باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

قىزىل گالىستۈك مېنى ‹‹تۆتتە ياخشى ئۆسمۈر›› بولۇشقا يېتەكلەيدۇ

      بىرىنچى، كۆرسەتمە

      لايىھە تېمىسى: تىرىشىپ ئوقۇيدىغان ياخشى ئۆسمۈر بولۇش پائالىيىتى لايىھەسى

 

      1. پائالىيەت مەقسىتى

      ھازىر بىر قىسىم ئۆسمۈر – بالىلار ئۆگىنىشكە قىزىقمايدۇ، دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلىمايدۇ، ئىمتىھاندا بىخەستىلىك قىلىدۇ. تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۇلاردا توغرا ئۆگىنىش مەقسىتى ۋە پوزىتسىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىشتە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش.

 

      2. پائالىيەت تەييارلىقى

پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئاۋۋال پىيونېرلارغا مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەش، تىرىشىپ ئۆگىنىش توغرىسىدا ئەقلىيە سۆز ۋە ھېكايىلەرنى توپلاش ھەمدە ئۆز تەسىراتىنى يېزىشقا يېتەكلەش؛ ئۆگىنىش نىشانىنى بېكىتىش ھەققىدە ئوقۇتۇش دېسكىسى تەييارلاش؛ ‹‹ياخشى تەدبىرلەرنى توپلاش ساندۇقى›› ياساپ پىيونېرلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش تەدبىرلىرىنى توپلاش؛ ‹‹تىرىشچانلار بىلەن ھۇرۇنلارنى سېلىشتۇرۇش›› پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش؛ قارا دوسكىغا ‹‹ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلى›› دەپ يېزىپ قويۇش.

 

      3. پائالىيەت جەريانى

      1. نىشان تۇرغۇزۇش لېكسىيەسى سۆزلەش

      رىياسەتچى A: ئېھتىمال ھەممەيلەن قەدىردان جۇ زۇڭلىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيلى›› توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن، بىز سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى بىزنىڭ زىممىمىزگە يۈكلەنگەن، بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىمىز ئۆگىنىشتۇر، بىراق نېمە ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟

      رىياسەتچى B: بىر قىسىم ساۋاقداشلار ئاتا – ئانىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش، ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش، مۇئەللىم تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن دېيىشى مۇمكىن، بۇ جاۋاب خاتا ئەمەس، بىراق بۇ جاۋاب ئۆگىنىش مەقسىتىمىزنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ‹‹قەلبىدە ئېنىق نىشان بولمىسا، ھېچ قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ›› دېگەن گەپ بار، بۇنىڭدىن ئېنىق نىشاننىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

      رىياسەتچى A: ئۇنداق بولسا ئۆگىنىش نىشانىنى قانداق بېكىتكەندە ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ ئۇنداق بولسا ‹‹نىشان تۇرغۇزۇش لېكسىيە سىنىپى›› گە قاتنىشىپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتە قانداق ياخشى تەكلىپلىرى بارلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى. (ئوقۇتۇش ھەققىدە دېسكا قويۇپ بېرىلىدۇ)

      2. مۇنازىرلىشىش

      رىياسەتچى: 21 – ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى. ھازىر نۇرغۇن پىيونېرلار ئۆيدىكى تورغا چىقىپ ئۇچۇر توپلايدىغان بولدى.

      رىياسەتچىB: توغرا. بىراق، ئۇنىڭ يامان تەرىپىمۇ كۆرۈلمەكتە. تورغا ئۆزىمىزگە زۆرۈر بولغان تېمىنى كىرگۈزسەكلا ناھايىتى تېز ۋە ئاسانلا ئۈلگىلىك ماقالىلەرنى ۋە مىساللارنىڭ جاۋابلىرىنى تاپقىلى بولغاچقا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەيلى ماقالە يېزىش ياكى ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى يېشىشتە بولسۇن ئۇلار تورغا چىقىپ ئۇنى سەللا ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ ‹‹ئەسىرى›› قىلىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.

      رىياسەتچى A: ئېنتېرنت تورى ئۆگىنىشىمىزگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلمىغاندا يامان تەسىر پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئۇنداقتا بىز قانداق قىلغاندا ئېنتېرنت تورىدىن ياخشى پايدىلىنالايمىز؟ ھازىر مۇنازىرە باشلىنىدۇ، قېنى، قارىشىڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار. توغرا تەرەپ: تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە مۇستەقىل ئىشلەش لازىم، ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي تورغا تايىنىپ ماتېرىيال توپلىماسلىق لازىم. قارشى تەرەپ: تورغا چىقىپ ماتېرىيال توپلىغاندا تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلىگىلى، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگىلى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ماتېرىياللارنى تاللاپ بېكىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. 3. ئېتۇت ئورۇنلاش

      رىياسەتچى B: قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مەشھۇر شەخسلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ زور بەدەل تۆلىدى. قېنى، ‹‹ۋاقىت بوۋاي›› تېمىسىدىكى ئېتۇتنى كۆرۈڭلار بىر پىيونېر ‹‹ۋاقىت بوۋاي››نىڭ رولىنى ئېلىپ پىيونېرلارنى باشلاپ ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرالايدىغان ماشىنىغا چىقىپ ئالىم چەن شۆسىننىڭ قەغەز ئايروپىلان ياسىشى، نيۇتوننىڭ قول سائىتىنى قازانغا تاشلىشى قاتارلىقلارنى ئەسلەيدۇ. پىيونېرلار ئېتۇتقا بىۋاسىتە قاتنىشىش ئارقىلىق ۋاقىتنى قەدىرلەش، تىرىشىپ ئۆگىنىش ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.

      رىياسەتچى A: ‹‹كەمتەرلىك كىشى ئالغا باسار، مەغرۇرلۇق كىشىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ›› دېگەن بۇ ئەقلىيە سۆز ھەممەيلەنگە تونۇش. ئۇ ھەر ۋاقىت بىزگە مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان روھىدىن ئۆگىنىپ، ھورۇن كىشىلەردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ( تىرىشچانلىق بىلەن ھۇرۇنلۇق سېلىشتۇرۇلىدۇ)

      4. تەجرىبە ئالماشتۇرۇش

      رىياسەتچى A: ئەقىل – پاراسەت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر كىچىك ئىشلاردىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ھېچ قانداق بىر كىشى تىرىشمايلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەمەس. ئۇنداقتا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن پىيونېرلارنى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلايلى، بىز بىرلىكتە ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىپ، قانداق يېتەرسىزلىكىمىز بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى؟

      پىيونېر A: ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىللەش ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭ بىلەن ئوڭايلا ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش سۈرئىتىگە ئەگىشىپ ئۆگىنىش قىلىپ، بىر باب، بىر بابتىن ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ بىر پۈتۈنلۈك سىستېما ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشىغا دىققەت قىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مەزمۇنىنىڭ مۇرەككەپ، ئەستە قالدۇرۇشنىڭ قىيىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر پەننىڭ بىلىم قۇرۇلما سىستېمىسى بولىدۇ، شۇڭا ھەربىر مەزمۇننى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ پۈتۈنلۈك سىستېمىسىدىكى ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندا ئۆگەنمەك ئاسانغا توختايدۇ.

      پىيونېر B: لۇ شۈن ئەپەندى ‹‹ۋاقىت خۇددى بۇلۇت ئىچىدىكى سۇغا ئوخشايدۇ، ئۇنى سىقسا يەنە ۋاقىت چىقىدۇ›› دېگەن. بىر قىسىم ساۋاقداشلار ھەمىشە ئۆگىنىش ۋاقتى ئاز بولغانلىقتىن دەرسلەرنى ياخشى تەكرار قىلالمايلا ئىمتىھان ۋاقتى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينايدىغان ۋاقتىمىزدىن تولۇق پايدىلانساقلا ۋاقىتنىڭ خوجايىنى بولالايمىز.

      پىيونېر C: ئۆگىنىشتە ئۆلۈك يادلاشقا بولمايدۇ، مەيلى نېمە ئۆگىنىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز لازىم.

      رىياسەتچى A: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ كىم ئەقىللىق، كىم ئەقىلسىز دەپ ھۆكۇم قىلغىلى بولمايدۇ. بىز پەقەت تىرىشىپ ئۆگەنسەكلا جەزمەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز. شۇڭا، بىز ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىپ ئورتاق ئالغا باسايلى.

      رىياسەتچى B: بىز ئۆگىنىشتىكى ياخشى تەجرىبىلىرىمىزنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ باقايلى! (پىيونېرلار ‹‹ياخشى تەجرىبىلەرنى ئېلىپ كېتىڭ›› ساندۇقىدىن چەك تارتىدۇ)

      5. مەن ياقتۇرىدىغان ئەقلىيە سۆزلەر

      رىياسەتچى A: كۆپچىلىك نۇرغۇن ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەش ئارقىلىق ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئاخىردا ھەر بىرىمىز تىرىشىپ ئۆگىنىش ھەققىدە بىردىن ئەقلىيە سۆز قىلىپ بۇ قېتىملىق ئەترەت يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.( پىيونېرلار ئەركىن پىكىر بايان قىلىدۇ.)

      رىياسەتچى A: تىرىشقان ئۇزار، تىرىشمىغان توزار.

      رىياسەتچى B: تىرىشقاننىڭ تەلىيى ئوڭ، ھۇرۇننىڭ تەلىيى كاج.

      رىياسەتچى A،B: بىز بۈگۈندىن باشلاپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۈنسېرى ئالغا باسايلى، ۋاقتىمىزنى بىكار ئۆتكۈزمەي ئورتاق تىرىشىپ ياخشى پىيونېرلاردىن بولايلى!

 

      ئىككىنچى، كۆرسەتمە

      لايىھە تېمىسى: تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ئۆسمۈر بولۇش پائالىيىتى لايىھەسى

 

      1. پائالىيەت مەقسىتى

      ئۇرۇش قەھرىمانلىرى، مۇلازىمەت ئۈلگىلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ۋە ئىلھام بەرمەكتە؛ يېڭى دەۋر پەن – تېخنىكا خادىملىرى، تەنھەرىكەتچىلەر، سەنئەتچىلەر، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردىكى ئەمگەكچىلەر ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋر قەھرىمانلىرىنىڭ پارلاق ئوبرازىنى ياراتتى. مەشھۇر كىشىلەرگە چوقۇنۇش، ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق يېتىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىدۇر. ئۆگىنىش ئۈلگىسى تىكلەش، تېمىلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۈلگىلەرگە چوقۇنۇشتەك پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى توغرا يېتەكلەش، ئۇلارغا كىچىكىدىن تارتىپ ئىرادە تىكلەپ، قەتئىي ئىشەنچ باغلىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئالغا ئىنتىلىدىغان گۈزەل ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش.

 

      2. پائالىيەت تەييارلىقى

      پىيونېرلار پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلىكىنى رىقابەتلىشىش ئارقىلىق بېكىتسە بولىدۇ؛ كەڭ كۆلەمدە ‹‹مېنىڭ ئۈلگەم›› ناملىق ماقالە توپلاش؛ پائالىيەت مەيدانىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش.

 

      3. پائالىيەت جەريانى

      1. ئۆگىنىش ئۈلگىسى تىكلەش

رىياسەتچى: مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى قەھرىمانلارنىڭ يېتەكلىشى، ئۈلگىلەرنىڭ باشلامچىلىقىدىن ئايرىيالمايدۇ. ‹‹قەھرىمان ئوتتۇرا ئەترەت›› قۇرۇش ئەترەتنىڭ ئۆزگىچە كوزىر پائالىيىتى بولۇپ، بىزنىڭ قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارچە پىيونېر بولۇشىمىز ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. مەن ھازىر كۆپچىلىكتىن سىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەڭلار كىم، ئۇلاردىن قانداق ئىشلارنى ئۆگەندىڭلار دەپ سورىماقچى؟ (پىيونېرلار ئەركىن پىكىر بايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، ئۈلگىنىڭ تەسىرى كېڭەيتىلىدۇ)

      2. ئاددىي ئۈلگىلەر

      رىياسەتچى: يۇقىرىدا كۆپچىلىك جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ ئۆتتى، ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدىلا نۇرغۇن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى بار: مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىدۇ، دوختۇر، سىستېرالار كىشىنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، تازىلىق ئىشچىلىرى بىر جۈپ ئىشچان قولى بىلەن بىزگە پاكىز مۇھىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىزدۇر، يەنە ئاتا – ئانىمىز بىزنىڭ بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلار تېخىمۇ بىزنىڭ ئۈلگىمىزدۇر. تۆۋەندە بىز بىرقانچە پىيونېرنى قەلبىدىكى ئۈلگىلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى.

پىيونېرلارنى ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان ۋە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۈلگىلەرنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.

      3. مەنمۇ ياخشى ئۈلگە بولىمەن

      رىياسەتچى: قەھرىمانلار بىزنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۈلگىمىز بولۇپلا قالماي يەنە ھەر بىر ئادەممۇ ئۈلگە بولالايدۇ، بىز باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئىشەنچ تىكلەپ، ئۆزىمىزنىمۇ باشقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ چىقىشقا تىرىشىشىمىز لازىم! (ھېسسىيات، ئۆگىنىش، ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردىن پىيونېرلارنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يېزىشقا يېتەكلەپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىن ئون پىيونېرنى تاللاپ چىقىپ باھالاش ئارقىلىق پىيونېرلارنى ئۆزئارا ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش لازىم)

      4. ئەينەن ئەھۋالنى كۆرسىتىش تىياتىرى

      رىياسەتچى: نۇرغۇن پىيونېر ‹‹چولپان قوغلاشقۇچى››دۇر. بىز پەقەت كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە ناخشا چولپانلىرىنى قوغلىشىپلا قالماي، بىزگە ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولالايدىغان ھەرقانداق ‹‹چولپانلار››نى قوغلىشىشىمىز لازىم، بىز ئۇلارنىڭ يېتىلىش تارىخىنى ئىگىلىشىمىز، ئېسىل پەزىلىتىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. مۇۋەپپەقىيەت يولى تولىمۇ مۇشكۈل ۋە مۇشەققەتلىك بولىدۇ. ئۇنداقتا سىز قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟

     (بىر نەچچە قىيىن مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پىيونېرلار بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا يېتەكلىنىدۇ، باشقا پىيونېرلارغا باھالىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ توغرا ئۇسۇلى تاللاپ چىقىلىدۇ)

      رىياسەتچى: ئۈلگىلەر گەرچە ئوخشىمىغان يىللار، ئوخشىمىغان كەسىپ، ئوخشىمىغان ساھەلەردىن كەلسىمۇ ئۇلاردا قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلاردا روشەن دەۋر ئىزلىرى بولىدۇ. ئۇلاردا ئىپادىلەنگەن راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە گۈزەللىك مەڭگۈ بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىزدۇر. ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قورقماس قەيسەر روھىي ۋە قەتئىي ئىرادىسى ھامان بىزنىڭ كىشىلىك يولىمىز، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر، بىز ھەر ۋاقىت بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، غايە تىكلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋردىكى لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى بولۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر