باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

يۇرتىمىزنى گۈزەللەشتۈرەيلى

  رابىگۈل ساتتار

 (تۇرپان شەھەرلىك 4 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

 

       پائالىيەت مەقسىتى:

      ئوقۇغۇچىلاردا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز تۇرمۇش مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىش. گۈل– گىياھ، دەل – دەرەخ، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي بايلىق يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، مۇھىت ئاسراش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يۇرتىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش.

     

      2. پائالىيەت تەييارلىقى:

      گۈل – گىياھ، دەل – دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى، گۈزەل مەنزىرىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىلاستىنكىلار تەييارلىنىدۇ.

     

      3. پائالىيەت جەريانى:

      ئەترەت مارشى ئورۇنلىنىپ بايراق چىقىرىلىدۇ. پائالىيەتكە قاتناشقان پىيونېرلارنىڭ سانى مەلۇم قىلىنىدۇ.  پائالىيەت باشلىنىدۇ.

      ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: ‹‹يۇرتىمىزنى گۈزەللەشتۈرەيلى›› تېمىلىق ئەترەت پائالىيىتى ھازىر باشلاندى! (پىيونېرلار قىزغىن چاۋاك چالىدۇ)

      ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: ساۋاقداشلار، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟

      پىيونېرلار: ياخشى كۆرىمىز!

      ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: ساۋاقداشلار، قايسى جەھەتلەردىكى گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىسىلەر؟

      پىيونېر A: چىراي گۈزەللىكىنى ياخشى كۆرىمەن.

      پىيونېر B: قەلب گۈزەللىكىنى ياخشى كۆرىمەن.

      پىيونېر C: مۇھىت گۈزەللىكىنى ياخشى كۆرىمەن.

      پىيونېر D: مەن ياپيېشىل ئورمان، چىملىقلاردىن ھاسىل بولغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى ياخشى كۆرىمەن.

      پىيونېر E: كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنى ياخشى كۆرىمەن.

      پىيونېر F: ئوماق ھايۋانلارمۇ كىشىگە گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

      ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: ساۋاقداشلار سىلەر ئېيتقان گۈزەللىك ئەتراپىمىزدا بارمۇ؟

      پىيونېر A: مەن تېلېۋىزور، ژۇرنال، سەھنىلەردىن بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرىمەن. قاملاشقان، چىرايلىق كىشىلەرنىمۇ كۆپ ئۇچرىتىمەن.

      پىيونېر B: باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەرنى كۆپ كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم. قەلب گۈزەللىكى دېگەن مانا شۇ.

      پىيونېر C: ئەتراپىمىزدىكى پاكىز جايلار بىزگە مۇھىتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

      پىيونېر D: يېشىللىق قاپلىغان ئورمانلار، چىملىقلارمۇ گۈزەللىك ئاتا – قىلىدۇ.

      پىيونېر E: ھويلا – ئاراملار، باغچىلار ۋە كوچىلاردا چىرايلىق ئېچىلغان گۈللەرنى كۆردۈم.

      ساۋاقداش F: بىزنىڭ ئۆيدىكى قوزىچاقلار بەك ئوماق. شۇڭا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز گۈزەل.

      (بۇ چاغدا بىرىنچى كىچىك ئەترەتنىڭ باشلىقى مەيدانغا يۈگۈرۈپ چىقىدۇ)

      بىرىنچى كىچىك ئەترەت باشلىق: ساۋاقداشلار كىچىك ئەترىتىمىز بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئازراق سوۋغا ئېلىپ كەلدى، كۆرۈشنى خالامسىلەر؟

      (ساۋاقداشلار قىزغىن چاۋاك چېلىپ تەكلىپ قىلىدۇ، سەھنىگە ئۈجمە دەرىخى، قارىغاي قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ شەكلى سىزىلغان قەغەزدىن ياسالغان دوپپا كىيگەن پىيونېرلار چىقىدۇ)

      پىيونېر1: مەن ئۈجمە دەرىخى بولىمەن. كىشىلەر مېنى ھويلا – ئاراملارغا، باغلارغا تىكىپ ئۆستۈرىدۇ. پىژغىرىم ئىسسىقتا مەن سايەم ئارقىلىق ئىنسانلارغا سالقىن مۇھىت ئاتا قىلىمەن، تاتلىق مېۋەمنى سوۋغا قىلىمەن، يەنە شىرنەم ھەر خىل كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. يەنە تېخى غوللىرىمدىن ئائىلە جابدۇقلىرى ياسىغىلى بولىدۇ.

      پىيونېر2: مەن قارىغاي بولىمەن. يەرگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ تىك ھەم تۈز ئۆسىمەن. جاپادىن قورقمايمەن، كىشىلەر مېنى قەيسەرلىككە سىمۋول قىلىشىدۇ، قىشمۇ – ياز ياشىرىپ كىشىلەرگە ھۇزۇر ئاتا قىلىمەن. مەن يەنە تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە تۆھپە قوشالايمەن، تۇپراقنى ياخشىلايمەن، ساپ ھاۋا چىقىرىمەن، ياغاچ ماتېرىيالى بولالايمەن.

ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: ساۋاقداشلار، بۇلاردىن نېمە ھېس قىلدىڭلار؟

      (مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ)

      پىيونېر G: يۇقىرىقىلاردىن دەل – دەرەخلەرنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئۇلار تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپ، تۇپراقنى ياخشىلاپ، قۇم – بوراننى توسۇپ، شاۋقۇننى پەسەيتىدىكەن، بىزنى شېرىن مېۋىلىرى، ياغاچ ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

      پىيونېرH: دەل – دەرەخلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. شۇڭا، بىز كۆچەت تىكىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پەرۋىشنى كۈچەيتىپ يېشىللىقنى قوغداش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك ئىكەن.

ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: ناھايىتى ياخشى.

      ئىككىنچى ئەترەت باشلىقى: ساۋاقداشلار، ئەترىتىمىزنىڭمۇ سوۋغىمىز بار، كۆرۈپ باقامسىلەر؟

     (ساۋاقداشلار چاۋاك چېلىپ قىزغىن تەكلىپ قىلىدۇ، سەھنىگە گۈللەرنىڭ شەكلى سىزىلغان قەغەزدىن ياسالغان دوپپا كىيگەن پىيونېرلار چىقىدۇ)

      پىيونېر1: مەن قىزىلگۈل بولىمەن. مەن باغچىلاردا، ئائىلىلەردىكى تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلىمەن. يوپۇرماقلىرىم يېشىل، ئالدى بىلەن غۇنچە بولۇپ ئاندىن پورەكلەپ ئېچىلىمەن. كىشىلەر ماڭا بەك ئامراق، ھەدىسىلا مېنى ئۈزۈشكە قول ئۇزىتىدۇ. بەرگىلىرىمدىن ھەر خىل دورا ياسالسا كېسەللەرگە شىپا بولىمەن.

      پىيونېر2: مەن ئالۇي بولىمەن. سىلەر مېنى كۆرۈپ باققانغۇ دەيمەن، مېنى يېگىلى بولىدۇ. ھۆسن تۈزەش مېيى ياسىغىلى، چاچ ئاسراش ماتېرىيالى قىلغىلى بولىدۇ، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرەلەيمەن.

      ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: قېنى ساۋاقداشلار، يۇقىرىدىكى بايانلارنى ئاڭلاپ قانداق ھېسسىياتتا بولدۇڭلار؟

      پىيونېر J: گۈل – گىياھ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭمۇ ئىنتايىن چوڭ رولى بارلىقىنى چۈشەندۇق، ئۇلار تۇرمۇشىمىزنى گۈزەللەشتۈرەلەيدىكەن، بىزگە بايلىق يارىتىپ، تۇرمۇشىمىزنى خاتىرجەم قىلىدىكەن. گۈل – گىياھلارنىڭ ھۇزۇرلىنىش قىممىتى، يېمەكلىك قىممىتى، دورىلىق قىممىتى، مۇھىت گۈزەللەشتۈرۈش قىممىتى، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش قىممىتى بارلىقىنى بىلدۇق. شۇڭا، ئۇلار بىلەن يېقىن دوست بولۇپ، ياخشى پەرۋىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز زۆرۈر.

      ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: ناھايىتى ياخشى.

      ئۈچىنچى ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: بىزنىڭ ئەترەتنىڭ سوۋغىسىنى سۇنساق بولارمۇ؟

     (ساۋاقداشلار ئالىقىش ياڭرىتىپ تەكلىپ قىلىدۇ. سەھنىگە ھايۋانلارنىڭ شەكلى سىزىلغان قەغەزدىن ياسالغان دوپپا كىيگەن پىيونېرلار چىقىدۇ)

      1. ( ‹‹مياۋ، مياۋ، مياۋ›› مېنى تونۇمسىلەر؟ مەن ئۆيۈڭلاردىكى ھېلىقى ئوماق ئاسلانچاق. كىچىك دوستلار ماڭا بەك ئامراق. مېنى سىلاپ ئوينايدۇ. كېچىدە چاشقان يوقىتىمەن.

      2. خوراز، مېكياننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن دوپپا كىيگەن پىيونېرلار سەھنىگە چىقىدۇ (بىزنى تونۇمايدىغانلار بولمىسا كېرەك. بىز سەھەردە چىللاپ سىلەرنى ئويغاتمىساق مەكتەپكە كېچىكىسىلەر. كىچىك دوستلار بىزگە بەك ئامراق. يەنە تۇخۇملىرىمىزنى ھوزۇرلىنىپ مەززە قىلىشىدۇ. يەنە تېخى گۆشلىرىمىزنى ھەر خىل قورۇما قىلىپ يېيىشىدۇ.

      3. كالا، قوينىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن دوپپا كىيگەن پىيونېرلار چىقىدۇ...)

      ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: يۇقىرىقىلارنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىمىزنى سۆزلەپ باقامدۇق؟

     پىيونېر I: ئۇچار قۇشلار، ھايۋانلارنىڭمۇ رولى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ياخشى دوستى ئىكەن. ئۇلار بولغاچقىلا تۇرمۇشىمىز مول، رەڭگا رەڭ، قىزىقارلىق بولىدىكەن. دېمەك ئۇلار ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىكەن. شۇڭا، بىز ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئاسرىشىمىز كېرەك ئىكەن.

     ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: ساۋاقداشلار، گۈزەللىكنى ھېس قىلالىدىڭلارمۇ؟ ئەتراپىمىزدا گۈزەللىككە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەھۋاللار بارمۇ، يوق؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

      پىيونېر K: ئەتراپىمىزدا گۈزەللىككە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار بار. مەسىلەن، بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى گۈل– گىياھ، دەل – دەرەخلەرنى قالايمىقان سۇندۇرىدۇ. تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، قالايمىقان ئەخلەت تاشلايدۇ. سۇلارنى بۇلغايدۇ. بەزى كىشىلەر ئورمانلارنى قالايمىقان كېسىدۇ، ئوۋ ئوۋلايدۇ. ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.

      پىيونېر L: مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا كىشىلەرنىڭ نادانلىقى ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئالدىراپ كۆز ئالدىدىكى پايدىنىلا كۆزلىگەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزى بۇلغىنىش ۋە بۇزغۇنچىلىقلار بىر مەھەل كۆزگە كۆرۈنمىگىنى بىلەن ئاقىۋەتتە يەنىلا ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. گۈزەل مۇھىتنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ، ئاشۇ گۈزەل مۇھىت بىزنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىشىمىزغا ۋە ئاسرىشىمىزغا موھتاج. شۇڭا، بىز پاكىز سۇ، ساپ ھاۋا ۋە ياخشى مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز، بۇلغىنىشنى ئازايتىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا مۇھىت گۈزەللىشىدۇ! تۇرمۇشىمىز گۈزەللىشىدۇ! يۇرتىمىز تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ!

      ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: ساۋاقداشلار تۆۋەندىكى نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنايلى!

      (يۇرتنى كۈيلەيدىغان ناخشا ئېيتىلىدۇ، كېيىن يۇرتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، پاكىز مۇھىتى، ئىللىق قۇياش نۇرى ئەكس ئەتكەن سىنئالغۇ ياكى VCD پىلاستىنكىسى قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت بىللە ئىناق ئۆتىدىغان ياشاش مۇھىتىنىڭ گۈزەللىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈلىدۇ)

      تەربىيەچى: ساۋاقداشلار، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرسەك ئالدى بىلەن گۈزەللىك يارىتىشىمىز زۆرۈر. گۈزەل ماكانمۇ پاكىز سۇ، ساپ ھاۋا، ئىللىق قۇياش نۇرى، يەنە ھەر خىل ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا، ئۆسۈملۈكلەرنى، ھايۋانلارنى ياخشى ئاسراپ، ياخشى پەرۋىش قىلىپ يېشىللىقنى قوغداش، مۇھىتنى قوغداش ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىمىز كېرەك.

      پائالىيەت ئاخىرلىشىدۇ، بايراق چۈشۈرۈلىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر