باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

كىچىك ئەترەت پائالىيىتىدىكى ‹‹ئۈچ ئۆمەك››

ماۋ جيەنيىڭ

 

      دەم ئېلىش كۈنىدىكى ‹‹كىچىك بۈركۈت›› پائالىيىتى پىيونېرلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش، ماھارەت يېتىلدۈرۈش، تۆھپە قوشۇشىدىكى چوڭ مەكتەپ، ئۇنىڭ تەشكىللىنىش ئۇسۇلى پىيونېرلارنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. كىچىك ئەترەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مۇھىم كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ پىيونېرلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى.

      كىچىك ئەترەت پائالىيىتىدىكى ‹‹نۇتۇق سۆزلەش ئۆمىكى››. ئاتا – ئانىلارنىڭ كەسپى، ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقى كىچىك ئەترەت پائالىيىتىگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، پىيونېرلارنى نۇتۇق سۆزلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەتكەن چاي، سوغۇق ئىچىملىكلەر دۇكىنى ئاچقان ئاتا – ئانىلار پىيونېرلارنى ئەتكەن چاي ۋە مارۇژنا تەييارلاش جەريانى بىلەن تونۇشۇشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.

      كىچىك ئەترەت پائالىيىتىدىكى ‹‹ئەقىل كۆرسىتىش ئۆمىكى››. ئاتا – ئانىلار بىلىملىك، تەجرىبىلىك بولۇپ، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلايدۇ، كىچىك ئەترەت پائالىيەت لايىھەسىنى پىلانلىغاندا ئاتا – ئانىلارنى تەربىيەچىلىككە تەكلىپ قىلسا كىچىك ئەترەت پائالىيىتىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئاتا – ئانىلار چەت ئەللىك دوستلارنى پىيونېرلار بىلەن سۆزلىشىشكە تەكلىپ قىلسا پىيونېرلارنىڭ چەت ئەل تىلىدا سۆزلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

      كىچىك ئەترەت پائالىيىتىنىڭ ‹‹ئارقا سەپ ئۆمىكى››. ئاتا – ئانىلار پىيونېرلارنى قاتناش ۋاسىتىسى، پائالىيەت مەيدانى، پائالىيەتنى سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، بولۇپمۇ يېڭى قۇرۇلغان كىچىك ئەترەتلەر ئاتا – ئانىلارنىڭ ياردىمىگە تېخىمۇ موھتاج. پىيونېرلار كىچىك ئەترەت پائالىيىتىگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىدۇ، بىراق ئۇلار جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغانلىقتىن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلارنىڭ ياردىمى بولغاندىلا پىيونېرلار ئاندىن بىخەتەر بولالايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر