باش بەت | كېيىم–كېچەك

كىيىم – كېچەكلىرىمىز

       ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، شەكلى ھەر خىل ۋە رەڭگارەڭ.

       بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئارخېئولوگىيىلىك تېپىندىلار ۋە ھەر خىل يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ تۈرلىرىنى، تاش كىيىم، ئىچ كىيىم دەپ ئىككى تۈرگە؛ شەخسىنىڭ پائالىيەت ئېھتىياجىنى چىقىش نوقتىسى قىلغان ھالدا، ئۆيئىچىلىك كىيىم، تالالىق كىيىم، ئەمگەك كىيىمى، كەسپىي كىيىم ۋە مۇراسىم كىيىملىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

     ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› بىلەن ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم  – كېچەكلىرى ھەققىدە خېلى ئەتىراپلىق مەلۇماتلار بار. مۇشۇ مەنبەگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قاراپ، تېرە كىيىم، يۇڭ كىيىم، يىپەك كىيىم ۋە پاختا رەخت كىيىم دەپ تۆت خىلغا بۆلۈشگە بولىدۇ.

      ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەك ئەنئەنىسىدە، گۈللۈك يىپەك رەخت كىيىملەر چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر خىل گۈللۈك ۋە كەشتىلىك يىپەك رەخت كىيىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئەتىۋارلايدۇ.

      ئەر – ئاياللارغا قارىتا ئىش تەقسىماتى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق، گۈزەللىك تەلىپى ۋە پىسخولوگىيىلىك ھالەت جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قەدىمدىن تارتىپ ئەر ۋە ئايالنىڭ كىيىنىش ئادىتىدىمۇ روشەن پەرق بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ئادەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى گۈللۈك رەختلەردىن ئۇزۇن كۆڭلەڭ ۋە ئوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىشتان، كۆڭلەك ئۈستىگە تىك ياقىلىق چىلىتكە، ياكى تاۋار جىلىتكە، ئىزمىلىك كەمزۇل چاپان قاتارلىق گۈللۈك كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن؛ ئەرلەر بولسا، گۈلسىز سىدام رەختلەردىن (كۆپرەك ئاق، قارا، قاراكۆك، كۈل رەڭ) تىزىنى بېسىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تونچە كۆڭلەك، ياكى ئەستەرلىك تونچە چاپان، ئۇزۇن ئىشتان، كاشا (تۆگە يۇڭىدا توقۇلغان بەش – ئون سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى بەلباغ) ياكى رەخت بىلەن بېلىنى باغلاپ،سول يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ. بالىلار ۋە ياشلار كۆپىرەك تىلە، ياكى بۆرەك ياقىلىق خالتا كۆڭلەك ۋەكەمزۇل چاپان كىيىدۇ. كۆڭلەكنىڭ ياقىسى ۋە ئالدى پىشىگە مىللىي ئۇسلۇبتا رەڭلىك يىپ بىلەن كانۋا ئىشلىگەن كۆڭلەكلەرنى ياشلار تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

      كىيىنىش ئادىتى تارىخىيىۋىلىككە ئىگە بولۇپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كىيىم – كېچەكتىمۇ نىسبي ھالدا ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ. جۈملىدىن، جۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن، كىيىم – كېچەك جەھەتتىمۇ بەزى پەرقلەر پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى كىيىنىش ئادىتى بىلەن ئۆتمۈشتىكى كىيىنىش ئادىتى، شەھەردىكىلەر بىلەن يېزىدىكىلەرنىڭ كىيىنىش ئادىتى مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە.

 

كىيىم – كېچەكلىرىمىز

باش كىيىم

      ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيىلىك شەرت – شارائىتى، دىنىي ئىتىقادى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە روشەن مىللىي پەرق كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىنىش ئادىتىدە، باش كىيىمىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. ئويغۇر ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى ئومۇمەن بېشىغا ياغلىق سېلىشقا، ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى شەكىل جەھەتتىن ئومۇمەن قىشلىق تېرە تۇماق، سىدام دوپپا ۋە گۈللۈك دوپپىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە يەرلىك رايۇن پەرقى روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

      تۇماق ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى بولۇپ، ئاساسەن تېرىدىن ئىشلىنىدۇ. نۇسخا جەھەتتىن ئاق تۇماق، سالۋا تۇماق، سوغا تۇماق، كۇلا تۇماق، يېڭىسار تۇمىقى، كېرىيە تۇمىقى، ساغان تۇمىقى، ھەربىيچە تۇماق، سۆسەر تۇماق، قاما تۇماق قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ.

      دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستىتېك قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان يازلىق باش كىيىم ھىسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى نوسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى، ھۈنەر – سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.

      ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ: بادام دوپپا، تاشكەنت دوپپا، گىلەم دوپپا، مەنپۇ دوپپا، تۈگۈچ مەنپۇ دوپپا، ئۈنچە دوپپا، كالۇتۇن دوپپا، ئىلمە گۈللۈك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان باسقان دوپپا، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ.

      ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقىنى بادام دوپپا. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.

تەلپەك

      تەلپەك پەقەت كىرىيە ئاياللىرىغىلا خاس بىر خىل باش كىيىم بولۇپ، باشقا رايۇنلارغا ئاساسەن تارقالمىغان.

      كىرىيە ئۇيغۇرلىرى پۈتكۈل ئويغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىچە كىيىنىش ئادەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹كېرىيە ئاياللىرىنىڭ پەرەنجىسى ۋە تەلپىكى›› ھەممىدىن تىپىك كۆرۈنۈشكە ئىگە.

      كىرىيە ئاياللىرى ئاق ياغلىقنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكتىن بىرنى قوندۇرۇپ كىيىۋالىدۇ. بۇنداق كىچىك تەلپەكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاستىنقى دىئامېتىرى ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ.

      كېرىيە ئاياللىرى ئەسلىدە بۇ كىچىك تەلپەكنى ئۆزىنىڭ <جۇۋان تويى> بولغان كۈندىن ئىتىبارەن كىيىشكە باشلايدۇ. تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ. شۇڭا تەلپەكنى <جۇۋانلىق دەۋرىنىڭ ئۆزگىچە بىر خىل بەلگىسى> دىيىشكە بولىدۇ.

پوتا باغلاش ۋە چۈمبەل تارتىش

      ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلاشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئەرلەرگە خاس مەردانىلىك ۋە چەبدەسلىكنىڭ نىشانى، دەپ بىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يۈزىگە چۈمبەل تارتىش، ياكى باش ياغلىقى بىلەن يۈزىنى ئوراش ئادىتى، ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلىدە ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەبلەر ئارقىلىق ئويغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان.

ئەرلەر كىيىملىرى

      ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر ساقال – بۇرۇتىغا تىغ تەگكۈزمەيدۇ. بېلىگە قىزىل، ياكى گۈللۈك پوتا باغلاپ، يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ.

توي قىلغاندىن كېيىن بۇرۇتىنى ياسىتىپ، ‹‹چاشقان بۇرۇت›› قويىدۇ. ئەمما ساقال قويمايدۇ، ئۆتۈك كىيىدۇ.

      خوتۇنىنى قويىۋەتكەن بويتاق يىگىتلەر، بېلىگە سېرىق پوتا باغلايدۇ. بۇ، بويتاق ئىكەنلىكىنىڭ بىشارىتى.

      ئادەتتە بالىلىق بولغان ئەرلەر، كىچىك ‹‹كەركە ساقال›› (بودەك ساقالمۇ دىيىلىدۇ) قويۇۋالىدۇ. نەۋرىلىك بولغاندا، بۇرۇتى بىلەن ساقىلىنى تۇتاشتۇرىدىغان‹‹نوقتىلىق ساقال›› قويىدۇ ھەم داقال (ئاستى كالپۇك تۈكى)نى قويىۋىتىدۇ. بېشىغا بادام دوپپا، ياكى باشقا خىلدىكى گۈللۈك دوپپا كىيىدۇ.

ياشانغان ئەرلەر چوڭ ساقال قويۇپ، گۈللۈك دوپپا كىيمەي قارا، ياكى يېشىل سىدام دوپپا كىيىدۇ. تەقۋادارلىرى بولسا بېشىغا سەللە ئورايدۇ، ئۇزۇن تون چاپان كىيىدۇ.

      ئومۇمەن، قىرىق ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئۆزىگە لايىق ساقال قويمىسا، ئامما ئارىسىدا سۆز - چۆچەككە قالىدۇ. ‹‹سۆز كۆرىكى – ماقال، ئەر كۆرىكى – ساقال›› دېگەن تەمسىل مۇشۇ ھالەتكە قارىتىلغان.

      يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە قاراپ، ئەرلەرنىڭ ياش ئۆلچىمى، تۇرمۇش ئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر