باش بەت | تەربىيچىلىرىمىز

‹‹بارلىقىم بالىلار ئۈچۈن››

 – قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى رىزۋانگۈل ئەيسا توغرىسىدا

 

قۇربانجان توختى

 

      ئۇنىڭ باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تۆھپىسى، پەخىرلەنگۈدەك شۆھرىتى بولمىسىمۇ 23 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى ئىزدىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئاددىي ھاياتىدىن جۇلالاپ تۇرغۇدەك نەتىجىلەرنى روياپقا چىقىرىپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئەتراپلىق، ياراملىق، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلدى. ئۇ ياراملىق ئۇستاز، بالىلارنىڭ ياخشى تەربىيەچىسى، ئائىلىدە ياخشى ئانا، ياخشى كېلىن، مەھەللىدە ياخشى قوشنا، جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس. بۇ ھاياتىنىڭ قىران چاغلىرىنى سەبىيلەرنىڭ دىلىنى يورۇتۇشتىن ئىبارەت مىننەتسىز مېھنەتكە بېغىشلىغان قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى رىزۋانگۈل ئەيسا.

 

      قىزىل گالىستۇك پەرۋانىسى

      رىزۋانگۈل ئەيسا 1986 – يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى تاماملاپ ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى ئازاق باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇ ئوقۇتقۇچى بولغان تۇنجى كۈنى قان تەرى ۋە مېھىر – مۇھەببىتىنى سەبىيلەرگە مىننەتسىز بېغىشلاشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

      ئۇ تۇنجى دەرسنى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتتى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان دەرسى بىر سائەتلىك دەرسنى شاد – خۇراملىققا چۆمدۈردى، بالىلارمۇ ئەمدىلا مەكتەپتىن ئايرىلغان بۇ مۇئەللىمنى ۋە ئۇنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنى ياقتۇرۇپ قالدى. رىزۋانگۈل يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق دەرسخانا ۋە تەنتەربىيە مەيدانىنى جانلاندۇردى. ئۇنىڭ قىزغىنلىقى، جانلىقلىقى، پائالىيەتچانلىقى بىلەن بالىلارنى تۈرلۈك تەنتەربىيە دەرسى، تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ئويۇنلارغا تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىۋالغانلىقىنى كۆرگەن مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى مەكتەپ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىكىگە تەيىنلىدى. ئۇنىڭغا خىزمەتنىڭ قىيىنى، جاپاسى يوق ئىدى. بالىلار بىلەن بولىدىغان ھەرقانداق ئىشقا ئۆزىنى ئۇراتتى. رىزۋانگۈل بالىلارغا ئوقۇتقۇچىلىق نەزىرى بىلەن ئەمەس، ‹‹مېھرىبان ئانا››لىق نەزىرى بىلەن قارايتتى. بالىلارنىڭ قانداق ئارزۇ – تەلەپلىرى بولسا جاپا – چېكىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن يانماي ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشتى. باشقا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى ۋە تەربىيەچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىجادىي، تەربىيەۋى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى. چوڭ ئەترەتنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەترەت ھەيئەتلىرىنى قەرەللىك تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەردى. ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ پىيونېرلارنىڭ ئارزۇ – تىلەكلىرى، ئېھتىياجى، ئۇلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق باشقا دەرسلەرگىمۇ كۆڭۈل قويۇش توغرىسىدا تەربىيە بەردى. رىزۋانگۈلنىڭ جانلاندۇرۇشى بىلەن بۇ چوڭ ئەترەتنىڭ ئىش ئىزلىرى يېزا، شەھەردىكى رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئۇچۈن رەھبەرلىك مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان تەربىيەچىلەر كۇرسىغا ئەۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەترەت قۇرۇلۇشى، ئەترەت نىزامنامىسى، ئەترەت تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتى. رىزۋانگۈل ئەترەت پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇش – ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەر قېتىملىق ئەترەت پائالىيىتىنىڭ شەكلى، مەزمۇنىنى ياخشى لايىھەلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، پەنگە ئىشىنىش، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تەربىيەلەرنى ئېلىپ باردى. مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار، ئەمگەك كۈچى ئاز، تۇرمۇش ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەرگە بېرىپ بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىش، يىغىش، ئورۇش، ئوتۇن، كۆمۈر تەييارلاش، ھويلا – ئاراملارنى سۈپۈرۈپ تازىلاش قاتارلىق دېھقانچىلىق ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا خالىسانە ياردەم بېرىپ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. پىيونېرلار ئارىسىدا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، مەكتەپ مۇھىتى ۋە ئامانلىقىنى قوغداش قاتارلىق ياخشى ئىستىل، ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى.

 

‹‹بارلىقىم بالىلار ئۈچۈن››

      ئېھتىياج قەيەردە بولسا شۇ يەردە خىزمەت قىلىش ياشلىق باھارىنى مائارىپ ئىشلىرى، بىلىمگە ئىنتىلىپ تۇرغان سەبىي بالىلارغا بېغىشلىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئىرادىسى. رىزۋانگۈل خىزمەتكە چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن مەكتەپتە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل بولۇپ ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ چاغدا رىزۋانگۈل ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالماقچى بولدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەنتەربىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن بۇ ياش قىزنىڭ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشىغا ئانچە ئىشەنچ قىلالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەتئىي ئىرادىسى، تىرىشچانلىقى، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ 5 – يىللىقنىڭ سىنىپ مەسئۇللىقى ۋە ماتېماتىكا دەرسىنى تاپشۇردى. دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، دەرستىن سىرت يېتەكچىلىك قىلىش ئۇنىڭدىن زور تىرىشچانلىق تەلەپ قىلدى. ئۇ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش، بوشاشماي ئىزدىنىش ئارقىلىق ماتېماتىكا ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە ئۆلچەملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ تېخىمۇ يېڭى ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرىنى تېپىپ چىقىپ دەرسخانىدا سىناق قىلدى ۋە مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ 1995 – يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 3 – باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەلگىچە ماتېماتىكا دەرسى بېرىپ كەسىپتە خېلى ئىلگىرىلەپ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ دەرسخانىدا بالىلارغا كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئۆتسە، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلىمەيدىغان، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋالىدىغان، كۆپ جېدەل چىقىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىش، ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش، ئاتا – ئانىلارغا خەت يېزىش ئارقىلىق كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ ماڭدى. رىزۋانگۈل ھەر يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى، قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىغا بۆلۈپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئورتاق ئىزدىنىش ئىچىدە ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشقا يېتەكلىدى. 2003 – ، 2004 –، 2005 – يىللىرى ئۇنىڭ ئابدۇقادىر، نىجات قاتارلىق سەككىز ئوقۇغۇچىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى يېشىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە، 15 ئوقۇغۇچىسى ئىككىنچى، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. رىزۋانگۈل نىشانلىق ئوقۇتۇش، ساپا مائارىپى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىپ ئۆگىنىش داۋامىدا خىزمەت قىلىش، خىزمەت داۋامىدا ئۆگىنىش روھى بىلەن خىزمەت ئىشلىدى. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا دېموكراتىك، ئىناق، جانلىق ئوقۇتۇش شەكلىنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا قىزىقىش ئىچىدە بىلىم ئىگىلەيدىغان ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 20 ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى. ئوبلاستلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەجرىبە سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىسى 40 تىن ئاشتى. ئۇنىڭ 23 يىللىق ئەجرى ۋە قان تەرى بىكار كەتمىدى. مەكتەپ بويىچە بىرقانچە قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹ئىلغار سىنىپ مەسئۇلى›› بولۇپ باھالاندى. 2007 – يىلى ئوبلاست بويىچە ‹‹ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس››، 2009 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› شەرىپىگە ئېرىشتى.

 

      ‹‹مېھرىبان ئانا››

       رىزۋانگۈل سىنىپىدىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا كۆڭۈل بۆلدى. مەيلى ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچى ياكى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى بولسۇن ئۇلاردىن مېھرىنى ئايىمىدى. 2005 – يىلى سىنىپىدىكى سانىيە ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاپىسى ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئائىلىسى دادىسىنىڭ ئىدارىسىدىن بېرىلىدىغان ئازغىنە تۇرمۇش پۇلىغا قاراشلىق بولۇپ قالدى. رىزۋانگۈل ئوقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ پۇل يىغىش قىلىپ، پۇل، ياغ، گۆش قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ سانىيەنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ھال سورىدى. سانىيەنىڭ ئاپىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىشىدىن بەكلا سۆيۈندى ۋە: ‹‹قىزىمنىڭ سىزدەك ياخشى بىر ئوقۇتقۇچىدا بىلىم ئېلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇنمەن›› دېدى. بۇ ئىش بىلەن سىنىپ كوللېكتىپىغا مېھرىبانلىق ئۇرۇقى چېچىلىپ ئوقۇغۇچىلار قىيىنچىلىقى بار ساۋاقداشلىرىغا ياردەم قىلىدىغان، ئۇلارغا روھىي تەسەللى بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. سانىيەگە دادىسىنىڭ ئۆلۈمى ئېغىر كېلىپ سىنىپتا دىققىتىنى يىغالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئۆگىنىشتىمۇ چېكىنىشكە باشلىدى. رىزۋانگۈل سانىيەگە سەۋرچانلىق بىلەن تەسەللى بەردى. تەتىل كۈنلىرى ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ دەرس تەكرارلىتىپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى. ھەر مەۋسۇمدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقلەرنى يېنىدىن تاپشۇرۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى، سومكا، ئاياغ، ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بەردى. رىزۋانگۈل سانىيەگە ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئاتا – ئانىسى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەتتە بولۇپ ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزەتتى، كوللېكتىپنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

 

       ئىناقلىق كۈيى

      رىزۋانگۈل چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى بولغان مەزگىلدە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى بېرىشنى چىڭ تۇتتى. ئوقۇغۇچىلارنى ئاتۇش شەھەرلىك تاڭنۇرى باشلانغۇچ مەكتەپ (ھازىرقى ئاتۇش شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ)، قوراللىق قىسىم چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىگە ئاپىرىپ ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئاڭغا سىڭدۈرۈش، ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئاساس سالدى. رىزۋانگۈل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 15 يىللىق قوشنىسى زۇڭ شۆجىن بىلەن ئىناق، ئىجىل ئۆتۈپ قىزىلسۇ ئوبلاستى بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس›› بولۇپ تەقدىرلەندى. زۇڭ بوۋاينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇدۇل قوشنىسى رىزۋانگۈل ئەيسا بىلەن بەكمۇ ياخشى ئۆتىدۇ. بوۋاي، موماي ياشىنىپ قالغاچقا رىزۋانگۈلنىڭ يولدىشى يالقۇن ۋە بالىلىرى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەملەشتى. رىزۋانگۈلمۇ ھەمىشە ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئۆيلىرىنى تازىلاپ، ئەھۋال سوراپ تۇردى. مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن زۇڭ بوۋاي ئائىلىسىگە باردىم. كېلىش مەقسىتىمنى بىلگەن بوۋاي رىزۋانگۈلنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى:

      — رىزۋانگۈل ۋە يولدىشى يالقۇن بەك ياخشى، شۇنداق بولغاچقا 15 يىلدىن بۇيان ئىناق ئۆتۈۋاتىمىز، بىرەر قېتىم خاپا بولۇشۇپ قالمىدۇق، يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى دېگەندەك، ئۇلار دائىم ئائىلىمىزنىڭ چوڭ – كىچىك ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.

      — رىزۋانگۈلنىڭ مىجەزى بەك ياخشى، بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بەك ئەپ ئۆتىدۇ. نەۋرىلىرىم دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئوينايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يەيدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىككى بالىسى تەتىل قىلىپ كەلسە بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كىرىدۇ، بىزمۇ ئۇلارغا بەك ئامراق، — دېدى مومايمۇ ھاياجان بىلەن.

       رىزۋانگۈل ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بالىلىرىغا، ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۈلگە بولدى. مەيلى خىزمەتتىكى تىرىشچانلىق، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كۆيۈنۈش، مەيلى خىزمەتداشلار، قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت جەھەتتە بولسۇن ئۆزىنىڭ ئۇستازلىق، ئانىلىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلدى. مەن رىزۋانگۈلنىڭ ئۆزىدىكى ياخشى خىسلەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

 

(ئاپتور ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدە)

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر