باش بەت | كېيىم–كېچەك

ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيىتى

       دوپپا — ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم – كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. لېكىن بۇگۈنكى كۈندە دوپپا – ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىر چىراغلىرى ياكى بولمىسا سەھنىدىلا كىيىدىغان باشقا چاغلاردا تاشلاپ قويىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

      دوپپا — ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. بۇنداق بولۇشىدا مۇنداق ئاساس بار: ئۇيغۇرلار تارىختا ئەڭ كۆپ دىنغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، شامانىزىم، يەنى ئىپتىدائىي قۇياش ئېتىقادچىلىقنىڭ مەھسۇلى بولغان دوپپىدىن تا ھازىرغىچە ئايرىلىپ باقمىغان، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق مۇراسىمى، چوڭ – كىچىك پائالىيەتلىرى دوپپىسىز بولمىغان. باتۇر، ئەمگەكچان، گۈزەللىككە تەلپۈنىدىغان ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى دوپپىنىڭ نۇسخىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، گۈل – نەقىشلىرىنى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، بۇ جەھەتتە مىسلىسىز تۆھپىلەرنى قوشقان. بۈگۈنكى كۈندىكى بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، مارجان دوپپا قاتارلىقلار دەل شۇلارنىڭ مەھسۇلى. شۇنداق بولغاچقا، بىز دوپپىنى بېشىمىزدا كۆتۈرىمىز ۋە ئۇنى يېقىن ئادىمىمىزگە سوۋغا قىلىمىز. چۈنكى، دوپپا – بىزنىڭ كۆڭلىمىز.

      شۇنداق، بىز دوپپىمىزدىن سۆيىنىمىز، دوپپا كىيگەنلەرنى ئۆز كۆرىمىز، ھەر خىل ھېيت – بايرام، توي- تۆكۈن، نەزىر – چىراغ، ھەتتا ھەر بىر كۈنىمىزنى دوپپا كىيىپ ئۆتكۈزىمىز.

      بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، دوپپىنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنىنى باشقا ھەر قانداق باش كىيىم بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. مانا بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ياراتقان ھەم بېيىتقان دوپپا مەدەنىيىتى. ئەمما بىزنى ئويلاندۇرىدىغىنى دوپپىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە راست بولغان مۇنداق مىسالنى سۆزلەپ ئۆتەيلى:

      يېقىندا مەلۇم بىرەيلەن دوپپا كىيىپ ئىشقا بېرىپتۇ، خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى: بۇ كىشىنىڭ دوپپا كىيىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيدە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ يېقىن – تۇققانلىرىڭىزنىڭ بىرەرسى قازا قىلدىمۇ؟ دەپ سوراپ كەچكىچە ئارام بەرمەپتۇ. كوچىدا ئۇچرىغان تونۇش – بىلىشلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۇئاللار بىلەن ئۇنى خېلىلا خاپا قىپتۇ. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.

      دوپپا – ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى تۇرسا، بۈگۈنكى كۈندە نەزىر – چىراغدىلا، يا بولمىسا سەھنىدىلا كىيىدىغان، باشقا چاغلاردا تاشلاپ قويىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتمامدۇ؟!

      دېمىسىمۇ ھازىر دوپپىنى ياراشتۇرۇپ كىيگەن قىز- يىگىتلەر ناھايىتى ئاز. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زادى كىم سەۋەپچى!؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىمىز ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئالا – بۇلىماچ نىداسىدا بارغانسېرى تورلىشىپ قېلىۋاتقان كۆزىمىز سەۋەپچى.

      بىز دورامچىلىق بىلەن نېمە مودا بولسا شۇنى قوغلاشتۇق. بىر چىرايلىق دوپپىمىزنى كونىلىق، زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغانلىق، دەپ ھېساپلىدۇق. دوپپا — ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى، كۆركى ۋە بۆكى. شۇڭا بىز دوپپىدىن ئىبارەت ئۆز مەدەنىيەت – مىراسلىرىمىزنى قوغدايلى ۋە قەدىرلەيلى!

 

مەنبە: تەڭتىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر