باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

يېزا باشلانغۇچ بالىلىرىنىڭ ئەترەت پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش

 فاڭ شاۋچىڭ

 

      جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەترەت پائالىيەتلىرى ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات بىلەن بەس – بەستە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە قىسمەن يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئەترەت پائالىيەتلىرى شۇ يەرنىڭ ئەمەلىي شارائىتى ۋە تونۇش سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن نورمال ئېلىپ بېرىلمايۋاتقانلىقى ياكى پائالىيەت سۈپىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېزىلارنىڭ بىپايان زېمىنىدا ئېچىپ تۈگەتكۈسىز پائالىيەت مەنبەلىرى ساقلانغان، بۇ تەربىيەچىلەرنىڭ بايقىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مېنىڭچە يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئەترەت پائالىيەتلىرىنى شۇ يەرنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شۇ يەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قېزىش ئارقىلىق جانلاندۇرۇش لازىم.

      1. كۆز قاراشنى ئۆستۈرۈپ ئەترەت پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش

      بىر قىسىم يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە رەھبەرلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆزقارىشى بىردەك بولمىغاچقا ئوقۇتۇش سۈپىتىگىلا ئېتىبار بېرىپ ئەترەت پائالىيەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئەترەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بىلەنمۇ شەكلىگە ئېتىبار بېرىپ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مەكتەپنىڭ پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلىنىڭ ساغلام بولۇشى، پائالىيەتلىرى نورمال قانات يايدۇرۇلۇشى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ مەكتەپ تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى، بولۇپمۇ مەكتەپنىڭ ئەخلاقىي خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، بىز ئەترەت خىزمىتىنى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ بېكىتىپ، تەربىيەچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئەترەت پائالىيىتى ئۈچۈن بىر سەھنە ھازىرلاپ بېرىشىمىز لازىم.

      2. پائالىيەتنى يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشتە شۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراش لازىم. تەربىيەچىلەر ئالدى بىلەن شۇ يەرنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى بىلىشى لازىم، بۇنداق بولغاندا پائالىيەت لايىھەسى پىيونېرلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن يىراقلاپ كەتمەيدۇ، شۇنداقلا پائالىيەتنى خاسلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، شۇ يەرنىڭ تارىخىغا بىرلەشتۈرۈپ ‹‹مىللىي روھنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرايلى›› تېمىلىق بىر يۈرۈش پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا پىيونېرلار ئالدى بىلەن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخى بىلەن تونۇشۇشتا مەكتەپ شۇ يەردىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنى، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى ياكى بىلىملىك زاتلارنى پىيونېرلارغا شۇ يەرنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا ئۆز يۇرتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلدۇرۇش لازىم. ئۆز يۇرتى بولغاچقا پىيونېرلارنىڭ قىزىقىشى ئېشىپ ئۇلارنىڭ يۇرتىنى سۆيۈش، يۇرتىنى قۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

      يېزا مەدەنىيىتىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم گۆھەر بولۇپ يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت شەكلى ۋە ئەنئەنىسىگە ئاساسەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش لازىم. بۇ جەھەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ناھايىتى كۆپ، كۆپ ھاللاردا ئۆگىنىش تەربىيەسى ئاساس قىلىنىپ ھۆسنخەت يېزىش، رەسىم سىزىش، قەغەز قىيىش، قوشاق ئېيتىش، يەرلىك ئويۇنلارنى قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغاندىلا پىيونېرلار مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، پائالىيەت ئەھمىيەتلىك بولىدۇ، پائالىيەت ئۈنۈمىمۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنداق پائالىيەت يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە پىيونېرلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا يېزىلاردىكى ئەمگەكمۇ پىيونېرلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولى بولالايدۇ. مەسىلەن، پىيونېرلارنى زىرائەت ئورۇش ئەمگىكىگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا ئاشلىقنىڭ دېھقان تاغىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە پىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ؛ ئەمگەككە بىۋاسىتە قاتنىشىش ياكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى بىلەن بەسلىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ماشىنىلىشىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئىگىلەپ، ئىلىم – پەننىڭ سىرىنى ئېچىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېزىلارنىڭ بىپايان زېمىنىدا ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئوخشاشلا جانلاندۇرۇپ چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

      3. قېرىنداش مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش. يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە پىيونېرلارنىڭ سىرتلارغا چىقىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى ئاز بولغانلىقتىن قېرىنداش مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا پىيونېرلارنى سىرتلارغا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ، بۇمۇ ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي شەكلىدۇر. قېرىنداش مەكتەپلەر يېقىنراق بولسىمۇ بولىدۇ، سەل يىراقراق يەرنىڭ بولسىمۇ بولىدۇ. باشقا مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنى دۆلەت ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇش، جەمئىيەتنى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلاردا ياخشى ئىش قىلىش، ئىناق دوستانە ئۆتۈشتەك خاراكتېر يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. پىيونېرلار پائالىيەت داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ دوستلار بىلەن تونۇشۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھەرقايسى جەھەتلەردىن چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ. شارائىتى ناچار مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ كۆپلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پىيونېرلارغا ئۆزىدىنمۇ جاپالىق ئوقۇۋاتقان كىچىك دوستلارنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، ئاندىن ئۇلارغا بىر ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، بىر ياخشى كىتاب سوۋغا قىلىش، بىر ئېغىز كۆڭۈل سۆزى ئارقىلىق دوستلۇقنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ھازىرقى تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىش شارائىتىنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەش لازىم. قېرىنداش مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ئەترەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىش بىلەن بىرگە يەنە پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

      4. پائالىيەتكە ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنى قاتناشتۇرۇش. ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ رولىغىمۇ ئېتىبار بېرىش لازىم. ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كىشىلەرنى ئەترەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىيونېرلارنى ئۆزئارا چۈشىنىش، شۇنداقلا مەكتەپ بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىشىگە پۇرسەت يارىتىش لازىم. مەسىلەن، پىيونېرلار ئاتا – ئانىلىرى بىلەن ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق تىرىشقاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى؛ ئاتا – ئانىلار بىلەن بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئاتا – ئانىلارغا پەرزەنتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرسىتىش؛ پىيونېرلارنى ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئاتا – ئانىلىرىغا ياردەملىشىپ ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ئاتا – ئانىلىرىنىڭ جاپادىن قورقمايدىغان روھىنى ئۆگىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مۇشۇ بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق. مەكتەپ يەنە ئوت ئۆچۈرۈش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دوختۇرخانا، باج، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ سۆھبەت يىغىنى، دوكلات بېرىش، رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغاندا پىيونېرلارنىڭ ئىجتىمائىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە مۇداپىئەلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ تەربىيەۋى رولى ۋە ئىجتىمائىي رولىنىمۇ جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

      يېزا بىپايان زېمىن، ئۇ يەردە بالىلار خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، بىز يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ پىيونېرلار خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئەترەت پائالىيىتىنى جانلىق ئېلىپ بېرىپ، يېزا بالىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، ھېسسىياتنى بېيىتىپ، ئەتراپلىق يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر