باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ۋەتىنىم تەرەققىي قىلسا مەن ئۆسۈپ يېتىلىمەنھھ

      پائالىيەت مەقسىتى:

      يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق پىيونېرلارغا جۇڭگونىڭ شانلىق تارىخىنى چۈشىنىپ ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى قوزغاپ، مىللىي غۇرۇرى ۋە ئىپتىخارىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى جۇڭگولۇق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ تىرىشىپ ئوقۇشقا يېتەكلەش.

     

      پائالىيەت جەريانى:

      بىرىنچى باب: قالتىس جۇڭگو

      رىياسەتچى: ۋەتىنىمىز 5 مىڭ يىلدىن ئارتۇق شانلىق تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ قانداق قالتىس نەتىجىلىرى بارلىقىنى بىلەمسىلەر؟

      پىيونېر 1: شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان سەي لۇن قەغەز ياساش تېخنىكىسى كەشىپ قىلغان؛ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭلى يىللىرى(مىلادى 1041 — 1048)دا ياشىغان بى شىڭ باسمىچىلىق تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان؛ جەنگو دەۋرىدە مەملىكىتىمىزدە تەبىئىي ماگنېتتىن ياسالغان كومپاس قوللىنىلىشقا باشلىغان؛ تاڭ سۇلالىسىدىكى دورا ياساش ئۇستىسى تاسادىپىيلىقتىن پارتلاتقۇچ دورىسى كەشىپ قىلغان؛ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدا ئوق دورىسى ئۇرۇشلاردا قوللىنىلىپ، 13 –، 14 – ئەسىرلەردە چەت ئەللەرگە تارقىلىشقا باشلىغان. قەغەز ياساش تېخنىكىسى، باسمىچىلىق، كومپاس ۋە مىلتىق دورىسى مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى تۆت چوڭ كەشپىياتىدۇر.

      پىيونېر 2: مەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى بىناكارلىق تېخنىكىسىنىڭ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلىمەن، سەددىچىن سېپىلى قەدىمكى ئەڭ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى، جياۋجۇ كۆۋرۈكى ھازىرغىچە ساقلانغان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ياي شەكىللىك كۆۋرۈكلەرنىڭ بىرىدۇر.

      پىيونېر 3: مەن جۇڭگو ئىشچى – دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي كۈچلەرنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن قارلىق تاغ، ئوتلاقلاردىن ئۆتۈپ 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ ئىنقىلاب غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلىمەن.

      پىيونېر 4: مەن يەنە 1937 — يىلدىن 1945 – يىلغىچە جۇڭگو خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ جەڭ قىلىپ ياپون باسقۇنچىلىرىنى جۇڭگودىن قوغلاپ چىقىرىپ، سەككىز يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلىمەن.

      رىياسەتچى: ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق ئۇلۇغ داھىيلىرىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو خەلقى جاپالىق ئازادلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، 1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى يېڭى جۇڭگونى قۇردى. تۆۋەندىكى شېئىر دېكلاماتسىيەسى ‹‹ۋەتەنگە مەدھىيە››نى ئاڭلاڭلار.

           

          ۋەتەنگە مەدھىيە

      5 مىڭ يىللىق ئەزىز تۇپراقتا

     سەن شاد – خۇرام يايرىدىڭ.

     ئوق، زەمبىرەك ئىچىدە

     سەن ئۈمىدۋار ياشىدىڭ.

     ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش دولقۇنىدا

     شەرقتە چاقنىدىڭ سەن گۆھەر بولۇپ.

     ياشلىق باھارىڭنى جەۋلان قىلدىڭ،

     ياندىم سەن ئۈچۈن گۈلخان بولۇپ.

     5 مىڭ يىللىق بوران – چاپقۇن ئۆتسىمۇ

     سەن يەنىلا تۇرماقتىسەن شۇنچە قىران.

     تۇغۇلغان كۈنۈڭگە يېقىپ شاملارنى،

     پىيونېرلار قەلبىمىزنى قىلدۇق بايان.

     بىز سەن ئۈچۈن ناخشا ئېيتىمىز،

     سېنى مەڭگۈ كۈيلەپ ھارمايمىز!

     (خور ‹‹گۈزەل ۋەتىنىمىز›› ئېيتىلىدۇ)

 

     رىياسەتچى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ۋەتىنىمىز ھەرقايسى جەھەتلەردىن تېز تەرەققىي قىلدى، بۇ ھەقتە كىم سۆزلەپ باقىدۇ؟

     پىيونېر1: 1960 – يىلى 2 – ئاينىڭ 19 – كۈنى مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى سۇيۇق ھالەتتىكى ئالەم راكېتاسى قويۇپ بېرىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ جۇڭگونىڭ ‹‹ئالەم بوشلۇقى دەۋرى›› باشلاندى. 1964 – يىلى 6 – ئايدا مەملىكىتىمىز تەتقىق قىلغان تۇنجى توشۇغۇچى راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

     پىيونېر2: 1964 – يىلى جۇڭگودا تۇنجى ئاتوم بومبىسى پارتىلىتىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنلا ۋودورود بومبىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلىتىلدى ۋە يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى.

     پىيونېر3: 1970 – يىلى 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى مەملىكىتىمىز تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى، 1975 – يىلى 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى مەملىكىتىمىزدە تۇنجى بولۇپ قايتىپ كېلەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

     1984 – يىلى 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى مەملىكىتىمىز ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىپ، ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن دۇنيادىكى بەش دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

     پىيونېر4: 1984 – يىلى 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى جەنۇبىي قۇتۇبنى تەكشۈرۈش ئەترىتى گيورگې ئارىلىدا جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇب سەددىچىن سېپىلى پونكىتىنى تەسىس قىلدى، بۇ پونكىت 1985 – يىلى 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى رەسمىي قۇرۇلدى. 1989 – يىلى 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇب جۇڭسەن پونكىتى جەنۇبىي قۇتۇب قۇرۇقلۇقىدا قۇرۇلدى.

     پىيونېر5: 1997 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى جۇڭگو شياڭگاڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم››نى يولغا قويۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تەسىس قىلدى، 1999 – يىلى 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى يەنە ئاۋمېنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

     پىيونېر6: 2001 – يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي كىرگەنلىكى ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 143 – ئەزاسى بولۇپ قالدى.

     پىيونېر7: 2001 – يىلى 7 – ئاينىڭ 13 – كۈنى بېيجىڭ 2008 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇ جۇڭگونىڭ تۇنجى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىدۇر.

     پىيونېر8: 2003 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئالەم ئۇچقۇچىسى ياڭ لىۋېي ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 5 ›› ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5 مىڭ يىللىق ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

     ئىككىنچى باب: قالتىس جۇڭگولۇقلار

     رىياسەتچى: قالتىس جۇڭگو قالتىس جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇنداقتا سىز قالتىس جۇڭگولۇقلاردىن كىملەرنى بىلىسىز؟

     پىيونېر 1: 15 ياشلىق ليۇ خۇلەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۈشمەن جادوسى ئاستىدا قۇربان بولغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭ ئۆز قولى بىلەن: ‹‹ھاياتىڭ ئۇلۇغ، ئۆلۈمىڭ شەرەپلىك›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن.

     پىيونېر 2: جيەن تەنيۇ مەملىكىتىمىزنىڭ مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر ئىنژېنېرى، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسى. 1905 – يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جيەن تەنيۇنى بېيجىڭ — جياڭجياجې تۆمۈر يولىنى ياساشنىڭ باش ئىنژېنېرلىقىغا تەيىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە قالتىس ئىقتىدارى بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن پۈتۈشىگە سەۋەب بولغان. بۇ تومۈر يول قۇرۇلۇشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، جاھانگىرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرغان.

     پىيونېر3: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قەھرىمان ياڭ چىڭيۈنى بىلىمەن. 1940 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ياڭ چىڭيۈنىڭ قوشۇنىنى قورشىۋالىدۇ. ياڭ چىڭيۈ نەچچە ئەسكەر بىلەن قاتمۇقات قورشاۋ ئىچىدە كۈرەش قىلىدۇ. ئەسكەرلەر بىر – بىرلەپ قۇربان بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ياڭ چىڭيۈ ئۆزى يالغۇز كۈرەش قىلىدۇ. دۈشمەن ئۇنى ياۋۇزلارچە ئۆلتۈرۈپ قورسىقىنى يارغاندا ئاشقازىنىدا يېمەكلىكنىڭ دىدارىنى كۆرمەيدۇ، پەقەت ئوت – چۆپ، دەرەخ قوۋزۇقى ۋە كەندىرنى كۆرىدۇ. دۈشمەنلەر ھەيران قېلىپ ناھايىتى قورققان ھالدا: ‹‹ياڭ چىڭيۈ نېمىدېگەن يامان، ئۇ نېمىدېگەن يامان›› دېيىشىدۇ.

     پىيونېر 4: 1959 – يىلى يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى روڭ گوتۇەن 25 – نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر يەككە تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونلىرى ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى.

     پىيونېر 5: 1984 – يىلى 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭگو خەلقى خاتىرىلەشكە تېگىشلىك كۈن، شۇنداقلا جۇڭگو تەنتەربىيە ساھەسىدىكى تەنتەنە قىلىشقا تېگىشلىك بىر كۈندۇر، چۈنكى بۇ كۈن جۇڭگو قارىغا ئېتىش ماھىرى شۈ خەيفېڭ ئەرلەرنىڭ قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن ئېتىش تۈرىدە چېمپىيون بولۇپ جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەلمەسلىكىدەك ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىغان.

     پىيونېر6: يۇەن لوڭپىڭ بوۋا جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ، ئۇ 60 – يىللاردىن باشلاپ شالنى شالغۇتلاشتۇرۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ 12 يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئۈچ خىل شالدىن شالغۇتلاشتۇرۇلغان شالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقىپ خەلقئارادا ‹‹شال ئاتىسى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

     پىيونېر 7: يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە مەملىكىتىمىزنىڭ ئۇچار ئادىمى ليۇ شياڭ 12 سېكۇنت 95 دەقىقىلىق نەتىجىسى بىلەن 110 مېتىرلىق توسۇق ئاتلاپ يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولدى ھەمدە دۇنيا رېكورتنى ساقلاپ قالغۇچى، ئولىمپىك چېمپىيونى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى نامىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ قالدى.

     رىياسەتچى: قالتىس جۇڭگولۇقلار ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلدى، ئۇلارنى مەدھىيەلەيدىغان ھېكايىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزدىنمۇ كۆپ. ناخشا ‹‹مەدھىيە ناخشىسى يۇلتۇزدىنمۇ كۆپ››دىن ھۇزۇرلىنىڭلار.

 

      ئۈچىنچى باب: قالتىس جۇڭگولۇقلاردىن بولايلى

     رىياسەتچى: ئارقىدا قالساق بوزەك بولىمىز، تەرەققىي قىلساق ھېچ كىم بىزنى بوزەك قىلالمايدۇ. بىزنىڭ ئەتىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى. قېنى كەلگۈسىمىزنى سۈرەتلەپ باقايلى!

     پىيونېر1: مېنىڭ غايەم بىر مانتېيور بولۇش، ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ ئېلېكتىر تېخنىكىسىنى ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئارقىدا. شۇڭا، مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ بۇ ساھەدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمەن.

     پىيونېر 2: مېنىڭ غايەم تىنچلىق ئەلچىسى بولۇش. ھەممەيلەنگە مەلۇم، نۆۋەتتە دۇنيادا زومىگەرلىك كۈچەيگەن، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرماقتا. نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالار ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا، تۆكۈلگەن قان دەريا بولۇپ ئاقماقتا. مەن ۋەتىنىمنىڭ تېزراق گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىنى، ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق بىلەن دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشنى، دۇنيانىڭ بۇندىن كېيىن ئۇرۇشتىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     پىيونېر 3: مېنىڭ ئارزۇيۇم ...

     رىياسەتچى: يېڭى ئەسىر يېتىپ كەلدى، بىز يېڭى ئەسىرنىڭ خوجايىنلىرى، بىز يېڭى ئەسىرنىڭ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرىمىز. بىز يېڭى ئەسىردە قالتىس جۇڭگولۇق بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟

     پىيونېر 1: قالتىس جۇڭگولۇق بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشىمىز، جۇڭگونىڭ ئار – نومۇسىنى، شان – شەرىپىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنى قەدىرلەپ، باشقا دۆلەتلەرنى ھۆرمەتلىشىمىز لازىم. جۇڭگولۇقلار ئۆزئارا مەدەت بېرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشكەندىلا ھەقىقىي جۇڭگولۇق بولالايدۇ.

     پىيونېر 2: قالتىس جۇڭگولۇق بولۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەمىمىي، ئاددىي – ساددا، كەمتەر، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، كىچىكىدىن تارتىپ تىرىشىپ ئوقۇيدىغان بولۇشى لازىم.

     پىيونېر 3: مېنىڭچە قالتىس جۇڭگولۇق بولۇش ئۈچۈن قورسىقى كەڭ، كىچىك ئىشلار بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، ھەر ۋاقىت باشقىلارنى ئويلايدىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بولۇش كېرەك.

     پىيونېر 4: مېنىڭچە ياخشى ئوقۇغاندىلا دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ قالتىس جۇڭگولۇق بولغىلى بولىدۇ.

     پەرۋاز قىلىپ بىلىم ئىگىلەشنى قىلىمەن ئارزۇ،

     مەن بىر قۇش، پەرۋازدىكى ۋەتەن كۆكىدە.

     ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 7››نىڭ سىرى ئېچىلىپ،

     شان – شەرەپلەر چاقنىدى ۋەتەن كۆكسىدە.

     كۆكتە كۆردۈم ۋەتىنىم تەرەققىياتىنى،

    كۈچەيمەكتە ئىرادەم ۋەتىنىم ئۈچۈن.

     ئىلگىرىلە ۋەتىنىم، چوڭ بولغىن قۇشلار،

     ئېسىمدە سەن ۋەتەن كۈندۈزى ۋە تۈن.

     سەبىي قۇشلار چوڭ بولۇپ بۈركۈت بولىدۇ،

     ئۇلۇغ ۋەتىنىم شەرقتە چاقناپ تۇرىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر