باش بەت | تەربىيچىلىرىمىز

ھاياتىم بالىلار بىلەن گۈزەل

 يېڭىشەھەر ناھىيەلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باش تەربىيەچىسى گۈلنار سايىم توغرىسىدا

 

 ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)

 

      2010 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تاڭ سەھەر. ئۇ ‹‹1 – ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ مەملىكەتلىك 6 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 950 دىن ئارتۇق پىيونېر، تەربىيەچى ۋە ئەترەت خىزمەتچىلىرى قاتارىدا ھەيۋەتلىك ‹‹خەلق›› سارىيىدا ھاياجانلىق مىنۇتلارنىڭ تېزرەك كېلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى. بۇ مىنۇتلار ئاخىر يېتىپ كەلدى. ئۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز قولىقى بىلەن ئاڭلىدى، ئۇ چەكسىز بەختكە چۆمدى. شۇ مىنۇتلاردا ئۇ بارلىقىنى ئۆسمۈر – بالىلار خىزمىتىگە بېغىشلىغانلىقىدىن، تەربىيەچى بولۇشتىن ئىبارەت شەرەپلىك خىزمەتنى ئىشلىگەنلىكىدىن يەنە بىر قېتىم پەخىرلەندى ھەم سۆيۈندى؛ 26 يىلدىن بۇيان تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرىنى تامامەن ئۇنتۇپ، پىيونېرلار خىزمىتىدە يېڭىچە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى. مانا بۇ يۈكسەك ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن تەربىيەچى يېڭىشەھەر ناھىيەلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باش تەربىيەچىسى گۈلنار سايىم ئىدى.

      1985 – يىلى قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ مۇزىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن گۈلنار سايىم يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى ۋە مۇزىكا دەرسى بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ چاغدا ئۇ ئۆزى سۆيگەن كەسىپنى ئىشلىتەلىگەنلىكىدىن چەكسىز خۇشاللاندى ھەم تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇنبەرگە چىقتى. ئۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلىرىنى ئۈلگە قىلىپ ئۇلاردىن دەرس ئۆتۈش مېتودى ۋە دەرس تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندى. گۈلنار مۇئەللىم بالىلارنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا ئۇ بالىلارغا مېھرىبان ئانىلىق نەزىرى بىلەن قاراپ ئۇلار ئۈچۈن جاپا چېكىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمىدى. ھەربىر سائەتلىك دەرسنى قىزىقارلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۆتۈشكە تىرىشتى. مەكتەپنىڭ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغوچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا نائىل بولدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى گۈلنار مۇئەللىمنىڭ كەسپىگە پىششىقلىقى، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ باش تەربىيەچىسى بولۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل، شەرەپلىك ۋەزىپىنى يۈكلىدى. بۇ چاغدا خىزمەتكە قاتناشقانلىقىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان، تەربىيەچىلىك خىزمىتىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىگەن گۈلنار مۇئەللىم بىرئاز قورقتى، لېكىن ئۇ مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە تولغان سۆزلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

      گۈلنار مۇئەللىم  پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنىڭ مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار شەكىلگە ئىگە، قىزىقارلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خىزمەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، بىر تەرەپتىن ئەترەت بىلىملىرى بىلەن تونۇشسا، يەنە بىر تەرەپتىن قوشنا ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئىگىلەپ، ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پىرىنسىپ – قائىدىلىرىنى ئىگىلىدى. ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈرلۈك ‹‹كىچىك بۈركۈت مېدالى›› تۈرلىرىنى تەسىس قىلىپ، چوڭ ئەترەتتىكى پىيونېرلارنى ‹‹كىچىك بۈركۈت مېدالى››نى تالىشىش پائالىيىتىگە سەپەرۋەر قىلدى.

      پائالىيەت پىيونېرلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان، كەيپىياتىنى كۆتۈرىدىغان، قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىغان ۋاسىتە. بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشەنگەن گۈلنار ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ھەرخىل تېمىلاردا جانلىق ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ پىيونېرلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇ ‹‹ياخشى خىسلەت، ئېسىل پەزىلەت››، ‹‹يېڭى ئەسىردە مەنمۇ بوش كەلمەيمەن››، ‹‹ئىتتىپاقلىق – كۈچ››، ‹‹بۆلۈنگەننى بۆرە يەر››، ‹‹قەلب قەلىبتىن سۇ ئىچەر›› قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق ئەترەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ناھىيە، ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى. ئۆزىمۇ كۆپ قېتىم رايون، ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ رەھبەرلىك ۋە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2003 – يىلى 11 – ئايدا گۈلنار يېڭىشەھەر ناھىيەلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باش تەربىيەچىلىكىگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ خىزمەت مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقى، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى، ناھىيەلىك پىئونېرلار خىزمىتى كومىتېتى يېڭىلا قۇرۇلغان، 15 يېزا – بازار، 115 مەكتەپ، 46 مىڭ 82 پىيونېر بار بولغان بۇ ناھىيەدە ھەممە ئىشنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى. گۈلنار سايىم ئالدى بىلەن كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ھەرخىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتناشتى ۋە خەنزۇچە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئۇ ھەر يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈشتىن بۇرۇن ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ناھىيە ۋە يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ يىللىق پىلانىنى تۈزدى ھەم بۇ خىزمەتلەرنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇردى. بازا قۇرۇلۇشى بىلەن قوشۇن قۇرۇلۇشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ ھەرقايسى يېزا – بازارلاردا پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىلىرىنى تەسىس قىلىپ باش تەربىيەچىلەرنى سەپلىدى ۋە بۇ خىزمەتلەرگە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىپ تەشكىلىي ئاپپاراتلار قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملىدى. نەتىجىدە قىسقىغىنە ئىككى يىلدا ناھىيىدە 124 چوڭ ئەترەت، 1166 ئوتتۇرا ئەترەت بارلىققا كېلىپ، ئەترەت قۇرۇش نىسبىتى 100 پىرسەنتكە يەتتى. قوشۇن قۇرۇلۇشىمۇ زورىيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەترەتكە كىرىش نىسبىتى 98 پىرسەنتكە يەتتى. پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەربىيەچىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىغا باغلىق. گۈلنار سايىم تەربىيەچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ناھىيەگە قاراشلىق مەكتەپلەرنىڭ 1000 دىن ئارتۇق تەربىيەچىسىنى ھەر يىلى ناھىيە بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان كۇرسلارغا قاتناشتۇرغاندىن سىرت ۋىلايەت، ئاپتونوم رايونغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ كەڭ پىيونېرلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ئۆگىنىش، تەتقىقات ئېلىپ بارالايدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر، ئىجادىيەت تىپىدىكى تەربىيەچىلەردىن بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. بۇلۇپمۇ ‹‹كىچىك بۈركۈت مېدالى›› پائالىيىتىنى يولغا قويۇش مەزگىلىدە قاتلاممۇقاتلام كۇرسلارنى ئېچىش، ئۆزى مەخسۇس تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەش، تۈرلۈك نەق مەيدان پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق كەڭ تەربىيەچىلەرنى ‹‹كىچىك بۈركۈت مېدالى›› ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە قىلدى. تەربىيەچىلەر بۇ پائالىيەتنى ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ پائالىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە 16 نەپەر پىيونېر ۋىلايەت دەرىجىلىك، بەش نەپەر پىيونېر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ‹‹كىچىك بۈركۈت مېدالى››نى قولغا كەلتۈردى. گۈلنار سايىم كۆپ قىسىم يېزا – بازارلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەترەت ئىشخانىسى، ئەسلىھەلىرى كەمچىل، ئەترەت پائالىيىتى قىلىپلاشمىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، مائارىپ ئىدارىسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ مەكتەپلەردە ئەترەت ئىشخانىسى بولۇش، پائالىيەت ئۆيى بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشتا دەۋر ئالاھىدىلىكى، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى ئالدىن ئويلىشىپ پىيونېرلارغا خىلمۇخىل پائالىيەت سورۇنى ھازىرلاپ بەردى. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹ۋەتىنىم تەرەققىي قىلسا مەن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىمەن››، ‹‹مىللىي روھنى ياڭرىتىپ، ئورتاق ئىناق جەمئىيەت قۇرايلى››، ‹‹شانلىق پىيونېرلار ئەترىتى››، ‹‹مەن بەختىمنى ساڭا ئېيتاي››، ‹‹ۋەتەن مېنىڭ قەلبىمدە››، ‹‹دۆلەت بايرىقىنى ئورتاق كەشتىلەش››، ‹‹ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈپ، ئىللىق قۇياش نۇرىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلەيلى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى قوشماقلاردىن بولۇش››، ‹‹›تۆتتە ياخشى‹ ئۆسمۈرلەردىن بولۇش›› قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، پىيونېرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەترەت خىزمىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈردى.

      گۈلنار سايىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مۇھىم دەپ قاراپ، ناھىيە ۋە يېزا – بازار مەكتەپلىرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ‹‹ قول تۇتۇتۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا بىلەن شەھەرلەر ئارا، مەكتەپلەر ئارا، سىنىپلار ئارا، خەنزۇ – ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارا دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ‹‹قول تۇتۇشقان قوشماقلار››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ‹‹ئۈلگىلىك مەكتەپ›› ۋە ‹‹ ئۈلگىلىك ئوتتۇرا ئەترەت››لەر كۆپلەپ بارلىققا كەلدى. ئۇ يەنە ‹‹ئىللىق قەلبىمىز ئارقىلىق ئاپەت رايونىدىكى كىچىك دوستلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزەيلى››، ‹‹بىر بوتۇلكا سۇ ئارقىلىق قەلبىمىزنى ئىپادىلەيلى›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئاپەت رايونىغا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. گۈلنار پىيونېرلار خىزمىتىنى پۈتۈن ۋوجۈدى بىلەن ئەستايىدىل ئىشلىگەچكە ناھىيەنىڭ ئەترەت خىزمىتىدە يىلمۇيىل ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ناھىيەلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ھەر يىلى ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن پىيونېرلار خىزمىتىدىكى ‹‹ئىلغار كوللېكتىپ›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ يىقىنقى بەش يىلدا 25 ‹‹ئىلغار پىيونېرلار چوڭ ئەترىتى››، 147 ‹‹ئىلغار پىيونېر››، 86 ‹‹ئىلغار تەربىيەچى›› ناھىيە تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. ئون ‹‹مۇنەۋۋەر تەربىيەچى››، 13 ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، سەككىز ‹‹ئىلغار پىيونېرلار چوڭ ئەترىتى›› ھەم ‹‹ئىلغار پىئونېرلار ئوتتۇرا ئەترىتى›› ئايرىم – ئايرىم ھالدا ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون، مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۆزىمۇ كۆپ قېتىم ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا دەرس ئۆتۈش، تەجرىبە تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنىپ كەڭ تەربىيەچىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

      كۈچلۈك غەيرەت – جاسارەت ۋە چىدامچانلىق روھىغا ئىگە گۈلنار ئاددىي خىزمەت ئورنىدا يارقىن ئىزلارنى قالدۇردى. 26 يىلدىن بۇيان ئۇ ئەترەت ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدى، نۇرغۇن ئادەملەر ھېس قىلالمىغان خۇشاللىقلارغا ئېرىشتى. 26 يىللىق قان – تەر ۋە ئەقىل – پاراسەت گۈلنارغا نۇرغۇن شان – شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس››، ‹‹ئون مۇنەۋۋەر تەربىيەچى››، ‹‹پىيونېرلار خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس›› دېگەندەك ناملار بىلەن ناھىيە، ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەقدىرلەندى. شۇنداقلا بۇلتۇر ‹‹1 – ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمىدا قەشقەر ۋىلايىتىگە ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك 6 – نۆۋەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ يەنە بىر قېتىم شەرەپ قۇچتى.

      گۈلنار سايىم مۇنداق دەيدۇ: ‹‹پىيونېرلار ئەترىتى مېنىڭ ھاياتىم. مەن تەربىيەچى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى مېنى يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىزدىنىشكە دەۋەت قىلدى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن قىزىل گالستۇكلۇقلار دۇنياسىنى رەڭدارلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن››.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر