى. مەكتەپ شىنجاڭنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ‹‹مىللىي يېزىلارغا بېرىش›› تېمىلىق ئەمەلىيەت ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پىيونېرلار تەربىيەچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ مول مىللىي ئۆرپ – ئادەتكە ئىگە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

      تۇرمۇشتا ئۆزئارا ئالاقە باغلاش مىللىي ئالاھىدىلىكنى نۇرلاندۇردى

     ھەربىر مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ‹‹بىز باشقا مىللەتتىن بولغان كىچىك دوستلار بىلەن قانداق قىلغاندا ياخشى دوست بولالايمىز؟›› دېگەن بۇ مەسىلە 12 – تۇەن باشلانغۇچ مەكتەپ پىيونېرلىرىنى ئويلاندۇردى. تەربىيەچى پىيونېرلارغا: ‹‹بىز ئىشنى مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆگىنىشتىن باشلىشىمىز، ئالدى بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىكنى ئۆگىنىشىمىز لازىم›› دەپ يول كۆرسەتتى.

      پىيونېرلار كۆرۈشكەندە ئاۋۋال ئۇيغۇرچە ‹‹ياخشىمۇ سىز›› دەپ ئەھۋال سوراشنى ۋە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەندى، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆگىنىش داۋامىدا دوست تۇتۇشۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، مىللىي دوستلار بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ چارىسىنى ئىگىلىدى. پىيونېرلار سۆزلىشىشتە قىينالغان، ئۇسسۇلنى ياخشى ئوينىيالمىغان بولسىمۇ خۇشال كۈلكە ئاۋازى ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان پىيونېرلارنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. تۇرمۇش جەھەتتىكى ئالاقە مىللىي ھېسسىياتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلاردا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

      مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە مىللىي ھېسسىياتنى يىلتىز تارتقۇزدى

      پىيونېرلار ‹‹مىللىي يېزىغا بېرىش›› پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈر – بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە لايىھە تۈزۈپ ‹‹ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، يۇرتۇمنى سىزىمەن›› تېمىلىق ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار ‹‹قول تۇتۇشقان›› كىچىك دوستلارغا كىتاب ۋە ئۆگىنىش ماتېرىيالى سوۋغا قىلدى، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت شېئىرى ئېيتتى، شۇنداقلا دۆلەت بايرىقى ۋە ئەترەت بايرىقى سىزىشنى ئۆگەندى. ‹‹تارىخىي مەدەنىيەت بىلىملىرى مۇسابىقىسى›› تېمىلىق پائالىيەتتە ئۇلار ‹‹خەنزۇ، ئۇيغۇر ياخشى دوست›› بولۇپ تەشكىللىنىپ ھەر خىل قىزىقارلىق سوئاللارغا جاۋاب بەردى، بۇنىڭ بىلەن پىيونېرلار ئوتتۇرىسىدىكى قىممەتلىك دوستلۇق تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئوخشىمىغان مىللىي مەدەنىيەت ئالاقىسى ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ دوستلۇقى پىيونېرلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتتى.

      سىردىشىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

     مەكتەپ پىيونېرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىگىلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزىدىكى پېشقەدەم شۇجىنى تەكلىپ قىلىپ شىنجاڭ ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرىكى تارىخنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، يەنە دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنى نەننىۋەننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرايلى››، تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىندا ‹‹پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى، ۋەتەننىڭ ئىللىقلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش تارىخىنى ئۇنتۇماسلىق››تىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ ئۇنتۇماسلىق›› دېگەن تېما مەزمۇن قىلىندى، بۇ يىغىندىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلار 12 – مەيدان باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ناھايىتى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.

     ئۆزگىرىش، تەرەققىيات، كەلگۈسى ھەققىدە سۆزلەش، سىردىشىش، خەنزۇ، ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بىر ئەۋلاد ئۆسمۈر – بالىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەممە يەردە ئېچىلدۇردى.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر