باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

‹‹ئورتاق نۇقتا››نى تۇتۇپ ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ماھىرلىق بىلەن تەشكىللەش

يۈەن شېڭ

 

      ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيىچىسى مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇپ، ئۇلار ئوقۇش – ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمىتى ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيىچىلىرى خىزمىتى ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ. ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيىچىلىرىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ھېلى ئۇ خىزمەت، ھېلى بۇ خىزمەت بىلەن بولۇپ چارچاپ كېتىدۇ. بەزى ئىشلارنى چالا – بۇلا ئىشلەپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مېنىڭچە ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيىچىلىرى بۇنداق ‹‹قاتىلاڭ›› خىزمەت ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، مەكتەپ خىزمىتى بىلەن ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئىلمىي لايىھىلەپ، پۇختا پىلانلاپ، پىيونېرلار ئەترىتى پائالىيىتىنىڭ ئادەم تەربىيىلەشتىكى ئەڭ چوڭ فۇنكسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇپ پىيونېرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

      مەن ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيىچىسى بولغىنىمدا بۇ خىزمەتنى مۇنداق ئىشلىگەنىدىم:

      مەكتىپىمىز 9 – ئايدا ‹‹ 6 – نۆۋەتلىك كىتاب ئوقۇش بايرىمى›› ئورۇنلاشتۇرغانىدى. بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەترىتىمىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ‹‹مەن كىتاب ئوقۇشتىن خۇشاللىق تاپىمەن›› دېگەن تېمىدىكى پائالىيەتنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردۇق. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ‹‹كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ئالماشتۇرۇش›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ پىيونېرلارنى ئىلگىرى كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئىگە بولغان تەسىرات، پايدىسىنى سەھنىدە سۆزلەشكە، كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلىشقا ئىلھاملاندۇردۇق. ئوتتۇرا ئەترىتىمىزدە يەنە كىتاب بۇلۇڭى قۇردۇق. ئارقىدىنلا ‹‹مەشھۇر ئەسەرلەردىن زوقلىنىش›› پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. پىئونېرلار بىر ھەپتىدىن بېرى ئوقۇغان ياخشى كىتاب، ياخشى ئەسەرلەرنى ساۋاقداشلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئوقۇدى، بىللە زوقلاندى. ئاندىن كېيىن يەنە ‹‹كىتاب ئوقۇش تەسىراتى ئالماشتۇرۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پىيونېرلارنى كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق ۋە ئوتتۇرا ئەترىتىمىز باھالاپ چىققاندىن كېيىن مۇنەۋۋەر ماقالە، ئەسەرلەرنى يىللىقلار بويىچە تاللاپ چىقتۇق. ئەڭ ئاخىرىدا پىئونېرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش بايرىمى جەريانىدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ‹‹كىتاب ئوقۇش شاھى››نى باھالاپ چىقتۇق. شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى جەريانىدا پىيونېرلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى، بىلىمى بېيىدى، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، شۇنداقلا كىتاب ئوقۇش قىزىقىشى يېتىلدى.

      10 – ئايدا مەكتەپ تەشكىللىگەن ‹‹پەن – تېخنىكا بايرىمى››نىڭ تېمىسى ‹‹ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق›› ئىدى. مەن پىيونېرلارنىڭ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا يېگۈسى كەلمىگەن قورۇمىلارنى تۆكۈۋاتقانلىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىسراپچىلىق ھەم سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ‹‹يېمەكلىكلەردىكى ئوزۇقلۇق تەركىبىنى بىلەمسىز؟›› دېگەن تېمىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدىم. پائالىيەتتە پىيونېرلار بەس – بەستە ئۆزلىرى ياخشى كۆرمەيدىغان سامساق، دېڭىز كاپۇستىسى، قىزىل دېڭىز يۇسۇنى، مايلىق گۆش قاتارلىقلارنى ساناپ چىقىشتى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە: ‹‹بۇ يېمەكلىكلەردە ئوزۇقلۇق تەركىبى بارمۇ؟ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار›› دەپ يېتەكلىدىم. پىيونېرلار كومپيۇتېرخانا، كۇتۇپخانىلاردا كىرىپ ماتېرىيال كۆرۈش، ئىزدەش ئارقىلىق تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى ھەم ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى ‹‹دېڭىز كاپۇستىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئۇنىڭدا مول ئاقسىل، يېمەكلىك تالالىرى ۋە كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن قاتارلىق نۇرغۇن مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، قالقانسىمان بەز يوغىناپ قېلىش، سېمىزلىك، مېڭە قان نوكچىسى، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشى، قان بېسىم قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قىزىل دېڭىز يوسۇنى بەلگىلىك دەرىجىدە راكقا قارشى تۇرۇش ۋە كۆرۈنەرلىك چىراي گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە قان تومۇر قېتىشىش، مېڭە قان نوكچىسى، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە›› دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن مەن: ‹‹ئەمدى كىم قورۇمىلارنى تۆكۈۋېتىدۇ؟›› دەپ سورىسام ئۇلار بىردەك ‹‹تۆكمەيمىز، قورۇمىلارنىڭ ھەممىسىنى يەيمىز›› دېيىشتى. دەرۋەقە شۇنىڭدىن كېيىن قورۇمىلارنى تۆكۈۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى.

      11 – ئايدا مەكتەپتە ‹‹تەنتەربىيە بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ پىيونېرلارنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئۇلاردا ئىتتىپاقلىق روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ئۇيۇشۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ‹‹مەن تەنتەربىيە بايرىمىنى ياخشى كۆرىمەن›› تېمىسىدا ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، پىيونېرلارنى تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ پايدىسىنى سۆزلەشكە يېتەكلەش ئاساسىدا بىرنەچچە كىچىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىپ، ھەربىر گۇرۇپپىنىڭ شوئارىنى ئەزالار بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن تەنتەربىيە دەرسى، چوڭ تەنەپپۇس ۋە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا پىيونېرلار قىزغىنلىق بىلەن چېنىقىشنى باشلىۋەتتى. بىر مەزگىلدىن كېيىن مەن ھەرقايسى كىچىك گۇرۇپپىدىكى ئەزلارنى تەڭشەپ، مەلۇم تەنھەرىكەت تۈرىدە ئالاھىدىلىكى بار پىئونېرلارنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ قايتا تەشكىللەپ، بىللە مەشىق قىلىشقا يېتەكلىدىم ھەمدە ‹‹تەنتەربىيە بايرىمىنى كۈتۈۋالايلى›› تېمىسىدا مەكتەپ دەرىجىلىك ئوچۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، پىيونېرلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئالغا باسقان تەرەپلىرىنى دوكلات قىلغۇزدۇم ھەمدە ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئىگىلىدىم. كېيىن مەكتەپنىڭ تۈرلۈك مۇسابىقىلىرىدە پىئونېرلار قاتتىق تىرىشىپ، كەسكىن رىقابەتلىشىپ، ئالتە تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ ئىككىسىدە بىرىنچى، تۆتىدە ئۈچىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا بىز يەنە تەنتەربىيە بايرىمىدىن خۇلاسە قىلىپ ‹‹تەنتەربىيە بايرىمى›› دا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان پىيونېرلارنى تەقدىرلىدۇق، ئوتتۇرا ئەترەت ئۈچۈن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنى تەبرىكلىدۇق. پۈتكۈل پائالىيەت جەريانىدا پىيونېرلار ھەرخىل تەنتەربىيە ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىۋېلىپلا قالماي تېخىمۇ جانلىق بولۇپ كەتتى، مەكتەپ تۇرمۇشى بېيىدى، شۇنداقلا باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىش، كوللېكتىپ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتەك ئۇيۇشۇش كۈچى، ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ئىپادىلەپ ئەترەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

      12 – ئايدا مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتى ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەردە ‹‹ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم›› دېگەن تېمىدا پائالىيەت تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىن دوكلات بېرىش ۋە كۆرگەزمە پائالىيىتىمۇ 12 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلەتتى. مەن بۇنى ناھايىتى ياخشى قۇلايلىق پۇرسەت دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەترەت دەرسىدە پىيونېرلارنى ‹‹كىيىم – كېچەك، ئويۇنچۇق، يېمەكلىك، قاتناش قوراللىرى، قۇرۇلۇش، كۆۋرۈك›› قاتارلىق جەھەتلەردىن ۋەتنىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان 30 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدىم. پىيونېرلار بىرنەچچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەربىر گۇرۇپپا بىر مەسىلىگە مەسئۇل بولۇپ توپلاش، تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. دوكلات يىغىنىدا بەزى پىئونېرلار ئاتا – ئانىسى كىچىك ۋاقتىدا ئوينىغان ئويۇنچۇقلارنى ۋە ئۆزلىرى ئوينىغان ئويۇنچۇقنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ماددىي نەرسىلەر ۋە سۈرەتلەردىن پىيونېرلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چۈشەندى، مىللىي غۇرۇرى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى كۈچەيدى، ئۇلار يەنە ۋەكىل سايلاپ مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت كۆرگەزمە، دوكلات پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم پائالىيەتتە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

      بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيىچىلىرى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، پىكىر قىلىشقا ماھىر بولسا مەكتەپ خىزمىتى بىلەن ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىنى بىللە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر– بىرىگە باغلىيالىسىلا مەكتەپ خىزمىتىنى ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ. شۇ ئارقىلىق پائالىيەت جەريانىدا پىيونېرلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ، پىيونېرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، پىيونېرلارنىڭ خاسلىقىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى، ئەترەت كوللېكتىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇكەممەللىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر