باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئەترەت يىغىنىغا چوقۇم ئەترەت كادىرلىرى رىياسەتچىلىك قىلىشى كېرەكمۇ

جاڭ شياۋچۈن

 

      ئەترەت يىغىنىغا چوقۇم ئەترەت كادىرلىرى رىياسەتچىلىك قىلىشى كېرەكمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئەترەت يىغىنىغا ئەترەت كادىرلىرى رىياسەتچىلىك قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمەلىي ئەھۋال ۋە ئېھتىياجغا ئاساسەن پىيونېرلار، تەربىيەچىلەر، قەھرىمان نەمۇنىچىلەر، جەمئىيەتتىكى شەخسلەر ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئەمەلىي خىزمەتتە دائىم مۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ: سۆزلەشكە ماھىر ئادەمنى ‹‹پىروگرامما ئېلان قىلغۇچى››لىققا تاللاش؛ ئىناۋىتى يۇقىرى كىچىك ئەترەت كادىرىنى ‹‹تەسىر قىلىش كۈچى›› كۈچلۈك دەپ قاراپ ئەترەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا بەلگىلەش؛ چىرايلىق پىيونېرلارنى رىياسەتچىلىك قىلىشقا بەلگىلەش... بۇلار ھەمىشە نۇرغۇن بەس – مۇنازىرە پەيدا قىلىپ، ئەترەت يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

      ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەترەت يىغىنى رىياسەتچىسى ئەترەت يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش – بولماسلىقىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

      1 – مىسال: شىجاجۇاڭ شەھىرى لېي فېڭ باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن زەنخۇاڭ ناھىيەلىك يەنخۇاسى باشلانغۇچ مەكتىپى ‹‹قول تۇتۇشۇپ›› دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. پىيونېرلار تۇنجى كۆرۈشكەندە يەنخۇاسى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ‹‹شەھەر – يېزا قول تۇتۇشۇش، ئۆزئارا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش›› بىرلەشمە ئەترەت يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى كىتاب ھەدىيە قىلىش، ئوقۇش قوراللىرى ھەدىيە قىلىش، بىرگە بىر دوستلىشىش، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ناتونۇش مۇھىتتا، ئۆزىگە ناتونۇش بولغان ئادەملەر توپىدا بۇنداق مەزمۇنى مول چوڭ ئەترەت پائالىيىتىگە كىم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؟ تەربىيەچى ھېچقانداق جىددىيلەشمەستىن ‹‹كىچىك چولپان رىياسەتچى›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر پىيونېرغا بىر توپ ماتېرىيالنى تاپشۇرۇپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىرلەشمە چوڭ ئەترەتنىڭ ئەترەت يىغىنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ‹‹كىچىك چولپان رىياسەتچى››نىڭ يېزىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەنلىك خەۋىرى تارقىلىپ كەتتى. ئەگەر مۇشۇنداق بىر رىياسەتچى بولمىغان بولسا بۇ يىغىننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى؟

      2 – مىسال: 2009 – يىلى ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىدا ‹‹بالىلار ۋەتەننى سۆيىدۇ، بالىلار ئىلىم – پەننى سۆيىدۇ›› تېمىلىق ئەترەت يىغىنى خېبىي ئۆلكىلىك پەن – تېخنىكا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. پىيونېرلار ۋە ئۆلكە، شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ ۋاقىتلىق كۆپىيىشى، پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۆت ئاكادېمىكىنىڭ نەق مەيداندىكى سۆھبىتى، شۇنداقلا پىيونېرلارنىڭ كىچىك پەن – تېخنىكا كەشپىيات نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار رىياسەتچىلىكنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى. شۇڭا، ئەترەت يىغىنىغا ئەسلىدىكى ئىككى پىيونېر رىياسەتچىلىك قىلىشنى بىر پىيونېر ۋە بىر تەربىيەچى ھەمكارلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلىشقا ئۆزگەرتتى. ئەترەت يىغىنى جەريانىدا ئىككى رىياسەتچىنىڭ بىر – بىرىگە ئىنتايىن ياخشى ماسلىشىشى ئەترەت يىغىنىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ مەيداندا رازىمەنلىك كەيپىياتىنى پەيدا قىلدى. مۇبادا تەربىيەچى رىياسەتچى كۆپەيتىلمىگەن بولسا ئەترەت يىغىنى مۇشۇنداق ياخشى ئېچىلارمىدى؟

      3 – مىسال: خېبىي ئۆلكىسىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىدا شۇگۇاڭ باشلانغۇچ مەكتىپى ‹‹ئائىلە خوجايىنى بولۇشنى ھېس قىلىش›› تېمىلىق ئەترەت يىغىنىنى ئۆتكۈزگەندە كىشىلەرگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى ھېلىقى كۆرۈمسىز كىچىك ئوغۇل رىياسەتچى بولدى. ئۇ تەسەۋۋۇرغا باي، ئىنكاسى تېز، يىغىنغا جانلىق يېتەكچىلىك قىلغاچقا كىشىلەر ئالقىش، كۈلكە ۋە ماختاش ئىچىدە بالىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش تەسىراتىنى ھېس قىلدى ھەم بۇ كىچىك رىياسەتچىنىڭ جانلىقلىقىدىن ھۇزۇرلاندى. مەزكۈر مەكتەپنىڭ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ئۇ ھەمىشە پائالىيەتلەرگە ئەركىن – ئازادە رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن، رىياسەتچىلىك قىلغاندا دەيدىغان سۆزلىرىمۇ ئەزەلدىن مۇقىم بولمايدىكەن، ئۈچ قېتىملىق ئەترەت يىغىنىغا ئۈچ خىل شەكىلدە رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن. ئۇ چىۋەر كىچىك رىياسەتچى بولمىغان بولسا پىيونېرلار قۇرۇلتىيىدا بۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشەلمەيتۇق، دەيدۇ.

      يۇقىرىقى مىساللاردىن ئەترەت يىغىنى رىياسەتچىسىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئەترەت يىغىنىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇنداقتا قانداق ئەھمىيەت بېرىمىز؟ مېنىڭچە تۆۋەندىكى ‹‹بەش قىلىش، بەش قىلماسلىق››تىن كۆپچىلىك ئۈنۈملۈك پايدىلانسا بولىدۇ.

      1. رىياسەتچى تاللاشنى ئەترەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دەپ بىلىش، ئەترەت يىغىنى رىياسەتچىسىنى ئادەتتىكى ‹‹پىروگرامما ئېلان قىلغۇچى›› ياكى ‹‹ئېلانچى›› دەپ قارىماسلىق كېرەك.

      2. ئەترەت يىغىنى رىياسەتچىسىنى كەڭ دائىرىدە تاللاش، تاللاش دائىرىسى كىچىك ئەترەت كادىرلىرى ياكى ئايرىم بىر قىسىم پىيونېرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

      3. رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى چېنىقىش سەھنىسى دەپ قاراپ تېخىمۇ كۆپ پىيونېرلارغا بۇ نۇقتىنى ھېس قىلدۇرۇپ پىيونېرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە يېتىش؛ ئەترەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ مەنىسى بىر قېتىملىق ئەترەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

      4. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئەترەت يىغىنى رىياسەتچىسىنى تەربىيەلەش ۋە رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، پىيونېرلارنى چېنىقىش ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، پەقەت ئەترەت يىغىنى ئېچىلغاندىلا رىياسەتچى تېپىشنى ئويلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

      5. ئەترەت يىغىنى رىياسەتچىسى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ جانلىق، ئوچۇق – يورۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بالىلىق قىياپىتىنى نامايان قىلىشى، ھەرگىزمۇ ياسالما، ئۆلۈك، جانسىز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

      رىياسەتچى بىلەن دىكتورنىڭ پەرقى

      تاماشىبىنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئوخشىمايدۇ. رىياسەتچى شەخسي سالاھىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ بىرىنچى شەخس بىلەن سۆزلەيدۇ، ئۆز ئالدىغا ئۇسلۇبى بار؛ دىكتور ئۈچىنچى شەخس بىلەن ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن سۆزلەيدۇ، شەخسىي غەرەز ھەرگىز ئارىلاشمايدۇ.

      2. ئوبيېكت تۇيغۇسى ئوخشىمايدۇ. رىياسەتچىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئوبيېكتى نىسبەتەن كونكرېت بولىدۇ. ‹‹بىرگە بىر›› ياكى ‹‹بىرگە كۆپ›› بولۇپ، ئادەمدە رىياسەتچى ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ؛ ئەمما دىكتورنىڭ كونكرېت ئوبيېكتى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئوبيېكتى ‹‹بىرگە ئامما›› بولىدۇ، تاماشىبىن بىلەن بىۋاسىتە ھېسسىيات ئالماشتۇرمايدۇ.

      3. قاتنىشىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. دىكتورنىڭ خىزمىتى ماقالىنى قولىغا ئالغاندا باشلىنىدۇ، ماقالە تەھرىرلەش ۋە پىروگرامما لايىھەلەشكە قاتناشمايدۇ، بىر پىروگراممىغىلا مۇقىملىشىپ قالمايدۇ، يەنە خەۋەرلەرنى ئاڭلىتىدۇ؛ رىياسەتچى كونكرېت ئىجادىيەت يارىتىش ھالقىسىغىمۇ قاتنىشىدۇ، نەق مەيداننى كونترول قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ.

      4. ئاڭلىتىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. دىكتور ئاساسلىقى ‹‹دېكلاماتسىيە قىلىش شەكلى›› ئارقىلىق ئەسلى ئارگىنال بويىچە ئاڭلىتىدۇ، سالماق، ناھايىتى ئېھتىياتچان بولىدۇ؛ رىياسەتچى كۆپ ۋاقىتلاردا سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق باشقىلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ جانلىق، يېقىن، تەبىئىي پاراڭلىشىدۇ.

      5. مەسئۇلىيەت ئوخشىمايدۇ. دىكتور پەقەت ماقالە ئارگىنالىغىلا مەسئۇل بولىدۇ، ماقالىنى چۈشۈرۈپ قويماي توغرا، ئىنتوناتسىيەگە دىققەت قىلىپ ئوقۇسىلا ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان بولىدۇ؛ رىياسەتچى ئومۇمىي جەريانغا مەسئۇل بولۇپ، رىياسەتچىلىك قىلغان مەزمۇننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، تەرەققىيات جەريانىنى ياخشى كونترول قىلىدۇ.

      6. ئىندىۋىدۇئاللىق ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. دىكتور ئاڭلىتىدىغان مەزمۇن بەلگىلەنگەن بولىدۇ، ئىندىۋىدۇئاللىق ئالاھىدىلىكى ئاۋاز تۈسىدىكى پەرق ۋە جۈملىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىكى پەرق ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ؛ ئەمما رىياسەتچىلەردە سۆزلەش ئۇسۇلىدا پەرق بولغاندىن باشقا تىلدىن جانلىق، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ.

      ئەترەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش تۈرلىرى

      1. ئادەم سانىغا ئاساسەن ئايرىش:

      1) ( يالغۇز رىياسەتچىلىك قىلىش؛ 2) ئىككى ئادەم رىياسەتچىلىك قىلىش؛ 3) ئىككىدىن كۆپ ئادەم رىياسەتچىلىك قىلىش.

      2. ئادەملەرگە ئاساسەن ئايرىش:

      1) پىيونېرلار رىياسەتچىلىك قىلىش؛2) تەربىيەچىلەر رىياسەتچىلىك قىلىش؛ 3) پىيونېر بىلەن تەربىيەچى ھەمكارلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلىش؛ 4) مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ رىياسەتچىلىك قىلىش؛ 5) رول ئېلىپ رىياسەتچىلىك قىلىش.

      3. يۆنىلىش ۋە ئۇسۇلغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىش:

      1) دىئالوگ شەكلىدە سۆزلىشىش يەنى رىياسەتچى سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق ئەترەت يىغىنىنىڭ جەريانىنى چۈشەندۈرىدۇ ياكى ئەزىز مېھماننى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ بىللە سۆھبەتلىشىدۇ؛ 2) زىيارەت قىلىش يەنى، رىياسەتچى مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن زىيارەت قىلىشنى ئەترەت يىغىنىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرىدۇ؛ 3) شېئىرىي قايناق ھېسسىيات يەنى، جانلىق، تەسىرلىك شېئىرىي سۆز بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىشنى پائالىيەتنىڭ بارلىق جەريانىغا سىڭدۈرىدۇ؛ 4) ئەسلەش، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش يەنى رىياسەتچى ئەسلەش، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش ياكى ئىككىسىنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق ئەترەت يىغىنىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ 5) رومانتىك چۆچەك يەنى، رىياسەتچى چۆچەكلەردىكى شەخسلەرنىڭ رولىنى ئالىدۇ ياكى مەيداندا بالىلارغا خاس كەيپىياتنى پەيدا قىلىدۇ؛ 6) تەسىرات توغرىسىدا سۆزلىشىش يەنى، رىياسەتچى بىلەن پىيونېرلار بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپ مەلۇم تېما بەلگىلەپ شۇنىڭغا بولغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەش ياكى رىياسەتچى سەمىمىي سۆزلىشىش ئارقىلىق پىيونېرلارنى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى سۆزلەشكە يېتەكلەش.

      ئەسكەرتىش پىيونېرلار ئەترىتى كىچىك رىياسەتچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش. بۇ ئارقىلىق پىيونېرلارنى ماھارەت كۆرسىتىش، دېكلاماتسىيە قىلىش، ئورتاق تىلدا سۆزلەشنى ئۆگىنىشكە، جاسارىتىنى چېنىقتۇرۇش، خاراكتېرىنى چېنىقتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، تارتىنمايدىغان، ئۆزىنى نامايان قىلالايدىغان بولۇشىغا قاراپ ئۆزگىرىشكە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

      پىيونېرلار ئەترىتى كىچىك رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش. مەسىلەن، ‹‹مەن يۇرتۇمنى ياخشى كۆرىمەن›› دېگەن تېمىدىكى كىچىك رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاددىي تىل، سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن يۇرتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى مەدھىيەلەشكە، ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بىرگە قادىر كۆپكە ماھىر كىچىك رىياسەتچىلەرلا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ئارقىلىق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ.

      پىيونېرلار ئەترىتى كىچىك رىياسەتچىلەر سالاپىتىنى نامايان قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش. مەسىلەن ‹‹مەن ۋەتىنىم بىلەن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىمەن›› تېمىسىدىكى پىيونېرلار ئەترىتى كىچىك رىياسەتچىلەر سالاپىتىنى نامايان قىلىش پائالىيىتىدە رىياسەتچىلەرنى ئىككىسى بىر گۇرۇپپا بولۇپ پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت يىغىنى، ‹‹1 – ئىيون›› بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش سەنئەت پائالىيىتىگە تەقلىدىي رىياسەتچىلىك قىلىپ ئۆز سالاپىتىنى نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر