باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

كىچىك ئەترەت پائالىيىتىنى جانلاندۇرايلى

       ئوتتۇرا ئەترەت خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر ئۇسۇل كىچىك ئەترەتنى ياخشى تۇتۇشتىن ئىبارەت. كىچىك ئەترەت پائالىيىتى جانلىقلىققا ئىگە بولۇپ، پائالىيەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئادەم سانى، سورۇن ۋە ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

      1. پائالىيەت جانلىق، ئادەم سانى ئاز بولسا ئۇيۇشتۇرۇش ئاسان، بۆلۈنۈپ پائالىيەت قىلىش تېز، ھەرىكەت تېز، يىغىلىش تېز بولىدۇ. مەسىلەن، ‹‹پوچتالىيون تاغىنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى كۆرۈش›› پائالىيىتىدە كىچىك ئەترەتتە ئالتە ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئۈچ پوچتالىيون تاغىنىڭ خىزمىتىنى كۈزەتتى. بىر كۈن كۆزىتىش، كۆرۈش ئارقىلىق كۆپچىلىك بىرلىكتە تەسىراتلىرىنى ئازادە سۆزلەشتى.

      2. پائالىيەت ئورنى جانلىق بېكىتىلىپ، پائالىيەت قانات يايدۇرۇلىدىغان سورۇن، مەيدان كېڭەيتىلدى. كىچىك ئەترەت پائالىيىتىنىڭ مەيدانى ئىنتايىن كەڭ، مەسىلەن ‹‹مېھرىبان كىچىك ئەترەت›› ئىگە – چاقىسىز بوۋاي – مومايلارغا تۈگرە تۈگۈپ ئاپىرىپ بەرسە، ئۆيلىرىنى تازىلاپ بەرسە، ‹‹كەلگۈسىدىكى دوكتورلار كىچىك ئەترىتى›› پەن – تېخنىكا سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلسا، ‹‹مۇھىت ئاسراش كىچىك ئەترىتى›› مەھەللىلەرگە بېرىپ ‹‹دۇنيا ماشىنىسىز كۈن›› تەشۋىقات پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، تۇرمۇشنى چۈشىنەلەيدۇ.

      3. ۋاقتى جانلىق بولۇپ، پائالىيەتنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ۋاقتىدا قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ. كىچىك ئەترەت پائالىيىتى پەسىل ۋە ۋاقىتنىڭ چەكلمىسىگە بەك ئاز ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ‹‹بىر مىنۇتلۇق خەۋەر››، ‹‹تۆمۈرتۇمشۇق كىچىك ھەرىكىتى››، دەم ئېلىش كۈنى ياكى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن كوچىلاردىكى خاتا خەتلەرنى ئىزدەش پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بارغاندا ئاسان ئۈنۈم كۆرۈلىدۇ.

      4. شەكلى جانلىق، ئاددىي ياكى رەڭگارەڭ ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. كىچىك ئەترەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى كۆپ بولغاچقا شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىل تاللاش بوشلۇقى شەكىللەنگەن. مەسىلەن، جەمئىيەت تەكشۈرۈش، مەھەللىلەردە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، پەن – تېخنىكىغا ئائىت كىچىك ئىلمىي ماقالە يېزىش، ئىگە – چاقىسىز بوۋاي – مومايلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق خىلمۇخىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللىسىمۇ بولىدۇ. كىچىك ئەترەت پائالىيىتىنىڭ جانلىقلىقى يۇقىرىقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەقىل ئىشلىتىدىغانلا بولساق تېخىمۇ يېڭى شەكىللەرنى تېپىپ چىقالايمىز.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر