باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

قەلبىمىزدىكى قىزىل گالىستۇك مەڭگۈ قېپقىزىل

      رىياسەتچى A: بىز پىيونېرلار ئەترەت باغچىسىدا يېتىلىۋاتقان باھار مايسىلىرى. ھەر قېتىملىق پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا قەلبىمىز دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ئەۋج ئۇرماقتا. كۆپچىلىك، سىلەر بىزنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى بىلەمسىلەر؟ تۆۋەندىكى تېپىشماقلارنى تېپىپ بېقىڭلار، بىزنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى چوقۇم بىلىۋالالايسىلەر:

      كىچىك، قىزىل ئۈچ بۇرجەك،

      ھەمراھ بىزگە ھەر كۈنى.

      خۇشال بولار قەلبىمىز،

      تاقىۋالساق بىز ئۇنى.

      ئۇ نېمە؟

      پىيونېرلار بىرلىكتە: قىزىل گالستۇك!

      رىياسەتچى B: ئۆزى كىچىك، تۆت بۇرجەك،

      رولى بەكمۇ زور، ئەمما.

      يۇلتۇز، مەشئەل نۇر چاچار،

      ئەترەت يىغىنلىرىدا.

      ئۇ نېمە؟

      پىيونېرلار بىرلىكتە: ئەترەت بايرىقى!

      رىياسەتچى C: ئەترەت يىغىنلىرىدا،

      ئېيتساق، ئۈنىمىز ياڭراق.

      بىزگە ئۈلگە نەمۇنە،

      دىلىمىزدا ئۇ ھەرۋاق.

      ئۇ نېمە؟

      پىيونېرلار بىرلىكتە: ئەترەت ناخشىسى!

      رىياسەتچى D: تەربىيىچى ئۆگەتكەن،

      دىلغا مەھكەم ئورنىغان.

      پارتىيىنىڭ بىزلەرگە،

      چاقىرىقى ئۇ ھامان.

      ‹‹كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن،

      كۆرەشكە تەييار ھەرقاچان!››

      ئۇ نېمە؟

      پىيونېرلار بىرلىكتە: ئەترەت شوئارى!

      رىياسەتچىلەر بىرلىكتە: قىزىل گالستۇك، ئەترەت بايرىقى، ئەترەت ناخشىسى، ئەترەت شوئارى پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ. بىز ئەترەت تەشكىلاتى ئىچىدە جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى بىلىۋالدۇق.

      1 – بۆلەك: شانلىق ئەترەت تارىخىغا نەزەر

پىيونېر: ‹‹ئەمگەكچى بالىلار ئۆمىكى›› دېگەن خەت يېزىلغان ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقىدۇ. بىرىنچى كىچىك ئەترەتتىكى پىيونېرلار پىچاق، نەيزە، لوزۇنكا، كىچىك قىزىل بايراق كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.

      پىيونېر 1: شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىزنىڭ نامىمىز ‹‹ئەمگەكچى بالىلار ئۆمىكى›› ئىدى. پارتىيىمىز قۇرغان تۇنجى ئۆسمۈر– بالىلار تەشكىلاتى — تۇنجى مەشئەل ۋۇخەن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا لاۋۇلدىغان. زومىگەرلەرنى يوقىتايلى! مىللىتارىستلارنى يوقىتايلى! مانا شۇنىڭدىن باشلاپ نامرات بالىلار ئەڭ دەسلەپكى ‹‹ئائىلىسى››گە ئىگە بولغان.

       پىيونېر 2: ‹‹پرولېتار بالىلار ئۆمىكى›› دېگەن خەت يېزىلغان ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقىدۇ. ئىككىنچى كىچىك ئەترەتتىكى پىيونېرلار لوزۇنكا، پىچاق، نەيزە، قىلىچ كۆتۈرۈپ پومىشچىكلارنى كۈرەش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىدۇ، ‹‹قىزىل يۇلتۇز ناخشىسى››نى ئېيتىدۇ.

      پىيونېر 2: يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىزنىڭ نامىمىز ‹‹پرولېتار بالىلار ئۆمىكى›› ئىدى. سوۋېت رايونىنىڭ قىزىل كىچىك ئەزىمەتلىرى يەرلىك زومىگەرلەرنى يوقىتىش، زوراۋانلار بىلەن كۈرەش قىلىشتا قىيىنچىلىقتىن، قۇربان بولۇشتىن قورقمىغان. قىزىل يۇلتۇز نۇر چاچقان، كىچىك جەڭچىلەر ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان.

     پىيونېر 3: ‹‹ياپونغا قارشى تۇرۇش بالىلار ئۆمىكى›› دېگەن خەت يېزىلغان ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقىدۇ. ئۈچىنچى ئەترەتتىكى پىيونېرلار لوزۇنكا، نەيزە، قىلىچ كۆتۈرۈپ قاراۋۇللۇقتا تۇرىدۇ، يول چارلايدۇ، ‹‹ئېرشياۋنىڭ قوي بېقىشى›› دېگەن ناخشىنى ئېيتىدۇ.

      پىيونېر 3: ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە بىزنىڭ نامىمىز ‹‹ياپونغا قارشى بالىلار ئۆمىكى›› ئىدى. پوستا تۇرغان، قاراۋۇللۇق قىلغان، خائىن تۇتقان، دۈشمەننىڭ كەمپۈتلىرىگە ئالدانمىغان، مىنا كۆمۈپ دۈشمەنلەرنى پارتلاتقان، قاناتلىق خەت ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگەن ۋاڭ ئېرشياۋنىڭ قەھرىمانلىقى ھەممىگە مەلۇم.

      پىيونېر 4: ‹‹پىيونېرلار ۋە بالىلار ئۆمىكى›› دېگەن خەت يېزىلغان ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقىدۇ. تۆتىنچى كىچىك ئەترەتتىكى پىئونېرلار گېزىت سومكىلىرىنى ئېسىۋالغان، قوللىرىدا گېزىت كۆتۈرۈۋېلىپ گېزىت سېتىۋاتقان كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىپ چىقىدۇ، ‹‹گېزىت سېتىش ناخشىسى››نى ئېيتىدۇ.

      پىيونېر 4: ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىزنىڭ نامىمىز ‹‹پىيونېرلار ۋە بالىلار ئۆمىكى›› ئىدى. بىز ئازاد رايونلاردا يارىدارلارنى قۇتقۇزغان، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان، بەش يۇلتۇز ، قىزىل گۈللەرنى قىيىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىق باھارىنى كۈتۈۋالغانىدۇق. ئەمدى ھازىرقى كىچىك گېزىت ساتقۇچىلار ھەرگىزمۇ ھەسرەتلىك ناخشىلارنى ئېيتمايدۇ، چۈنكى بىز ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدۇق.

      پىيونېر5 ‹‹جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى›› دېگەن خەت يېزىلغان ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقىدۇ. بارلىق پىيونېرلار ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ، ئەترەت سالىمى بېرىدۇ، ‹‹بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى›› دېگەن مۇزىكا ياڭرايدۇ.

      رىياسەتچى B، A بىرلىكتە: ‹‹ئەترەت ناخشىسى››نىڭ مۇزىكىسىغا ماس ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو ئۆسمۈر – بالىلىرىنىڭ تەشكىلاتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، زورايدى. 1949 – يىلى 10– ئاينىڭ 13 – كۈنى يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى دۇنياغا كەلدى. يۇلتۇز، مەشئەللىك بايراق يېڭى جۇڭگودىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد پىيونېرلارنى كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىمەكتە!

      رىياسەتچى A: شانلىق ئەترەت تارىخى — بىزنىڭ پەخرىمىز!

      رىياسەتچى B: بىز لو جىچۇن ۋە دېڭ جىندى بىلەن تونۇشتۇق.

      رىياسەتچى A: بىز جياڭ جىنخۈي بىلەن تونۇشتۇق.

      رىياسەتچىB: بىز ۋاڭ ئېرشياۋ بىلەن تونۇشتۇق.

      رىياسەتچى B، A بىرلىكتە: ئۇلار پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ پەخرى، قىزىل گالستۇكنىڭ ئىپتىخارى! شۇڭا، ئۇلۇغ ئەربابلار ئۆسمۈر قەھرىمانلارغا يۈكسەك مەدھىيە ئوقۇغان ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر – بالىلارغا بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

      2 – بۆلەك: ئۇلۇغ ئەربابلارنىڭ تەلىملىرىنى ئەسلەش

      پىيونېر1: ماۋزېدۇڭ بوۋا 1949 – يىلى ئۆسمۈر – بالىلارغا: ‹‹ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەڭلار›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن.

      پىيونېر 2: دېڭ شياۋپىڭ بوۋا 1980 – يىلى 5 – ئايدا: ‹‹پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، بىلىملىك، ساغلام ئادەم بولۇشقا ئىرادە تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن.

      پىيونېر 3: جياڭ زېمىن بوۋا 1994 – يىلى 6 – ئايدا: ‹‹ئۆزلۈكىڭلاردىن ئۆگىنىپ، ئۆز ئىشىڭلارنى ئۆزۈڭلار قىلىپ، ئۆز – ئۆزۈڭلارنى قوغداپ، ئۆز – ئۆزۈڭلارنى كۈچەيتىپ، ئۆز – ئۆزۈڭلاردىن تەرتىپلىك بولۇپ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇڭلار›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن.

      پىيونېر 4: خۇ جېنتاۋ بوۋا 2005 – يىلى 6– ئاينىڭ 1 – كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر – بالىلارغا: ‹‹تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خۇشال – خۇرام ياشاپ ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىڭلار›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن.

      رىياسەتچى C، B بىرلىكتە: يۇقىرىقى سەمىمىي، تەسىرلىك بېغىشلىما ۋە تەلىملەر ھەر نۆۋەتلىك پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆسمۈر – بالىلارغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئىپادىلەيدۇ. دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن بىز پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ شەرەپلىك بەتلىرىدىن —

      رىياسەتچى B: ليۇ ۋېنشۆنى.

      رىياسەتچى C: جاڭ گاۋچيەننى.

      رىياسەتچى B: لوڭ مېي ۋە يۈ رۇڭنى.

      رىياسەتچى C: لەي نىڭنى.

      رىياسەتچى B: ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر پىيونېرلارنى تونۇۋالدۇق.

      رىياسەتچى C، D: ئۆسمۈر قەھرىمانلار پىيونېرلار ئەترىتى تارىخىغا شانلىق سەھىپىلەرنى قوشتى. ئۇلارنىڭ ئىلھامى بىلەن بىز يېڭى ئەسىرنىڭ كىچىك بۈركۈتلىرى ئېگىز پەرۋاز قىلىپ، قىزىل گالستۇكقا شەرەپ كەلتۈردۇق! ئەنە ئاڭلاڭ، بىرقانچە پىيونېر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن ئۆگىنىش تەسىراتلىرى ئۈستىدە كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشماقتا، تەسىرات ئالماشتۇرماقتا!

      3 – بۆلەك: قىزىل گالستۇكقا شادلىق بىلەن نەزەر سېلىش

      پىيونېرلار ‹‹قىزىل گالستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيىگە تەلپۈنىدۇ›› دېگەن تېمىدىكى پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەيدۇ

      رىياسەتچى A: ساۋاقداشلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەممىمىز چوقۇم ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە شان – شەرەپلىرىدىن خۇشاللاندۇق، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسىگە تەربىيىچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق قان – تەرى سىڭگەن.

      رىياسەتچى B: بىز بىرلىكتە ئەڭ گۈزەل شېئىرلىرىمىزنى ۋە ئەڭ يېقىملىق ناخشىمىزنى تەربىيىچىمىزگە تەقدىم قىلايلى. مۇزىكىغا تەڭكەش قىلغان ھالدا ‹‹تەربىيىچىگە›› دېگەن شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىدۇ

      پىيونېر 1: سۆيۈملۈك مەكتىپىم سەن بىر چوڭ ئائىلە، قەدىرلىك تەربىيىچىم سەن مېنىڭ مېھرىبان ئانام. پىيونېر 2: كۆكسىمىزدىكى قىزىل گالستۇك سەن سوقۇپ تۇرغان يۈرىكىمىزگە ئوخشايسەن؛ ئاسماندىكى كىچىك يۇلتۇزلار ئانىمىزنىڭ مېھرلىك كۆزلىرىگە ئوخشايدۇ.

      پىيونېر 3: ئالتە يىل بۇرۇن سىز يېڭى پىيونېرلارنىڭ ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمىدا قىپقىزىل گالستۇكنى بوينىمىزغا تاقاپ قويغان، بەئەينى بىر مەشئەلنى ئۆز قولىڭىز بىلەن يۈرۈكىمىزگە تۇتاشتۇرغان.

      پىيونېر 4: ئۈچ يىل بۇرۇن سىز تومۇز ئىسسىق بولۇۋاتقان يازلىق تەتىلدە بىزنى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا ئېلىپ بارغان. ئىنقىلابىي قۇربانلار ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ ھاياجان ياشلىرىمىز تۆكۈلگەن، ئۇلارنىڭ ئىرادىسى قەلبىمىزدىن مەھكەم ئورۇن ئالغان.

      پىيونېر 5: بىر يىل بۇرۇن سىز ئۆسمۈرلەر ئىتتىپاق مەكتىپىدە بىزگە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بەرگەن، كېلەچىكىمىزنى سۈرەتلەپ بەرگەن، بىز چەكسىز ئىپتىخارلانغان، كەلگۈسىگە تەلپۈنگەن، ئىتتىپاق بايرىقى لەرزان لەپىلدىگەن.

      رىياسەتچى B، A بىرلىكتە: قەدىرلىك تەربىيىچى، ئۇستازلار سىلەر بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن جەمئىيەتتىن ئىبارەت چوڭ دەرسخانىنى ھازىرلاپ بەردىڭلار، بىزدە گۈزەل قەلب يېتىلدۈردىڭلار. ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە سىلەر ياراتقان شانلىق سەھىپىلەرمۇ بار. سىلەرنىڭ ھەربىر تامچە تەرىڭلار ئەتىمىزنىڭ زەپەر مارشىغا، ئۇتۇققا، غەلىبە خەۋىرىگە ئايلانغۇسى.

      4 – بۆلەك: قىزىل گالستۇكنى قەدىرلەيلى

      ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: تۆۋەندە تەربىيەچىنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى.

تەربىيەچىنىڭ سۆزى قىسقارتىلدى

      رىياسەتچى D، C، B، A بىرلىكتە: جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 60 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ كىچىك خوجايىنلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز ھەم ئىپتىخارلىنىمىز! ئەترەت — قىپقىزىل بايراق، ئۇ بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىمىزدىكى نۇرلۇق ماياك؛ ئەترەت — ئىللىق كوللېكتىپ، بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدىكى بۆشۈك؛ ئەترەت قۇدرەتلىك قوشۇن، ئۇ بىزنى دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەيدۇ. بىز گۈزەل، رەڭدار ئەترەت تۇرمۇشىنى قەدىرلەيمىز، شۇنىڭغا تېخىمۇ ئىشىنىمىزكى، قەلبىمىزدىكى قىزىل گالستۇك مەڭگۈ قىپقىزىل، چۈنكى:

      بىزنىڭ ناخشىمىز – جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت ناخشىسى؛

      بىزنىڭ بايرىقىمىز — ئەترەت بايرىقى؛

      بىزنىڭ سالىمىمىز — ئەترەت سالىمى؛

      بەلگىمىز — قىزىل گالستۇك؛

      قەسىمىمىز — جۇڭگو ئەترەت قەسىمى.

      ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئوڭ قولىمىزنى كۆتۈرۈپ شوئار توۋلايلى!

ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسى: (ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ) كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەشكە تەييار تۇرۇڭلار!

      بارلىق پىيونېرلار: دائىم تەييارمىز!

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر