باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

قىزىل گالىستۇكنىڭ كۈچى

      ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىسى بولغان دۇنيا يەرمەنكىسى پات يېقىندا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۇنيا يەرمەنكىسى بىر شەھەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىناقلىقى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ساپاسى ۋە ئوبرازىنىڭ يارقىن ئىپادىسى.

      ‹‹مەن ئاتا – ئانامنىڭ قولىدىن يېتىلەپ، ۋەتەن، يۇرت، دۇنيا يەرمەنكىسى ئۈچۈن مەجبۇرىيىتىمنى قۇدرىتىمنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلىمەن››. پىيونېرلار ئەترىتى بۇ سۆزنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، قىزىل گالىستۇكنىڭ روھىنى يەنە نامايان قىلدى. شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ بەلگىسى ئۈچ ئەۋلادنىڭ ئۆزئارا قۇچاقلىشىپ خۇشال – خۇرام، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.

      دۇنيا يەرمەنكىسىگە 600 كۈن قالغاندا ‹‹كىچىك بۈركۈت دۇنيا يەرمەنكىسى مەدەنىيلىك ھەرىكىتى›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مىليونلىغان شاڭخەي ئۆسمۈرلىرى ئارقا – ئارقىدىن ھەرىكەتلىنىپ، بىرىنچى باسقۇچلۇق ‹‹كىچىك قول چوڭ قولنى يېتىلەش، قالاق ئادەتنى تېپىش›› پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى.

      بىر مىليون شاڭخەيلىك پىيونېر دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ مەدەنىي ئۈلگە كۆرسەتكۈچىسى، كىچىك تەشۋىقاتچىسى، نازارەتچىسى بولۇپ، ‹‹دۇنيا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىپ، مەدەنىي بولۇش، يېڭى ئېستىل تىكلەش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاتا – ئانىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئائىلىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قىزىل گالىستۇكنىڭ كۈچى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۇنيا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي مىلودېيەسىنى ياڭراتتى.

      مەدەنىي يېتىلەش — شاڭخەي مەدەنىي سۆزلەشتىن شەھەرنىڭ قائىدە – يوسۇنىغىچە، شەخسىي ھەرىكەتتىن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ساپاسىغىچە ئومۇميۈزلۈك سىناققا دۇچ كەلدى.

      بېيجىڭ جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېينىڭ ئالدىدا شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ تەتۈر ساناق كۆرسەتكۈچ تاختىسى بار. 600 كۈن، 500 كۈن، 400 كۈن... تەتۈر ساناق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، 2010 – يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى بارغانسېرى يېقىنلاپ قالدى. ھەرقايسى جايلارنىڭ ساراي قۇرۇلۇشى ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەمما، شاڭخەينىڭ شەھەر مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى قانداق قىلغاندا ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا بارلىق شاڭخەيلىكلەر ياخشى ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ قىزغىن مېھماندوستلۇقىنى تولۇق ئىپادىلەپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىناق ئىلگىرىلەۋاتقان ئوبرازىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ؟ شاڭخەي پىيونېرلار ئەترىتى ‹‹ئاۋانگارت ئەترەت›› بولۇپ، ‹‹كىچىك قول چوڭ قولنى يېتىلەش›› ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ دۇنيا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

      2008 – يىلى شاڭخەي شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ما چۈنلېي: ‹‹پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ مەدەنىي دۇنيا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرايلى›› دېگەن ئىدىيەنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتىدىغان، مەدەنىي، ئەدەپلىك، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۆزلۈكىدىن ئالغا باسىدىغان روھىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەربىر ئائىلىدىن باشلاپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ قالاق ئادىتىنى تېپىپ چىقىپ، ياخشى ئادەتنى ئورتاق يېتىلدۈرۈش دۇنيا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى كومىتېتى جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ دەرسخانىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تەرتىپكە سېلىپ، ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيىتى بىلەن دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹كىچىك قول چوڭ قولنى يېتىلەش›› شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، ‹‹دۇنيا يەرمەنكىسىنى مەدەنىي كۈتۈۋېلىش›› مۇساپىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

      ھەر كۈنى شاڭخەي شەھىرى چاڭنىڭ رايونلۇق يۈ يۇەن يولى 1 – باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاتا – ئانىسى بىلەن ‹‹دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ تۆمۈر تۇمشۇقى›› بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ كەلدى. ئۇلار مەيلى مەكتەپكە بارغاندا ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئائىلىدە، مەيلى بازاردىن نەرسە كېرەك سېتىۋالغاندا بولسۇن ئەتراپىدىكى مەدەنىيەتسىز ئەھۋاللارنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزەتتى.

      مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتتىكى ئوخشاش بولمىغان قالاق ئادەتكە قارىتا شاڭخەي شەھىرى جيا دىڭ رايونلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلار بىلەن ئاتا – ئانىلار مېڭە ئىشلىتىپ قالاق ئادەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىپ، قالاق ئادەتنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى تۈزۈپ، ‹‹مەدەنىي شاڭخەيلىك›› بولۇشقا تىرىشتى.

      بالىلار بىلەن ئاتا – ئانىلار قول تۇتۇشۇپ قالاق ئادەتنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا بىر قاتار ئۇسۇللارنى قوللانغاچقا ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىدىغانلار قالمىدى؛ قىزىل چىراغنى ھېچكىم بېسىپ ئۆتمىدى، ھېچكىم قالايمىقان ئەخلەت تاشلىمىدى... مەدەنىي قول تۇتۇشقاچقا شاڭخەينىڭ شەھەر قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى.

      ھېسسىيات جەھەتتىن قول تۇتۇشۇش – دۇنيا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىش، دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈش شاڭخەي شەھەر ئاھالىسىنىڭ روھىي قىياپىتىنى جانلاندۇرىدىغان جەريان، ئاتا – ئانا بىلەن بالا، ئائىلە بىلەن جەمئىيەت، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىشىدىكى پايدىلىق پۇرسەت.

      جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئاسان ئەمەس، ئەمما بىر ئائىلىدىكى ناچار ئادەتنى تۈگىتىش، بىر مەھەللىدىكى قالاق ئادەتنى ئۆزگەرتىش نىسبەتەن ئاسان. شاڭخەيلىك پىيونېرلار ئاتا – ئانىسى بىلەن قول تۇتۇشۇش ‹‹توختامنامە››سى تۈزۈپ مەدەنىيلىك نىشانىنى بەلگىلىدى. ئائىلىدىن باشلاپ، ئاتا – ئانىسى بىلەن بىللە قالاق ئادەتنى ئۆزگەرتىش. ‹‹كۆزىمىزنى ئېچىپ قالاق ئادەتنى بايقاپ، باشقىلارنىڭ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش›› شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونى سەنلىن كەنتى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى ‹‹ياڭفەن ئوتتۇرا ئەترىتى››نىڭ ‹‹تەتىللىك تاپشۇرۇقى››. شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىگە 300 كۈن قالغاندا پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىكى 200 مىڭ ئۆسمۈر – بالا مەدەنىي كىچىك خوجايىن قىياپىتى بىلەن ئاممىۋى مەدەنىي ‹‹مەيدان››غا چىقىپ ‹‹رېپىر›› بولدى، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رايوندىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنى كۈندىلىك ئىش – ھەرىكەتتە مەدەنىي بولۇشتىن باشلاشقا يېتەكلەپ، دۇنيا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىشنىڭ شەھەر مەدەنىي مەنزىرىسىنى ئورتاق بارلىققا كەلتۈردى.

      ئۆرپ – ئادەتنى قېزىپ چىقىپ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك يېتەكلەش. چىڭپۇ رايونى شاڭتا باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى پىيونېرلار يۇرتىنىڭ چاي مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىپ ‹‹ئىناق چاي ئىچىشنى سۆزلەش››نى تەسىس قىلىپ، رايوندىكى كىشىلەرنى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش، مەدەنىي ھەرىكەت قىلىش، قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتۈشتەك مەدەنىي ئىستىلنى تىكلەشكە يېتەكلىدى. مەسئۇلىيەت جەھەتتىن قول تۇتۇشۇش — پىيونېرلار دۇنيا يەرمەنكىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغاچقا دۇنيا يەرمەنكىسى شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئىناقلىق، مەدەنىيلىك، يېتەكلەش قاتارلىق يېڭى ئامىللارنى قوشتى.

      ‹‹ئەگەر كىشىلەر پەقەت 2010 – يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈنلا كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتسە بۇنداق ‹ۋاقىتلىق› ئۆزگىرىش شاڭخەي شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەدەنىي ساپاسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆستۈرەلەيدۇ؟››، ‹‹كىچىك بۈركۈت دۇنيا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىش مەدەنىيلىك ھەرىكىتى›› بالىلار مۇنبىرىدە چىڭپۇ رايونلۇق تەجرىبە مەكتىپىدىكى ساۋاقداشلار بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆزىنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەھەر خەلقىنىڭ مەدەنىي ساپاسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يۈرەك ساداسىنى بىلدۈردى.

      نۆۋەتتە ‹‹قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق›› پىيونېرلارنىڭ ‹‹كىچىك قول چوڭ قولنى يېتىلەش›› پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنىڭ روھىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. بىر قىسىم پىيونېرلار ‹‹قارا ئېلان›› لارنى تازىلاپ شەھەرنى گۈزەللەشتۈرىدىغان كىچىك قوغدىغۇچىغا ئايلاندى؛ بىر قىسىملىرى قاتناش ساقچىسى تاغىلار بىلەن قاتناش تەرتىپىنى قوغدايدىغان كىچىك ھەمكارلاشقۇچىغا ئايلاندى؛ يەنە بىر قىسىملىرى چەت ئەللىك دوستلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان كىچىك يول باشلىغۇچىغا ئايلاندى.

      شاڭخەي خەلقى شاڭخەي ئۆسمۈرلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بىر ئەۋلاد، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بىر ئەۋلاد ئىكەنلىكىنى ئورتاق تونۇپ يەتتى.

      ‹‹كىچىك قول چوڭ قولنى يېتىلەش، مەدەنىيلىك يولىدا قەدەملەپ مېڭىش››تىن ئىبارەت بۇ ئوقۇم ھازىر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بۇنداق ئالاھىدە شەكىل ئارقىلىق پۇقرالار ‹‹مەدەنىيەتسىز گەپ قىلمايدىغان››، ‹‹ئەخلەتنى قالايمىقان تاشلىمايدىغان››، ‹‹قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتمەيدىغان›› ئادەتنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈردى.

      ‹‹كىچىك قول چوڭ قولنى يېتىلەش›› بالىلارنىڭ ساداسى، بىر خىل ھەرىكەت ئۈلگىسى، ھېسسىياتنىڭ قوزغىلىشى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىق.

      ئادەملەر قوشۇلۇش ئارقىلىق ئاممىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ قول قولنى يېتىلەش ئارقىلىق زور كۈچ ھاسىل قىلىدۇ. بىر بالا بىر ئائىلىنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە بىر ئائىلە پۈتكۈل جەمئىيەتكە نۇر چېچىپ، ھەممە ئادەم دۇنيا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، دۇنيا يەرمەنكىسىگە خىزمەت قىلىپ، دۇنيا يەرمەنكىسىگە كۈچ چىقىرالايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر