باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

قىزىل گالىستۇك مېنى ئۆسۈپ يېتىلىشكە، ‹‹تۆتتە ياخشى ئۆسمۈر›› بولۇشقا يېتەكلىمەكتە

      كۆرسەتمە 1

      باش تېمىنى لايىھەلەش: ساغلاملىق ھەرىكىتى — ‹‹تېنى ۋە زېھنى ساغلام›› ياخشى ئۆسمۈر بولۇش پائالىيىتىنى پىلانلاش لايىھەسى

 

      1. پائالىيەت مەقسىتى:

      يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى جۇڭگولۇقلارنى تولىمۇ روھلاندۇرماقتا. قاراڭ، بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق تەنتەربىيە مۇسابىقە مەيدانلىرىدا كەينى– كەينىدىن كۆككە كۆتۈرۈلمەكتە، ھەيۋەتلىك ‹‹پىدائىيلار مارشى›› خەلقئارا سەھنىلەردە ئۈزۈلمەي ياڭرىماقتا، دۇنيا رېكورتلىرىنى جۇڭگولۇقلار بىر – بىرلەپ يېڭىلىماقتا، تۈرلۈك خەلقئارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلمەكتە. ھالبۇكى ساغلام تۇرمۇش ئېڭىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق مەسىلىسى كۈندىن – كۈنگە كۆرۈلمەكتە. تەن ساپاسى ئۇدا تۆۋەنلىمەكتە. مەسىلەن، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆز كېسەللىكلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، سېمىزلەر نىسبىتى ئاشماقتا، تەن ئىقتىدارى سىنىقىدا لاياقەتسىزلەر كۆپىيىپ بارماقتا.

      قانداق قىلغاندا ساغلام تەن، ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ بىلەن ۋەتەننى قۇرۇشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغىلى بولىدۇ؟ پىيونېرلارنى تەن ساغلاملىقنى ئاشۇرىدىغان تەنھەرىكەت مەيدانلىرىغا بىللە ئېلىپ بېرىپ ھەر كۈنى بىر سائەت چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرايلى، شۇندىلا 50 يىل ساغلام ئىشلىگىلى، ئۆمۈربويى بەختلىك ياشىغىلى بولىدۇ.

     

      2. پائالىيەت تەييارلىقى:

     جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى، جۇڭگو ‹‹ئارزۇ كوماندىسى›› قاتارلىقلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاش، ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئائىت بىلىملەرنى يىغىش. 2014 – يىللىق نەنجىڭ دۇنيا ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاش.

    

      3. پائالىيەت جەريانى

      داڭلىق تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ تىزىمى. تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگولۇقنىڭ ئىسمى نېمە؟ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئالتۇن مېدال ئالغان جۇڭگولۇق كىم؟ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەڭ كۆپ ئالتۇن مېدال ئالغان جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچى كىم؟ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا قايسى جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچى ئالتۇن مېدال ئالالماسلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتتى؟ ئەمدىلا ئاياغلاشقان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا جۇڭگو كوماندىسى قانداق نەتىجىگە ئېرىشتى؟ بۇ سوئاللار ئارقىلىق پىيونېرلارنى داڭلىق تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنى ئىزدەش، ئېلىمىزنىڭ تەنتەربىيە تارىخىنى چۈشىنىش، تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ شەرەپلىك ئەھۋالىغا نەزەر سېلىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

      يۇقىرىقىدەك داڭلىق ئەزىمەتلەردىن باشقا ئېلىمىز تەنتەربىيە تارىخىدا كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرغۇن كوماندىلارمۇ بار. مەسىلەن، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى، جۇڭگو تىكتاك توپ كوماندىسى، جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى قاتارلىقلار. ئۇلار ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك كوماندا روھىنى جارى قىلدۇرغاچقىلا ئەلا نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ھەمدە جۇڭگونىڭ ‹‹ئارزۇلۇق كوماندىلىرى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن. پىيونېرلارنى ئاشۇ كوماندىلارنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى، ئەزالىرى، ئىلگىرىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلىرى، كوماندا روھى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاشقا ھەمدە ئۇلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇش، بۇ خىل روھنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىشقا يېتەكلەش، تەشكىللەشكە بولىدۇ.

      بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش تەنھەرىكەت مەيدانى. پىيونېرلار ئۆز قىزىقىشى، ھەۋىسىگە ئاساسەن ‹‹ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت گۇرۇپپىسى›› ۋە ‹‹زامانىۋى تەنھەرىكەت گۇرۇپپىسى››غا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى گۇرۇپپا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى ئاساسىدا تەپكۈچ تېپىش، گۈلەڭگۈچ ئۇچۇش، قېيىق ھەيدەش، چامباشچىلىق، تەيجى گۇمپىسى، شىر – ئەجدىھا ئۇسسۇلى قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. ئىككىنچى گۇرۇپپا زامانىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى ئاساسىدا بىر مەيدان قىياغا يامىشىش، مۇز تېيىلىش، چاڭغا تېيىلىش، تاغقا چىقىش قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ قىزىقارلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەريانىدا بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىدۇ.

      قۇتلۇق، خەيرىلىك ۋە شادلىققا ئېرىشىش. بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش 2010 – يىلى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. چۈنكى، بۇ يىل 11 – ئايدا 16 – نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى ئېلىمىزنىڭ گۇڭجۇدا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلىدۇ. گۇاڭجۇ ئېلىمىزدىكى ئاسىيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىككىنچى شەھەر. 1990 – يىلى بېيجىڭ 11 – نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن. گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ قۇت بەلگىسى بالىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. بۇ قۇت بەلگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ‹‹ئاشياڭ››، ‹‹ئاخې››، ‹‹ئارۇ››، ‹‹ئايى››، ‹‹لې ياڭياڭ›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنى بىرلەشتۈرگەندە ‹‹قۇتلۇق، خەيرلىك، ۋە شادلىققا ئېرىشىش›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بەش قۇت بەلگىسى گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاسىيا خەلقىگە ‹‹قۇت، ئىناقلىق، بەخت، مۇۋەپپەقىيەت، خۇشاللىق›› ئاتا قىلىدىغانلىقىدەك گۈزەل تىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ‹‹قىزغىن مەرىكە، ئىناق ئاسىيا››دىن ئىبارەت ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى ئۇقۇمىسىنى بىلدۈرۈپ، گۇاڭجۇنىڭ تارىخى، مەنىۋى قىياپىتى ۋە مەدەنىي جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

      پىيونېرلارنى مۇۋاپىق باش كىيىم كىيىپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا تەنھەرىكەت ۋە مودا تۇيغۇغا ئىگە بەش قۇت ھايۋىنىغا ئوخشىتىشقا ھەمدە ئۇلارنى بەش كىچىك گۇرۇپپىنى باشلاپ كوچا، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا پىدائىي تەشۋىقات مۇلازىمىتى قىلىشقا، ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىن ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يەتكۈزۈشكە تەشكىللەشكە بولىدۇ؛ مەكتەپ ئىچىدە بىر مەيدان تەقلىدىي ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرىش، تەنھەرىكەتچىلەر، رېپېرلار قەسەم بېرىش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، يىغىن بايرىقى چىقىرىشقا بولىدۇ، ئۇلار ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەقلىد قىلىنغان بولسىمۇ ئۇ ئارقىلىق پىيونېرلار ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا يېقىنلىشىدۇ، ئۇنى چۈشىنىدۇ ۋە قىزغىن سۆيىدىغان بولىدۇ.

     

      كۆرسەتمە 2

      باش تېمىنى لايىھىلەش: قۇياش نۇرىدا ياشاش كۇلۇبى — ‹‹جۇشقۇن، ئوچۇق – يورۇق›› ياخشى پىيونېر بولۇش پائالىيىتىنى پىلانلاش لايىھەسى

 

      1. پائالىيەت مەقسىتى:

      ھازىر نۇرغۇن بالىلاردا قورقۇش، تىت – تىت بولۇش، جىمغۇرلۇق، ئۆزىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك خاراكتېر ئاجىزلىقى مەۋجۇت. ئۇلار كىشىلىك ئالاقىدە ئاممىۋى سورۇنلاردىن قورقىدۇ، ئۆزىدىن ئەلاچى دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ. بالىلاردا قىزغىن، ئوچۇق – يورۇق ئېسىل پەزىلەتنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا بالىلىقىنىڭ بەتلىرىگە چىرايلىق رەڭلەرنى بەرگىلى بولىدۇ؟ ‹‹قۇياش نۇرى ئاستىدا ياشاش كۇلۇبى›› قۇرۇپ ھەر خىل روللارنى ئالدۇرۇش، چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق پاراڭلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بالىلارنى خۇشال كەيپىياتنى تېپىش، قايتىدىن ساغلام خاراكتېر شەكىللەندۈرۈشكە ئىلھام بەرگىلى بولىدۇ.

      2. پائالىيەت تەييارلىقى:

     پائالىيەت سورۇنىنى ‹‹خۇشاللىق، كەڭ قورساقلىق، ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش››تىن ئىبارەت تۆت ساھەگە بۆلۈش، بارلىق پىيونېرلارنىمۇ تۆت سەپكە بۆلۈپ ھەربىر سەپكە بىر ئېسىل پەزىلەتنى ۋەكىل قىلىش

      3. پائالىيەت جەريانى

      ‹‹خۇشاللىق، كەڭ قورساقلىق، ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش››تەك ياخشى پەزىلەتلەر بىرلىشىپ، ‹‹جۇشقۇن، ئوچۇق – يورۇق›› ياخشى پىيونېرنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تۆت سەپتىكى پىيونېرلار ئۆز سېپىدىكى ‹‹باشلامچى››نىڭ باشچىلىقىدا ئۆزلىرىنىڭ ياخشى پەزىلىتىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى قېزىپ چىقىدۇ، كونكرېت ئىپادىلىرىنى مىسال بىلەن كۆرسىتىدۇ، ياخشى خاراكتېرنىڭ ئىجابىي ئەھمىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

      ‹‹خۇشاللىق سېپى››. خۇشاللىق جۇشقۇن، ئوچۇق – يورۇق بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، قەلبىدە پاكلىك خۇشاللىق بولسىلا چىرايىدا تەبىئىي ھالدا كۈلكە پەيدا بولىدۇ. ئادەمدە بەخت تۇيغۇسى بولىدۇ. ئۇنداقتا خۇشاللىقنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟ قانداق قىلغاندا ھەقىقىي خۇشاللىق بولىدۇ؟ ‹‹خۇشاللىق سېپى›› ‹‹باشلامچىسى››نىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەتراپىمىزدىكى خۇشاللىقنىڭ سەۋەبىنى بىرلىكتە ئىزدەيدۇ. مەسىلەن، كىچىككىنە ئىلگىرىلەشمۇ ئادەمنى خۇشال قىلالايدۇ، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئادەمنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ، باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشمۇ خۇشاللىق تۇيغۇسى قوزغىيالايدۇ.

      ‹‹كەڭ قورساق بولۇش سېپى››. پىيونېرلار چۆچەكلەردىكى ‹‹كۆزى كىچىك›› ئادەم ۋە ‹‹كەڭ قورساق›› ئادەم ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى تارىخىي شەخسلەر ليەنپۇ ۋە لىن شياڭرۇ ھەققىدىكى ‹‹ليەنپۇ بىلەن لىن شياڭرۇنىڭ دوستلىشىپ قىلىشى›› دېگەن ھېكايىنى سۆزلەش ئارقىلىق كەڭ قورساقلىق پەيدا قىلىدىغان غايەت زور كۈچ – قۇدرەتنى چۈشىنىدۇ، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇشنىڭ ئۆزىنىڭ قەلب دۇنياسىغا ئېلىپ كېلىدىغان روھىي ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىدۇ.

      ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق بالىلاردىكى ئۆگىنىش بېسىمىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ناخشا ئېيتىش ئارقىلىق كۆڭۈلسىزلىكتىن قۇتۇلغىلى، رەسىم سىزىش ئارقىلىق غەشلىكنى يوقاتقىلى، خاتىرە يېزىش ئارقىلىق روھىي بېسىمنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.

     ‹‹ھۆرمەتلەش سېپى››. ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقى، باشقىلار ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان تەرىپى بولىدۇ. ئەمما، بەزىلەر ھەمىشە ئۆزىنىلا مەركەز قىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭلا ئارتۇقچىلىقىنى كۆرىدۇ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا سەل قارايدۇ. دائىم ‹‹رەڭلىك كۆزەينەك›› تاقىۋېلىپ باشقىلارنى كۆزىتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ‹‹سىز بىلەن دوست بولىمەن››، ‹‹سىز مېنىڭ ياخشى ئۈلگەم›› دېگەندەك ئارتۇقچىلىقنى ئىزدەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك. بۇ ئارتۇقچىلىقنى بالىلارنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن دوست تۇتۇشىدىكى ئالتۇن ئاچقۇچقا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ.

      ‹‹ئۆزىگە ئىشىنىش سېپى››. ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جۇشقۇن، ئوچۇق – يورۇق خاراكتېر يارىتىشنىڭ مۇھىم ئامىلى. ئويلاپ باقايلى، ئۆزىگە ئىشەنچىسى كەمچىل ئادەم ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى قانداقمۇ نامايان قىلالايدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا پىيونېرلارنى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئوخشىمىغان رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەشكىللەشكە بولىدۇ. مەسىلەن، تەنتەربىيە مەيدانىدا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تارىخنى قايتىدىن يازىدىغان يېڭى رېكورت بولۇپ قېلىشى، يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىشەنچى تەستە قولغا كېلىدىغان خىزمەت پۇرسىتى بولۇپ قېلىشى؛ دىپلوماتىيە سورۇنىدا دىپلوماتنىڭ ئىشەنچى بىر دۆلەتكە مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە چەكسىز شان – شەرەپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

      ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇغاندىن كېيىن پىيونېرلارنى ‹‹ئۆزىگە ئىشىنىش نەدىن كېلىدۇ؟››، ‹‹ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچەمنى قانداق كۈچەيتىشىم كېرەك›› دېگەن تېمىلاردا مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىگەندە ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى ۋە رولىنى تېخىمۇ چوڭقۇر نامايان قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر